باش بەت

ئۈمىدجان

344يوللانما
2مەستانە

تويوتا GR Supersport concept ئۇقۇم ئاپتوموبىلى توكيودا نامايان بولدى

مەنبە:ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 13:53 2 ئىنكاس چۈشتى

ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

2018-يىللىق توكيو ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان ئاپتوموبىللار كۆرگەزمىسىدە تويوتا قارمىقىدىكى ئەڭ يېڭى يۇقىرى ئىقتىدارلىق ماركا Gazoo Racing ئۆز قارمىقىدىكى ئۇقۇم ئاپتوموبىل تىپى GR Supersport conceptنى رەسىمىي ئېلان قىلدى. مەزكۇر ئاپتوموبىلنى تويوتانىڭ يېقىنقى يىللاردا دۇنيا چىدامچانلىق لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىغا قاتناشقاندىن كېيىن توپلىغان تېخنىكا ۋە تەجرىبىسىگە ئاساسەن تەتقىق قىلىپ چىققان تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان نۇسخىدىكى ئاپتوموبىل تىپى دەپ قاراشقا بولىدۇ.

تاشقى قىياپەتتىن قارىغاندا يېڭى ئاپتوموبىل دۇنيا چىدامچانلىق لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى مەيدانىدىكى تويوتا TS050 HYBRID مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ ياسىلىش تىپىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلتۈرگەن، بىراق مۇسابىقە ئاپتوموبىلىغا خاس بىگىزسىمان ياسىلىش تىپى يېڭى ئاپتوموبىلدا سەل ئازايتىلغان ھەمدە ئەڭ ئالدى قىسىمىغا تويوتانىڭ LOGOسى ئورنىتىلغان. كۆتۈرۈلۈپ چىققان چاق ئەگمىسىگە ئوتتۇرىغا ئورنىتىلغان ئولتۇرۇش بۆلمىسى قوشۇلۇپ يەنىلا بىر مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.

يان تەرىپىدىن يېڭى ئاپتوموبىلدا بارلىق ياسىلىش تىپى لايىھەسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئايرودىنامىكا ئىلمىنى قوغلاشقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز، يان تەرىپىدىكى چوڭ تۆشۈك ھاۋانى ئالدى ماتور قاپقىقى ئۈستى قىسىمىدىن بىۋاسىتە يان ئېتەك قىسىمىغا باشلاپ، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ تۆۋەنگە يۆنەلگەن بېسىمىنى ئاشۇرىدۇ. يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ قۇيرۇق قىسىمىنىڭ لايىھەسى ئوخشاشلا ئاكتىپ بولۇپ، ساپ كاربون تالا ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى يەنىمۇ يېنىكلەتكەن.

ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى قىسىمىدا يېڭى ئاپتوموبىلغا دۇنيا چىدامچانلىق لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدىكى تويوتا TS050 بىلەن ئوخشاش THS-R ئارىلاش موتور سىستېمىسى قوللىنىلغان، 2.4L V6 قوش تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق موتورغا ئالدى-ئارقا ئىككى ئېلېكتىر موتور ماسلاشتۇرۇلغان، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 1000 ئات كۈچى. ئەمما مەزكۇر ئاپتوموبىلنىڭ ئەڭ تېز سۈرئىتى ھەمدە تېزلىنىش نەتىجىسى ئاشكارىلانمىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • كاۋاپچى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئوۋ TOYOTAياپۇنىيە ماشىنا كارخانا ئىچىدە ئۇلگە دەپ قارايمەن جىمۇ ئىشقىلىپ ئامىركىنڭ jeep تىنمۇ نوچى ھەم تۇرى كۆپ ياخشى ھەم ماي تىجەيدۇ

  • قايدا سەن1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ ماشىنىڭ سەتلىكىگە گەپ كەتمەيدۇ،،،،، لىكىن مۇسابىقە ماشىنىسى مۇشتا بۇلىدۇدە،،،،، سۈرئەتنىلا قوغلاشقاندىكىن باشقا جەھەتتە بەكمۇ ئويلىشىپ كەتمەيدۇ ،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号