باش بەت

ئادىلجان

7766يوللانما
95مەستانە

8848 تىتان يانفونى M3نىڭ باھاسى 5000 يۈەنگە چۈشۈرۈلدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 18:14 7 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورىنىڭ 13-يانۋاردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

8848 يۈرۈشلۈك يانفونى دۆلەت ئىچىدىكى يانفونلار ئىچىدە ساناقلىق «ھەشەمەتلىك يانفون» بولۇپ، باھاسى ئاساسەن 10 مىڭ يۈەندىن ئاشاتتى. ئەمما ھازىر پەقەت 5000 يۈەنگىلا سېتىۋالغىلى بولىدۇ. باھاسى 4999 يۈەن، 500 يۈەن زاكالەت تاپشۇرسىڭىزلا زاكاز قىلالايسىز، ھازىر 350 ئادەم ئالدىن سېتىۋالدى. 

8848 M3 يانفونى 2016-يىلى 7-ئايدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ئۈچۈن ياسالغان يانفون دەپ تەرىپلەنگەن، گەۋدىسىگە گوللاندىيەنىڭ يېرىم ياشلىق موزاي تېرە خۇرۇمى، ساپ قولدا ياسالغان تىتان ۋە كۆك ياقۇت كىرىستال ئەينەك، يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق فار-فور قاتارلىقلار ئىشلىتىلگەن.

سەپلىمە جەھەتتە ئۇنىڭغا بەش دىيۇملۇق 1080p ئېكران، كۋالكومنىڭ سەككىز يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچى، 4GBلىق ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە 128GBلىق سىغىم، 21 مىليون پىكسىللىق ئاساسىي كامېرا (ئالدىنىڭ ئۈچ مىليون پىكسىللىق) سەپلەنگەن، قوش كارتا قوش تورنى قوللايدۇ.

بۇ يانفوننىڭ ئەسلى باھاسى 9999 يۈەن، مودا نۇسخىسىنىڭ باھاسى 12999 يۈەن، ئالىي نۇسخىسىنىڭ باھاسى 15999 يۈەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • K@TA KETA1 ھەپتە ئىلگىرى

    جەڭ بۆرىسى 2دە چىقىدىغۇ بۇ تېلپۇن سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارى يۇقىردەك قىلاتتى بۇ يانفۇننىڭ راسلا شۇنداق يۇقىرمىدۇ

  • تاگور ئەپەندى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىشلەتكەنلەرگە ئەرزان ئىشلەتمىگەنلەر شۇ بىلمەيدۇدە

  • ئابدىۋېلى 09971 ھەپتە ئىلگىرى

    نىمانچە قوپال تىلفۇن بۇ،

  • nobiya1 ھەپتە ئىلگىرى

    نىمانداق قىممەت تىلفۇن بۇ ؛@ھا ھاھاھاھا

  • يىڭى ئىنكاسچى1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەستانە شۇ تىلفۇن توغرا مىنڭچە بۇ تىلفۇننى ئالغاندىن شۇ پۇلغا قوساققا خەجلىگەن ياخشى نىمقىلدۇ 10000 ئىلىپ

  • مۇۋاپىقىيەت1 ھەپتە ئىلگىرى

    قايسى توردا ساتىدىغاندۇ بۇ تېلېفوننى

  • مەستانە1 ھەپتە ئىلگىرى

    CCTV5
    دە8848تەيجىن شوۋجى دەپ ئېلان قىلدىغان يانفۇن شۇكەندە بۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号