باش بەت

ئادىلجان

7766يوللانما
95مەستانە

ئاسترونوملار قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ «كېكىرىدىغان»لىقىنى بايقىدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 12:30 8 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورىنىڭ 13-يانۋاردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەمەلىيەت قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئادەملەرنىڭ كېكىرىشىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئادىتى بارلىقىنى ئىسپاتلىدى، ئاسترونوملار يېقىندا ئالەم بوشلۇقىدىكى بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ كېكىرگەن ۋاقىتتىكى سۈرەتلىرىنى قولغا چۈشۈردى، بۇ قاراڭغۇ ئۆڭكۈر بىر قېتىم كېكىرمەستىن، ئۇدا ئىككى قېتىم كېكىرگەن. ئاسترونوملار ئىنسانلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئالەم بوشلۇقىنى كۆزىتىش قورالى خۇببل تېلېسكوپى ۋە چاندېرا ئالەم بوشلۇقى تېلېسكوپىنى ئىشلىتىپ ئىككى خىل ئوخشىمىغان ئۈسكۈنىدە يىراق يۇلتۇز سىستېمىسىدىكى ئىسسىق گاز ئېتىلدۇرۇپ چىقىدىغان قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنى كۆزەتكەن. بۇ SDSS J1354 + 1327 ناملىق يۇلتۇز سىستېمىسى يەرشارىغا تەخمىنەن 800 مىليون يورۇقلۇق يىلى كېلىدۇ. 

ئاسترونوملار بۇ ھەپتە ئامېرىكا ئاسترونومىيە جەمئىيىتىنىڭ بىر قېتىملىق يىغىنىدا يۇقىرىقى كۆزىتىش نەتىجىسىنى تونۇشتۇردى، سۈزۈك سۈرەتتە بىر غايەت زور كېكىرىش ھالىتى قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ سول تەرىپىدىن ئېتىلىپ چىققان، بۇرۇنقى كېكىرگەن ۋاقىتتىكى قالدۇق ماددىلارنىڭ ئاستى تەرەپتە چېچىلىپ ياتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. گەرچە بۇ ئىككى قېتىملىق ئاسترونومىيە ھەرىكىتىنىڭ ۋاقىت ئارلىقى تەخمىنەن 100 مىڭ يىل دەپ قارالغان بولسىمۇ، ئەمما بىز قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ ھەرىكىتىنى تىلغا ئالغان ۋاقتىمىزدا بۇ ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ كېكىرىشىنىڭ سەۋەبى ئۇ ئەتراپىدىكى ماددىلارنى زور تۈركۈمدە ئىشلىتىۋېتىپتۇ. بۇ قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ قورسىقى ھازىر زور مىقداردىكى ماددىلار بىلەن تولماقتا. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • 伊犁的 Balag1 ھەپتە ئىلگىرى

    يۈز مىڭ يىل بەك ئاز مۆلچەرلىنىپ قاپتۇ مىنىڭچە

  • ئەلۋىدا كەچمىشىم1 ھەپتە ئىلگىرى

    موھاكىمە ئىسىملىك تورداش، ئىنكاسىڭلىغا قايىل بولدۇم، ئاپىرىن

  • ۋاپادىل☺1 ھەپتە ئىلگىرى

    قاراڭغۇ ئۆڭۈرنىڭ ئاشقازىنى ئانچە ياخشى ئەمەسكەن، يۇلتۇز، سەييارىلەرنى چىق يەپ ئېشى ئارتىپ قاپتۇ

  • مۇھاكىمە1 ھەپتە ئىلگىرى

    كى قاتارلىق تۇراقلىقلىقلارنىڭ قىممىتىدە ئالەمنىڭ كېڭىيىش تارىيىشىغا ئەگىشىپ ئوزگىرىش بۇلۇپ تۇرىدۇ،ھازىرقى بىر قىسىم ئىسپاتلارغا ئاساسلانغاندا يىراق ئوتمۇشتە ھازىرقىدەك قىممەتكە ئىگە بولمىغان . قاراڭغۇ ئۇڭكۇرىنىڭ كىكىرىش مەسلىسىگە كەلسەك ئۇ قاراڭغۇ ئۇڭكۇرنىڭ ماسسىسى ئۇنىڭ ھەجىمى ئىگە بۇلۇشقا تېگىشلىك ماسىسىسىدىن ئېشىپ كەتكەندە (بۇخىل ھادىسە ئاساسلىقى قاارڭغۇ ئۇڭكۇرنىڭ ئوز ئوقىدا ئايلىنىشى ياكى ئېلىكتېر-ماگىنىت مەيدانىدا ئوزگىرىش يۇز بەرگەندە ياكى تارايغاندا كۈرۇلۇشى مۇمكىن ) يۇز بىرىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن ، بىراق بۇنى تېخىمۇ كونكىرىت ھىساپلاش ۋە كۆزىتىش ئارقىلىق ئىسپاتلاش كېرەك.

