باش بەت

نۇسرەتگۈل

8936يوللانما
149مەستانە

ئاۋسترالىيەدە بىر خالتىلىق ئېيىق تۈۋرۈككە مىخلاپ قويۇلدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 11:49 5 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئاۋسترالىيە بىرىسبەن شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى بىر باغچىدىن تۈۋرۈككە مىخلاپ قويۇلغان بىر خالتىلىق ئېيىق بايقالدى. ئۇ بايقالغاندا ئاللىبۇرۇن ئۆلۈپ قالغان بولۇپ، ئۆلۈشتىن ئىلگىرى ياكى كېيىن مىخلاپ قويۇلغانلىقىنى بىلگلى بولمىدى. بىراق، بۇ ئىش شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغىدى، ياۋايى ھايۋاناتلارنى قۇتقۇزۇش تەشكلاتىدىكىلەرنى يىرگەندۈردى.

ئەنگىلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كىۋېنسلەند ئىشتاتىدىكى خالتىلىق ئېيىقلارنى قۇتقۇزۇش تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا بۇ خالتىلىق ئېيىقنىڭ 9-يانۋار قۇياش نۇرى دېڭىز ساھىلىغا يېقىن جىمپىي شەھىرىدىكى بىرۇلۇ باغچىسىدىن (Brooloo) بايقالغانلىقى كۆرسىتىلگەن. قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ باياناتچىسى مۇررېي (Murray Chambers): «مەن بەك بىئارام بولۇپ كەتتىم، بۇ ھالەتنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلمىدىم» دېدى.

ئۇ يەنە: «ئاجىز ۋە گۇناھسىز ھايۋاناتلارغا ھۇجۇم قىلىش ئۇلارنى كۆزگە ئىلمىغانلىق. قانداق ئادەم مۇشۇنداق رەزىل ئىش قىلالايدىغاندۇ؟» دېدى. 10-يانۋار قۇتقۇزۇش ئەترىتىدىكىلەر باغچىنى يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈپ خالتىلىق ئېيىق مىخلىنىشتىن ئىلگىرى تىرىك ياكى ئۆلۈكلىكىنى بىلمەكچى بولدى.

ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغىنى بۇ ئىش تۇنجى قېتىم يۈز بەرمىگەنىدى. خالتىلىق ئېيىقلارنى قۇتقۇزۇش ئەترىتىدىكىلەر دائىم ئۇلارنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ياكى كاللىسى كېسىۋېتىلگەنلىكىنى ئۇچرىتىپ تۇرىدۇ. ئەترەت ئەزاسى رەي (Ray Chambers): «جەمئىيىتىمىزدىن قانداق چاتاق چىققاندۇ؟ ھايۋاناتلارنى خورلىغانلارغا چوقۇم ئېغىر جازا بېرىلىشى كېرەك» دېدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • كۆزنەك6 كۈن ئىلگىرى

    مىنىڭچە بىرسى مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق غۇلغۇلا قوزغاپ خالتىلىق ئىيىققا تىخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىمىكىن، ھەر ئىشنىڭ سەۋەبى بار

  • پالتاخۇن6 كۈن ئىلگىرى

    شۇ جايدىكلەر ئەمەس مىنىڭمۇ غەزپىم كىلۋاتېدۇ

  • مارشال09031 ھەپتە ئىلگىرى

    نىمە دىگەن رەزىل قىلمىش،، ئۇ ئادەمنى تاپالىسا مۇشۇ ئېيىققا ئوخشاش مىخلاپ قويسا بولغۇدەك

  • بىتەلەي1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئاشۇ بىچارە ئېيىقچاقنى تۇرۇككە مىخلىغان ئادەمنى تېپىپ شۇنىمۇ تۇرۇككە مىخلاش جازاسى بەرسە بەك ياخشى بولىدۇ

  • بىتەلەي1 ھەپتە ئىلگىرى

    مىنىڭ كوز قارشىم مۇشۇ دۇنيادا ھايۋانلاردىمۇ قورقۇنۇشلۇق بولغان مەخلۇق بىز ئىنسانلار ....نىمە دىگەن رەزىللىك...

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号