باش بەت

ئادىلجان

8627يوللانما
123مەستانە

بېزوس «خىيالپەرەس» ئوقۇش مۇكاپاتى فوندىغا 33 مىليون دوللار ئىئانە قىلدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 13:04 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورىنىڭ 13-يانۋاردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامازوننىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جېف بېزوس جۈمە كۈنى ئايالى بىلەن بىرگە «خىيالپەرەس (dreamers)» ئوقۇش مۇكاپاتى فوندىغا 33 مىليون دوللار ئىئانە قىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ «خىيالپەرەس»لەر ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى قانۇنسىز ھالدا ئامېرىكىغا ئېلىپ كەلگەن بالىلارنى كۆرسىتىدۇ. بېزوس ۋە ئۇنىڭ ئايالى TheDream.US ئوقۇش مۇكاپاتى تۈرىگە ئىئانە قىلىۋاتىدۇ. 

بۇ مەبلەغ بۇ تەشكىلات 2014-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئېرىشكەن ئەڭ چوڭ ئىئانە بولۇپ، DACA سالاھىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان 100 نەپەر تولق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىغا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ. 

بىرلا ۋاقىتتا كۆك مەنبەنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ قۇرغۇچىسى بېزوس بىر باياناتتا دادىسىنىڭ كۆچمەن بولۇش ھېكايىسىنى بايان قىلغان بولۇپ، ئىئانە قىلىش ئۇنىڭ جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشتىكى بىر خىل ئۇسۇلى ئىكەنكىنى ئېيتتى. 

ئۇ مۇنداق دېدى:«دادام 16 ياشتسا ئامېرىكىغا كەلگەن، <پېتېرفان ھەرىكىتى>نىڭ بىر قىسمى، ئۇ ئىنگلىزچىنى بىلمەيدىغان ئەھۋالدا بۇ دۆلەتكە كەلگەن. ئۇ دېلاۋىيەر ئىشتاتىدىكى بىر قىسىم داڭلىق تەشكىلاتلارنىڭ ياردىمىدە ناھايىتى زور غەيرەت ۋە ئىشەنچكە ئېرىشتى. دادام بىر داڭلىق پۇقراغا ئايلاندى، ئۇ ۋەتەنگە داۋاملىق جاۋاب قايتۇرۇۋاتىدۇ، ئۇ نۇرغۇن تەرەپلەردە باشقىلار تىلىگەن بەختكە ئېرىشتىم دەپ قارايدۇ.»

TheDream.US ئامېرىكىدىكى 15 ئىشتاتتىكى 70تىن ئارتۇق ئىنىستىتۇت بىلەن ھەمكارلاشقان. بۇ تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار تۆت يىل ئىچىدە 33 مىڭ دوللارلىق ئوقۇش مۇكاپاتى پۇلى ئالالايدىكەن. ئۇنى ئوقۇش ھەققى، دەرسلىك ھەققى ۋە باشقا خىراجەتلەرگە ئىشلىتىدىكەن. بۇ پىلاندا ھازىرغا قەدەر 3000 نەپەر «خىيالپەرەس»كە ياردەم بېرىلدى. 

تىرامپ ھۆكۈمىتى بۇلتۇر 9-ئايدا DACA (بالا ۋاقتىدا ئامېرىكىغا كەلگەنلەرنى قايتۇرۇۋېتىشنى كېچىكتۈرۈش پىلانى)نى بىكار قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. DACA تۈرى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى رەسمىي ئاخىرلىشىدۇ، ئەمما سەيشەنبە كۈنى سان فىرانسىسكودىكى بىر فېدراتسىيە سوتچىسى بۇ پىلاننى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ۋاقتىنچە توختاتتى، بۇ بەلكىم 800 مىڭ كۆچمەنگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. 

بېزوسنى ئۆزئىچىگە ئالغان پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ بىر تۈركۈم باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى بىر كېلىشىم ئىمزالاپ، ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا قانۇن تۇرغۇزۇپ DACAنى كېڭەيتىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما ئاقساراي ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى بىر قىسىم رەھبەرلەر پەيشەنبە كۈنى ئىككى پارتىيە كېڭەش پالاتاسى گۇرۇھى ھاسىل قىلغان كېلىشىمنى رەت قىلغاندىن كېيىن، پارلامېنت سۆھبىتى مەغلۇب بولدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا شۇ كۈنى تىرامپ بىر قېتىملىق يىغىندا بىر قىسىم كۆچمەنلەرنى قوپال سۆزلەر بىلەن تىلغا ئالغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号