باش بەت

ئىدىقۇت887

7109يوللانما
14مەستانە

تاماق ئىسسىتماقچى بولغان رۇسىيە ئەسكىرى تانكىغا ئوت تۇتاشتۇرۇۋەتتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 13:18 2 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 1-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەدىكى بىر ئەسكەر تامىقىنى ئىسسىتماقچى بولغاندا ئويلىمىغان يەردىن يېنىغا توختىتىپ قويۇلغان BTR-82 تىپلىق بىرونۋىك پىيادە ئەسكەرلەر ماشىنىسىغا ئوت تۇتاشتۇرۇۋەتكەن. بۇ ئىش 2017-يىلى 5-ئايدا يۈز بەرگەن بولۇپ، لېكىن بۇ ئىشنىڭ سىن كۆرۈنۈشى تېخى يېقىندىلا ئاشكارىلانغان.

بۇ ئەسكەرنىڭ ئىسمى  سېمېن مېرېزنىكوۋ (Semen Merezhnikov) بولۇپ، 2014-يىلى رۇسىيە ئارمىيىسى بىلەن بىللە قىرىمغا كىرگەن. ئەينى چاغدا ئۇ يەرگە كىچىك ئورەك كولىغاندىن كېيىن ئوت يېقىپ تاماق ئىسسىتماقچى بولغاندا ئويلىمىغان يەردىن گرانات ئاتقۇچنىڭ ئىچىدىكى ئوق-دورىغا ئوت كەتكۈزۈۋەتكەن، نەتىجىدە يېقىن ئەتراپقا توختىتىپ قويۇلغان BTR-82 تىپلىق بىرونۋىك پىيادە ئەسكەرلەر ماشىنىسىغا ئوت تۇتىشىپ كەتكەن. بۇ بىرونۋىكقا ئەينى چاغدا كۆزنى غەلەت قىلىش تورى ۋە ئوت-چۆپ يېپىلغان بولغاچقا، ناھايىتى ئاسانلا ئوت تۇتىشىپ كەتكەن.

سىن كۆرۈنۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەينى چاغدا سېمېننىڭ قوماندانى ئۇنىڭغا قاتتىق ھۆركىرەپ:«زادى نېمە ئىش يۈز بەردى؟» دەپ سورىغان، سېمېن بولسا: «مەن پەقەت تامىقىمنى ئىسسىتىۋالاي دېگەنىدىم» دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئەڭ ئاخىرىدا، بۇ ئەسكەر 6 ئاي قاماققا سولانغان. بۇ ۋەقەدە قىممىتى 365 مىڭ فوند سىتىرلىڭ (يەنى تەخمىنەن 3 مىليون 213 مىڭ 387 يۈەنگە تەڭ) كېلىدىغان  BTR-82 تىپلىق بىرونۋىك پىيادە ئەسكەرلەر ماشىنىسى پۈتۈنلەي كۆيۈپ ۋەيران بولغان.


باش سۈرەت تاللاش x
  • italy(خەلقئارامىلان،ئارسېنال مەستانىسى)1 ھەپتە ئىلگىرى

    سىزنىڭ قانداق بىلسىز قىزچاق،ياكى ئەسكەر بوپ باققانمو سىز

  • 天狼平静1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەسكەرلەرگىمۇ ئاسان ئەمەس ۋەزىپگە چىقسا ھەپتىلەپ پىرسلانغان پىچىنە يىگەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号