باش بەت

ئىدىقۇت887

7395يوللانما
16مەستانە

ھىندىستاندىكى كەم كۆرۈلىدىغان تۇتاش تەنلىك قوشكېزەك ھايات قالدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 12:03 0 ئىنكاس چۈشتى

Catersnews تور بېكىتىنىڭ 1-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستاندىكى ساجان خاتون (Sajan Khatoon) ئىسىملىك 21 ياشلىق قىز 1-ئاينىڭ 8-كۈنى مەلۇم شەخسىي ئامبولاتورىيىدە ناھايىتى كەم كۆرۈلىدىغان تۇتاش تەنلىك قوشكېزەك بوۋاق تۇغقان بولۇپ، بۇ قوشكېزەك بوۋاقلارنىڭ قورساق قىسمى ئۆز ئارا تۇتىشىپ كەتكەنىدى، لېكىن بۇ بىچارە قىز بالىسى تۇغۇلۇپ نەچچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن بەختكە قارشى ئۆلۈپ كەتكەن.

بۇ قوشكېزەك بوۋاقلارنىڭ پۇت-قولى نورمال شۇنداقلا يۈرىكى ۋە باشقا ئەزالىرىمۇ ئايرىم-ئايرىم بولۇپ، لېكىن قورساق قىسمىنىڭ ئۆز ئارا تۇتىشىپ كېتىشى ئۇلارنىڭ ناھايىتى مۇھىم بولغان بىر ئەزاسىنى ئورتاق ئىشلىتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. بۇ شەخسىي ئامبولاتورىيىدە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە بالىلار دوختۇرى كەمچىل بولغاچقا، ئامبولاتورىيە تەرەپ تۇتاش تەنلىك بوۋاقلارنىڭ كۆرۈشكە راجېش كۇمار  (Rajesh Kumar) ئىسىملىك بالىلار كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسىنى تەكلىپ قىلغانىدى.

دوكتور راجېش كۇمار مۇنداق دېگەن:«مەن بۇ تۇتاش تەنلىك بوۋاقلارنى كۆرگەن چېغىمدا، بالىلار خۇددى ھېچقانداق ھاياتلىق ئالامىتى يوقتەكلا مىدىرلىماي ياتاتتى. مەن ئۇلارنىڭ بەدىنىنى غىدىقلاپ ئازراق شامال ئۆتۈشتۈرگەندىن كېيىن، بوۋاقلار ناھايىتى تېزلا كۆزىنى ئېچىپ قىرقىراپ يىغلاشقا باشلىدى».

گەرچە بۇ بالىلاردا كۆزىنى ئېچىش يىغلاشتەك ئىنكاس پەيدا بولغان بولسىمۇ، لېكىن دوكتور راجېش كۇمار ئۇلارنى مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈش تەكلىپى بەرگەن، لېكىن بوۋاقنىڭ دادىسى بۇ بوۋاقلارنى ئايالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىۋەتكەن، تۇتاش تەنلىك قوشكېزەكلەرنىڭ تاغىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن:«ھازىر قوشكېزەكلەرنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، بىز ئۇلارغا سوسكا ئارقىلىق سۈت ئىچكۈزۈۋاتىمىز».

بۇ تۇتاش تەنلىك قوشكېزەكلەرنىڭ تۇغۇلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر كەنتكە پۇر كەتكەندىن كېيىن، كەنت ئەزالىرى بەس-بەستە ئۇلارنى كۆرگىلى كەلگەن، گەرچە بەزى كىشىلەر بۇ بىر جۈپ قوشكېزەكلەرنىڭ سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنە بەزى كىشىلەر بۇ بىر جۈپ قوشكېزەك بوۋاق ئاپىسىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان دەپ ئەيىبلەشكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号