باش بەت

ئۈمىدجان

448يوللانما
2مەستانە

يۈنچۆ Q1 ئاپتوموبىلىنىڭ ئورگان سۈرىتى رەسىمىي ئېلان قىلىندى

مەنبە:ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 12:59 0 ئىنكاس چۈشتى

ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يۈنچۆ ئورگان تەرەپ قارمىقىدىكى ئەڭ يېڭى ئاپتوموبىل تىپى يۈنچۆ Q1 ئاپتوموبىلىنى رەسىمىي ئېلان قىلدى، يېڭى ئاپتوموبىل كىچىك تىپلىق ئاپتوموبىل دەپ بېكىتىلگەن ھەمدە بۇ يىل 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىسى ئەتراپىدا رەسىمىي بازارغا سېلىنىپ سېتىلىدۇ. ئىگىلىنىشچە، يېڭى ئاپتوموبىل تۆت خىل تىپتا چىقىرىلغان بولۇپ، ئالدىن سېتىلىش باھا دائىرىسى 49 مىڭ 800 يۈەندىن 63 مىڭ 800 يۈەنگىچە ئىكەن. تەپسىلىي باھا ئەھۋالى يۇقىرىقى جەدۋەلدە كۆرسىتىلگەندەك.

ئورگان تەرەپ ئېلان قىلغان سۈرەتتىن قارىغاندا، يېڭى ئاپتوموبىلغا چاڭئەن CX20 ئاپتوموبىلىنىڭ لايىھە ئۇسلۇبى قوللىنىلغان ھەمدە ئىچكى جايلىرى ئۆزگەرتىلگەن ۋە تەڭشەلگەن. يېڭى ئاپتوموبىلغا نىسبەتەن يۇمىلاق تاشقى قىياپەت لايىھەسى قوللىنىلغان، ئوڭ-سول ئىككى تەرەپتىكى رومبىسىمان چوڭ چىراغ گۇرۇپپىسىغا تۈز شارقىراتما شەكلىدىكى ئالدى ھاۋا كىرىش سالاسۇنى قوللىنىلغان، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى يۈزىنى قارىماققا ئىنتايىن تونۇش تۈسكە ئىگە قىلغان. بىرلا ۋاقىتتا ئاستى تەرىپىدىكى شوتا شەكىللىك ھاۋا كىرىش ئېغىزى ۋە ئىككى تەرىپىدىكى ياسىلىش تىپى ئاشۇرۇلغان تۇمان چىراغ تۆشۈك ئېچىلغان لايىھەسى يېڭى ئاپتوموبىلغا بىر ئاز سپورت پۇرىقى قوشقان.

ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ يان تەرىپىدە قوش بەل سىزىق لايىھەسى قوللىنىلغان، بىر بەل سىزىق ئالدى چاق قېشىنى كېسىپ ئۆتۈپ قۇيرۇق قىسىمىغىچە بارىدۇ، بىرلا ۋاقىتتا قوش بەل سىزىق لايىھەسى مەزكۇر ئاپتوموبىلنىڭ كۆرۈش ئۈنۈمىنى ئۇزارتقان ھەم مەزكۇر ئاپتوموبىلنى ئالدىغا شۇڭغۇغان تۇيغۇغا ئىگە قىلغان. بۇنىڭدىن سىرت، مەزكۇر ئاپتوموبىلنىڭ قۇيرۇق قىسىمى تولغان، سىزىقلىرى ئىخچام كۆرۈنىدۇ، مەزكۇر ئاپتوموبىلنى قارىماققا تېخىمۇ ئەمەلىي كۆرسەتكەن. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، يېڭى ئاپتوموبىلغا ئېسىلغان ماركا LOGOسى بىلەن ليەنخۇا ئاپتوموبىلچىلىقىنىڭ ماركا LOGOسى بىردەك، بىزگە نەچچە ئۈلۈش تونۇشلۇق تۇيغۇسى بېرىدۇ. يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك، ئېگىزلىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 3970/1730/1615mm، ئوق ئارىلىقى 2450mm.

ئىچكى بېزەك جەھەتتە مەزكۇر ئاپتوموبىلنىڭ پۈتكۈل گەۋدىسى قارا رەڭنى ئاساس قىلغان ھەمدە ئاپتوموبىل ئىشىكى بېزەك تاختىسى قاتارلىق ئورۇنلار خىروم يالىتىلغان ئېلېمېنتلار بىلەن زىننەتلەنگەن، مودا پۇراق بەرپا قىلغان، ئەمما ھازىرقى ياش ئىستېمالچىلارنىڭ گۈزەللىك قارىشى بويىچە قارىساق، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئىچكى بېزىكى يەنىلا كونىچە كۆرۈنىدۇ. سەپلىمە جەھەتتە يېڭى ئاپتوموبىلغا توكلۇق تۈڭلۈك، توكلۇق ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكى، كۆز چېقىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكى، تىزگىنەكلىك ئاچقۇچ قاتارلىقلار سەپلەنگەن. بۇنىڭدىن سىرت، ئاپتوموبىل تىپىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تۈڭلۈك ھەمدە مەركىزىي كونترول سۇيۇق كىرىستاللىق ئېكران، ئارقىغا ياندۇرۇش تەسۋىرى قاتارلىقلار تەمىنلىنىدۇ.

بىخەتەرلىك سەپلىمىسى جەھەتتە يېڭى ئاپتوموبىلغا ABS+EBD، باش، قوشۇمچە بىخەتەرلىك ھاۋا خالتىسى، ئارقا تۇمان چىرىغى قاتارلىقلار سەپلەنگەن. ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى جەھەتتە ئورگان تەرەپ تېخىمۇ بۇ ئاپتوموبىلغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلمىدى. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号