بېتا تورىنىڭ 13-يانۋادىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بۈگۈن ئالما ھوقۇق بەرمىگەن مۇلازىمەت كارخانىسى Office Depot and OfficeMax بۈگۈندىن باشلاپ 2-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە كونا نۇسخىدىكى iPhone باتارېيەسىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىش مۇلازىمىتىنىڭ باھاسىنى 27.99 دوللارغا چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى، بۇ باھاس ئالمىنىڭ 29 دوللارلىق باتارېيە ئالماشتۇرۇش باھاسىدىن بىر دوللار ئەرزان. Office Depot and Office Ma بۇرۇن بۇ مۇلازىمەتكە 49.99 دوللار ئېلىپ، iPhone 5c ،5s ،6 ،6 Plus ،6s ،6s Plus ،7 ،7 Plus ۋە SEلارغا باتارېيە ئالماشتۇرۇپ بېرەتتى.
بۇ مۇلازىمەت كارخانىسى تور بېكىتىدىن ئىگىلىنىشچە، بۇ شىركەت شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە ئالماشتۇرۇپ بېرىشكە ۋەدە قىلغان، شۇ كۈنى ئالماشتۇرۇپ بېرەلمىسە باھانى 25 دوللارغا تۆۋەنلىتىدىكەن. كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى، بۇ مۇلازىمەت كارخانىسى ئالما ھوقۇق بەرگەن كارخانا ئەمەس، يەنى ئۇلارنىڭ باتارېيەسىنى ئالما تەمىنلىمىگەن، ئۈچىنچى تەرەپ باتارېيەسىنى سەپلىسىڭىز بەلكىم ئالمىنىڭ رېمونت كاپالىتى كۈچتىن قېلىشى مۇمكىن. ئەمما كارخانا باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇلارنىڭ باتارېيەسى ئالمىنىڭ بىر iPhoneنىغا بېكىتىلگەن ئۆلچەم بويىچە ياسالغانىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ باتارېيەگە بىر يىللىق سۈپەت كاپالەت ۋاقتى بېرىدىكەن.
گەرچە ھازىر زور تۈركۈمدىكى ئىشلەتكۈچىلەر ئالما بىۋاستە سېتىش دۇكىنى ۋە ھوقۇق بېرىلگەن مۇلازىمەت ئورنىغا بېرىپ iPhone باتارېيەسىنى ئالماشتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن جايلاردىكى مۇلازىمە نۇقتىسىدا باتارېيە قىس بولۇپ، ئالدىن كېلىشىشتە ئاز بولغاندا 3-ئايغىچە ساقلاش كېرەك. ئەمما شۇنداق بولسىمۇ ئۈچىنچى تەرەپ باتارېيە ئالماشتۇرۇش ئورنىغا بارماسلىقىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئەڭ ياخشىسى ئازراق ساقلاپ ئالمىنىڭ ئۆزىدىن ئالماشتۇرۇپ، ئۆچىرەتتە تۇرسىڭىزمۇ باتارېيەرىڭىزنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
مېخانىك3 ئاي ئىلگىرى
ئالما تۇتسا پۇلدار بولامدىكەن كاللاڭ قايسى زاماندا قالغاندۇ
ئابدۇمۇتەللىپ3 ئاي ئىلگىرى
بىزنىڭ خوتەندە 10دوللارئەتراپىدا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ
مېخانىك3 ئاي ئىلگىرى
ئالمىنىڭ باتارىيە زاۋۇتى يۇق باشقا زاۋۇتلار ياسايدۇ شۇڭا بەرىبىر ماشىنىغىمۇ باشقا زاۋۇتنىڭ سايمىنىنى سەپلىسە چاتاق چىقمىغاندەك