باش بەت

نۇسرەتگۈل

10518يوللانما
187مەستانە

بېكەتكە كىرگەن مېترونىڭ ئالدىغا ئىتتىرىۋېتىلگەن ئايال مۆجىزىلەرچە ھايات قالدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 12:44 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگىلىيە «قۇياش گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سان پاۋلونىڭ ئالدىراش مېترو بېكەتلىرىدىن بىرىدە بىر ئايال بېكەتكە كىرگەن مېترونىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن، بۇ قورقۇنچلۇق ئەھۋال بېكەتتىكى كۆزەتكۈگە چۈشۈپ قالغان.

بىراق، بەختكە يارىشا، بۇ ئايال ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قېلىپ بىلىكى سۇنغان ۋە سۈرۈلۈپ كەتكەن. ئۇ ئايال تاراتقۇلاردىن سالاھىيىتى ۋە ئىسىم-فامىلىسىنى ئاشكارىلىماسلىقنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئىش شۇ يەر ۋاقتى 9-يانۋار چۈشتىن كېيىن يۈز بەرگەن بولۇپ، مېترو بېكەتكە كىرگەندە بىر ئايالنى ئارقىدا تۇرغان ئاق كىيىملىك ئەر تۇيۇقسىز ئىتتىرىۋەتكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ھېلىقى ئەر ئۇ ئايالنىڭ رېلىسقا دومىلاپ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ دەرھاللا قېچىپ كەتمەكچى بولغان. بىراق، باشقا يولۇچىلار توسۇۋالغان.

تەكشۈرگۈچىلەر: «جىنايەت گۇماندارى روھىي كېسىلى بارلىقى، شۇ سەۋەبتىن سۇپىدا تۇنجى بولۇپ كۆرگەن ئادەمنى ئىتتىرىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى» دېدى. سان پاۋلو تۆمۈريول باشقۇرۇش تارماقلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئايالنىڭ سۇپا بىلەن رېلىس ئارىسىدىكى بوش يەرگە قىسىلىپ قالغانلىقتىن ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号