باش بەت

ئىدىقۇت887

7094يوللانما
14مەستانە

ياپونىيەدە ئەڭ ئوماق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قىز ئوقۇغۇچىلىرى تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 13:30 3 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

modelpress تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ياپونىيىدىكى ئەڭ ئوماق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قىز ئوقۇغۇچىلىرىنى باھالاپ چىقىش مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا قەدەم قويغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى چېمپىيون 3-ئايدا تاللاپ چىقىلىدىكەن. بۇ مۇسابىقە پۈتكۈل ياپونىيىنى قاپلىغان بولۇپ، ياپونىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ماھىرلار مۇسابىقىگە قاتناشقان، بۇ مۇسابىقە خوككايدو رايونى (Hokkaido)، شەرقىي شىمال رايونى، كانتو رايونى (Kanto region)، كانساي رايونى (KANSAI)، ئوتتۇرا قىسىم رايونى، شىكوكۇ رايونى (Shikoku Area)، كىيۇسۇ (Kyusyu) ۋە ئوكىناۋا (Okinawa) رايونى قاتارلىق رايونلارغا بۆلۈنۈپ ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

جەمئىي 63 نەپەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بۇ قېتىمقى  مۇسابىقىگە  قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 46 نەپەر قىز ئوقۇغۇچى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋەكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن، قالغان 17 نەپەر قىز ئوقۇغۇچى تور داڭدارى سالاھىيىتىدە مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن. ئەڭ ئاخىرىدا 8 نەپەر ماھىر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشالايدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالتە ئوقۇغۇچى ھەر قايسى مۇسابىقە رايونلىرىدىن كەلگەن چېمپىيونلار ئىكەن، قالغان ئىككى قىز ئوقۇغۇچى بولسا غەيرى رەسمىي چېمپىيون ئىكەن.


باش سۈرەت تاللاش x
  • بەخىت ئىزدەپ1 ھەپتە ئىلگىرى

    بىر قىتىم ،،،،،،،،،،،،،،،،

  • بەخىت ئىزدەپ1 ھەپتە ئىلگىرى

    قەشقەردىمۇ ئۆتكۈزدىغۇ بىلمەي قاپسىزدە

  • بۇيرۇق1 ھەپتە ئىلگىرى

    راس چىرايلىقكەن لىكىن سەل لۈكچەك چىراي تۇرامدۇ نىمە،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号