باش بەت

نۇسرەتگۈل

10619يوللانما
190مەستانە

نېپال خىش زاۋۇتلىرىدىكى ئايال ئىشچىلارنىڭ جاپالىق تۇرمۇشى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 16:05 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە رېيتېر ئاگېنتلىقى 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى بىر يۈرۈش سۈرەت ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ سۈرەتلەردە نېپال باكتاپۇر رايونىغا جايلاشقان خىش زاۋۇتىدىكى ئىشچىلارنىڭ جاپالىق ئەمگەك تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن. بۇ خىش زاۋۇتىدا ئەر-ئاياللار بىللە ئىشلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاياللار ئەرلەردىن قېلىشقۇسىز دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ، خىشلارنى بېشىغا 10 نەچچىدىن قويۇپ توشۇيدۇ.

بۇ ئايال ئىشچىلار ئەرلەر بىلەن تەڭ ئىشلەيدىغان بولۇپ، ئالاھىدە مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ، شۇنچە جاپا تارتىپ ئىشلىسە بىر كۈندە ئارانلا 90 نەچچە يۈەن تاپالايدۇ.

ئۇلار كۆپرەك پۇل تېپىش ئۈچۈن كۆپرەك خىش توشۇشقا تىرىشىدۇ، بىر قېتىمدا ئەڭ كۆپ بولغاندا بېشىغا 15 خىش ئېلىپ كۆتۈرىدۇ.

سۈرەتتىكى ئەر خىشلارنى بېشىغا تىزغاندىن باشقا، يەنە ئىككى قولىغىمۇ بىردىن ئېلىۋالغان. ئۇلارنىڭ خىزمەت مۇھىتى ناھايىتى ناچار بولۇپ، توپا توزۇپ تۇرىدۇ. بىراق، ئۇلار ھېچقانداق قوغدىنىش تەدبىرى قوللانمايدۇ.

ئەنگلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نېپالدا تەخمىنەن 750 خىش زاۋۇتى باركەن، بىراق، بۇلارنىڭ پەقەت ئۈچتىن ئىككى قىسىمىلا قانۇن بويىچە تىزىملىنىپتۇ، خېلى كۆپ زاۋۇتلاردا يەنە بالا ئىشچى ئىشلىتىلىدىكەن.

باكتاپۇر نېپال پايتەختى كاتماندودىكى ئۈچ بازارنىڭ بىرى. 2016-يىلى «ھىمالايا ۋاقىت گېزىتى»دە باكتاپۇر رايونىدىكى خۇمدانلاردا ئىشلەيدىغان بالا ئىشچىلار سانىنىڭ 1000غا يېتىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • دەريا3 ئاي ئىلگىرى

    ۋاي بىچارلەر مەن نىمدىگەن بەخىتلىك ،،،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号