باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

13292يوللانما
1328مەستانە

جوۋ جيېلۇن بىر كۈندە ئۈچ قېتىم قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلدى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 12:40 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جوۋ جيېلۇن كۇن لىڭ بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن، ئارقا-ئارقىدىن قىزى شياۋ جوۋجوۋ ھەمدە ئوغلى رومىيوغا ئاتا-ئانا بولۇپ، ئالدىنقى كۈنى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شەكلىدىكى تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەندىن كېيىن، ئايالىنى ئاپتوموبىلدا سىرتقا چىققاندا، بەزى كىشىلەر ئۇنىڭ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى يەنە كېلىپ، بىر ئاخشامدا ئۇدا ئۈچ قېتىم قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى كۆرگەن. 

جوۋ جيېلۇن 18-يانۋار 39 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتىۋالىدۇ. ئايالى كۇن لىڭنىڭ ئىنچىكلىك بىلەن پىلانلىشى ئاستىدا، 11-يانۋار بىر توپ بۇرادەرلەر «JAY CUP» تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. ئۇ قىزىل كىيىملىكلەر كوماندىىسغا، فاڭ ۋېنشەن قارا كىيىملىكلەر كوماندىسىغا ۋەكىللىك قىلىپ، «قاچما توپ مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مۇسابىقىدە يېڭلىپ قالغۇچىلار پايپاقنى بېشىغا كىيىدۇ. نەتىجىدە، جوۋ جيېلۇن يېتەكلىگەن كوماندا يەڭدى. مۇسابىقىدىن كېيىن ئۇ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، كۆپچىلىكنىڭ بىرگە يىغىلىپ ھەرىكەت قىلىشى ئاسان ئەمەس، پۇرسەت بولسا «چولپانلار قاچما توپ» مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، ھەرقايسى پىلاستىنكا شىركەتلىرىنىڭ ناخشىچىلىرى بەسلەشسە ياخشى، دېگەن.

بىراق خەۋەردە دېيىلىشىچە، جوۋ جيېلۇن مۇسابىقىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ كۇن لىڭ بىلەن مەلۇم دۇكانغا بارغان. گەرچە ئىلگىرىكىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەش سۈرئىتى خېلىلا ئاستىلاپ قالغان بولسىمۇ، بىراق ئۈچ قېتىم قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان. ئۇ ئالدى بىلەن قوش ئاق سىزىقتىن ئۆتۈپ، ئاپتوموبىللار ئارىسىغا قاپسىلىپ قالغاندا، بىۋاستىلا كوچا ئاپتوبۇس مەخسۇس يولىغا كىرىۋېلىپ، مەنزىلگە يېتىپ كەلگەندە يەنە قىزىل سىزىقتا قائىدىگە خىلاپ ھالدا ئاپتوموبىل توختاتقان.

بۇنىڭدىن باشقا، جوۋ جيېلۇن بىلەن كۇن لىڭ بىرلىكتە مەلۇم دۇكان ئورنىنى تەكشۈرگەن بولۇپ، سىرتقى ساھەدىكىلەر ئۇلار يەنە يېڭى دۇكان ئاچامدۇ قانداق دەپ پەرەز قىلغان. بۇنىڭغا قارىتا، ئۇنىڭ قارمىقىدىكى جېي ۋېيئېر: «بەك كۆپ ئويلاپ كېتىپسىلەر»، دېيىش ئارقىلىق، يېڭى دۇكان ئېچىش خەۋىرىنى ئىنكار قىلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号