باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

13292يوللانما
1328مەستانە

بىرەد پىت سابىق ئايالى جەننىفېر نىكاھىنىڭ بۇزۇلۇشىدىكى بىر سەۋەبكە ئايلاندى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 11:57 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇسى Life&Styleنىڭ خاس خەۋىرىگە قارىغاندا، جەننىفېر ئانىتون بىلەن يولدىشى جاستىن سېلوكسنىڭ مۇناسىۋىتىدە مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇپ، ئىككەيلەننىڭ ئايرىلىپ تۇرىۋاتقىنىغىمۇ خېلى بىر مەزگىل بولغان. بۇ مەسىلىنىڭ ئوت پىلتىسى بولسا، ئانىتوننىڭ سابىق يولدىشى بىرەد پىت بىلەن قايتىدىن دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشىدىن ئىكەن.

بۇ خەۋەرنى ئاشكارىلىغۇچىنىڭ دېيشىىچە، ئىككەيلەن 2017-يىلدا ھېچقانچە بىرگە ئۆتمەي، مۇناسىۋىتى شەرق-غەرب ئىككى قىرغاقتەك بولۇپ كەتكەن شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتلاردا ئايرىم-ئايرىم شەھەردە تۇرغان. ئىككەيلەن بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا قايتىدىن جەم بولۇپ، دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە مېكسىكىدا ئارام ئالغان. «ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرى يالغۇز بارسا، بەلكىم نېمە دېيشىىنى بىلەلمەي قېلىشى مۇمكىن، دوستلىرى بىلەن بارسا خېلىلا ئازادە بولۇپ قالىدۇ».

intouchweeklyقا ئاشكارىلانغان يەنە بىر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئانىتون بىلەن سېلوكسنىڭ ئولتۇراقلىشىش مەسىلىسى ئىزچىل ھەل بولمىغان بولۇپ، ئەرنىڭ نيۇيوركقا بارغۇسى بولسا، ئايال بولسا لوس ئانجىلىسنى ياخشى كۆرىدىكەن. ئىككەيلەن 2007-يىل «تىروپىك بەلباغتىكى گۈلدۈرماما» (热带惊雷) ناملىق كىنونىڭ فىلىم ئىشلەش مەيدانىدا تونۇشۇپ، 2012-يىلى «سەيلە قىلىش» (漫游)تا ھەمكارىلاشقاندىن كېيىن مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 2015-يىلى توي قىلغان.

ماقالىدە دېيىلىشىچە، ئانىتون بىلەن پىت پاراڭلاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھازىرقى مۇناسىىۋىتى 2005-يىلى ئاجراشقاندىن كېيىنكى «ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان يېقىنچىلىق» ھالىتىدە ئىكەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن پىتمۇ ئانىتون بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە خاتا ئىشلارنى كۆپ قىلغانلىقىنى ھەمدە كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، ئانىتون بۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن. ئارقىدىن ئىككەيلەن ئۆز-ئارا قارشى تەرەپنىڭ تۇرمۇشىدىكى قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كېتىشىگە ياردەم قىلغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号