باش بەت

zevmret

288يوللانما
16مەستانە

تەرىتىنى تىزگىنلىيەلمەي قالغۇچە پويىز ساقلىغان خەلق پويىز بېكىتىنى سېسىق پۇرىتىۋەتتى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 12:29 1 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» خەۋىرى، ئاۋسترالىيە سىدنېي تۆمۈر يولىدا 9-يانۋار ئېغىر كېچىكىش ھادىسىسى كۆرۈلۈپ، تاڭ سەھەردە ئىشقا ماڭغان كىشىلەرگە چاتسۋۇدتىن گوردونغا بارىدىغان تۆمۈر يول سىگنالىدا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

كۆپچىلىك ئەسلى سىگنال ئەسلىگە كەلسىلا پويىزمۇ قاتنايدۇ، دەپ ئويلىۋېدى، ئويلىمىغان يەردىن ئەتىگەندىن تارتىپ كەچلىك يۇقىرى دولقۇنغا چىققۇچە، پويىز بېكىتىگە يىغىلغان ئادەملەر بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتتى، لېكىن تاكى ئىككىنچى كۈنىگە قەدەر (10-يانۋار) ئەھۋالدا قىلچىلىك ياخشىلىنىش بولمىدى. تۈركۈملەپ يولۇچىلار پىلاتفورمىدا تۇرۇپ، كېچىكىپ قالغان پويىزنى ساقلاۋاتاتتى، بەزىلەر ھەتتا تەرىتىنى تىزگىنلىيەلمەي قالدى، پىلاتفورما ۋە كۈتۈش زالى قويۇق سۈدۈك پۇرىقى بىلەن تولدى.


بۇنىڭغا نىسبەتەن يېڭى جەنۇبىي ۋالېس ئىشتاتى قاتناش نازارىتىنىڭ باشلىقى ئاندرېۋ كونستانسې سەپىرى كېچىككەن خەلق ئاممىسىدىن ئەپۇ سورىدى، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «كەينى-كەينىدىن چېقىلغان ئۈچ دانە چاقماق تىرانسفورماتور ئىستانسىسى، پويىز يولى ۋە سېگنال بېكىتى قاتارلىقلارنى چېقىپ بۇزۇپ قويغاندا، بۇنى «تەڭرىنىڭ ئىرادىسى» (an act of God) دەيتتۇق.»

كونستانسې ئاشكارا كەچۈرۈم سورىدى، لېكىن كېچىككەن ئاممىنىڭ بېلىتىنى قايتۇرماسلىقتا چىڭ تۇردى، بۇ ئەسلىدىلا غەزەپلەنگەن خەلق ئاممىسىنىڭ تېخىمۇ ئوغىسىنى قاينىتىۋەتتى.

ئاۋسترالىيە رادىئو شىركىتى ABC نىڭ خەۋىرىدە، پىژغىرىم ئىسسىقتا بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان يولۇچىلار بىلەن يېقىندا كېسەل سەۋەبلىك رۇخسەت سورىغان پويىز شوپۇرلىرى قوشۇلۇپ ھەممىسى بۇ قېتىمقى ئېغىر كېچىكىش ۋەقەسىنىڭ «ئەسلى قاتىلى»غا ئايلانغان. غايەت زور ساندىكى يولۇچىلار ئېقىمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، يېڭى جەنۇبىي ۋالېس ئىشتات ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ئايدا ھەپتىسىگە 1500 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزلارنى كۆپەيتتى. ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى كونكرېت ئەھۋال يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلمەكتە.

باش سۈرەت تاللاش x
  • بىئولوگ1 ھەپتە ئىلگىرى

    2000 ئادەم پويىز ساقلىغان بولسا 2000 خىل پۇراق بىرلىشىپ قاڭسىق ئوسۇرۇق سۈيدۈك پۇرىقى بىرىكىپ ناھايىتى سېسىق ھاۋا مەيدانغا كەلگەن بۇلشى مۇمكىن بۇنى تەبئەتنىڭ بۇلغىنىشى دەيمىز بىئولوگىيە بىلىملىرى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号