  • مەمەت مەنتەڭ1 ھەپتە ئىلگىرى

    قارىغاندا بىز مەلۇم بىر چوڭ نەرسىنىڭ قورسىقىدا ياشاۋاتقان ئوخشايمىز

  • بۇيرۇق1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئاز يىگەن جىق يەيدۇ جىق يىگەن پوق يەيدۇ دەپ ئاخىرى سىڭدۈرەلمەي قەۋزىيەت سوقۇر ئۈچەي بوپ ئۆلىدۇ،

  • mr.MRN1 ھەپتە ئىلگىرى

    نىمىدىگەن چەكسىز ئالەم 800مىليون نۇر يىلى ئارلىقنى تەسۋىرلەپمۇ بولالمىغۇدەكمەن.

  • مۇھاكىمە1 ھەپتە ئىلگىرى

    سىنگولىيار نوقتا مەۋجۇت ئەمەس ، بىز ياشاۋاتقان ئالەم بىر قاراڭغۇ ئۇڭكۇردۇر ، ئېينىشتىيىننىڭ ئالەم تەڭلىمىسىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلساق ئېينىشتىيىن ئوتتۇرىغا قويغان چەكسىز ئەمما چىگىرىسى بار ئالەمنىڭ چىگىرىسىنىڭ ماھىيەتتە قاراڭغۇ ئۇڭكۇرنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان شىۋارزچىلىد ھورزونىنىڭ يىشىمى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز ، ئىشەنمىسەڭلار قايتا قايتا قاراپ ھىساپلاپ باقساڭلار بۇلىدۇ ، ئەمەلىيەتتە بىز ياشاۋاتقان ئالەممۇ ناھايىتى كوپلىگەن قاراڭغۇ ئۇڭكۇرنى ئوز ئىچىگە ئالغان قاراڭغۇ ئۇڭكۇردۇر ، ئىسپات دەمسىلەر ، ئالەمنىڭ ناسا ئولچەپ چىققان ئوتتۇرىچە زىچلىقىنى قاراڭغۇ ئۇڭكۇرنىڭ ماسسا ۋە رادىئوسىنى ھىساپلايدىغان تەڭلىمىگە قۇيۇپ ھىساپلىساڭلار شارسىمان ، تىنىچ (ئوز ئوقىدا ئايلانمايدىغان)، ماگىنىت مەيدانىسىز،دەپ قارالغان ئالەمنىڭ رادىئوسى چىقىدۇ ، بۇنىڭ قىممىتىمۇ ناسا ئوتتۇرىغا قويغان ئالەم رادىئوسى ئولچەش نەتىجىسىدىن ئۇچ ھەسسىلا كوپ چىقىدۇ ، بۇ بىر تاسادىپىيلىق ئەمەس، غۇۋا ماددىنىڭ تەقرىبى ماسىسىنى ئويلىشىپ ھىساپلاپ چىقساق يۇقارقى پەرق سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدىغان ماسسا پەرقىنىڭمۇ يوق دىيەرلىك ئىكەنلىكىنى كەلتۇرۇپ چىقارغىلى بۇلىدۇ.دىمەك غوۋا ماددىمۇ يوق ، ئۇ پەقەت بىز تېخى كۇزىتەلمىگن ئالمنىڭ باشقا جايلىرىنىڭ ماسسىسىدىن ئىبارەت خالاس. يەنە بىر نوقتا شۇكى بىزنىڭ ئالەممۇ ئوز ئوقىدا ئايلىنىدۇ ۋە ئاجىز ماگىنىت مەيدانىغا ئىگە ، ئالەمنىڭ كېڭىيىشىنىڭ چىكى بار ، ئو بولسىمۇ ئالەمنىڭ شىۋازچىلىد ھورزۇنىدىكى ماددى نوقتىنىڭ سىزىقلىق تىزلىكى يۇرۇقلۇق تىزلىكىدىن ئارتماسلىقى كېرەك، ئالەملىك تارتىشىش كۈچى تۇراقلىقى ، يۇرۇقلۇق تىزلىكى قاتارلىق تۇراقلىقلىقلارنىڭ قىممىتىدە ئالەمنىڭ كېڭىيىش تارىيىشىغا ئەگىشىپ ئوزگىرىش بۇلۇپ تۇرىدۇ،ھازىرقى بىر قىسىم ئىسپاتلارغا ئاساسلانغاندا يىراق ئوتمۇشتە ھازىرقىدەك قىممەتكە ئىگە بولمىغان .
    قاراڭغۇ ئۇڭكۇرىنىڭ كىكىرىش مەسلىسىگە كەلسەك ئۇ قاراڭغۇ ئۇڭكۇرنىڭ ماسسىسى ئۇنىڭ ھەجىمى ئىگە بۇلۇشقا تېگىشلىك ماسىسىسىدىن ئېشىپ كەتكەندە (بۇخىل ھادىسە ئاساسلىقى قاارڭغۇ ئۇڭكۇرنىڭ ئوز ئوقىدا ئايلىنىشى ياكى ئېلىكتېر-ماگىنىت مەيدانىدا ئوزگىرىش يۇز بەرگەندە ياكى تارايغاندا كۈرۇلۇشى مۇمكىن ) يۇز بىرىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن ، بىراق بۇنى تېخىمۇ كونكىرىت ھىساپلاش ۋە كۆزىتىش ئارقىلىق ئىسپاتلاش كېرەك.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号