باش بەت

زۆھەل

277يوللانما
22مەستانە

iPhone 11 نىڭ ئەڭ يېڭى سۈرىتى ئاشكارىلاندى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 13:53 7 ئىنكاس چۈشتى

تىڭشۈن خەۋەرلەر تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

گەرچە iPhone 8 ۋە iPhone X يانفونلىرىنىڭ ئېلان قىلىنغىنىغا يېرىم يىلچىمۇ ۋاقىت بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن بىر قىسىم تاراتقۇلار كېيىنكى ئەۋلاد مەھسۇلات توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۈزۈلدۈرمەي تارقاتقىلى تۇردى. يېقىندا، چەتئەلدىكى تورداشلار ئالمىنىڭ بۇ يىلدا ئېلان قىلىدىغان يېڭى iPhoneلىرىنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈرەتلىرىنى تورغا يوللىدى. سىزچە بۇ يانفونلار ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلىنغان ئالما يانفونىغا قارىغاندا قانداقراق بوپتۇ؟ ئالما شىركىتىنىڭ يانفون لايىھەلەش پىرىنسىپىغا ئاساسلىنىپ ئۇلار بۇ يىل ئېلان قىلىنىدىغان iPhone 9 يۈرۈشلۈكى ۋە iPhone XI يۈرۈشلۈكىنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلغان. سۈرەتتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، iPhone 9 يانفونى يەنىلا iPhone 8 يانفونىنىڭ لايىھەسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، كىلاسسىكTouch ID نى ساقلاپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يانفون ئېكرانى گىرۋەكسىز قىلىپ لايىھەلەنگەن.

ئەلۋەتتە بۇ يىلدىكى باش قەھرىماننىڭ iPhone XI بولۇشى مۇقەررەر. نۆۋەتتە ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئالما بىر قېتىمدىلا 3 خىل نۇسخىدىكى پۈتۈن ئېكرانلىق iPhoneنى بازارغا سالىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر خىل نۇسخىسىنىڭ باھاسى 5000 يۈەن ئەتراپىدا بولۇشى قالغان ئىككى خىل نۇسخىسىنىڭ يەنىلا يۇقىرى باھانى ساقلاپ قالىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. سۈرەتتكى iPhone XIدىن قارىغاندا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مەسخىرە قىلىش ئوبيېكتى بولۇپ كەلگەن ماڭلاي لايىھەسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن بولۇپ، كىشىگە تېخىمۇ ئازادە تۇيغۇ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، قالغان لايىھەلىرى داۋاملىق  iPhone X نىڭ لايىھەسىگە ۋارىسلىق قىلغان.

يانفون گەۋدىسى جەھەتتە، iPhone 9 ۋە iPhone XI كە 3D لىق ئەينەك يانفون گەۋدىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، يېڭى قىزىل رەڭلىك نۇسخىسىمۇ قېتىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈرەتتىكى بۇ ئىككى يانفونغا قارىغاندا يەنە تېخىمۇ چوڭ بولغان قوش رەڭلىق LED چاقماق لامپا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كېچىدىكى سۈرەتكە تارتىش ئۈنۈمىنى ئالاھىدە ياخشى دېيىشكە بولىدۇ.

ئەگەر بۇ يىل ئېلان قىلىنىدىغان يېڭى iPhone لايىھەسى بىلەن يۇقۇردىكى سۈرەتلەردە كۆرسىتىلگەن لايىھە ئوخشاش بولسا بەلكىم بۇ يانفونلارنىڭ سېتىلىشى ئانچە ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى ئۆتكەن يىلدىكى يانفون بىلەن سېلىشتۇرغاندا پەرقنى بەك چوڭ دېگىلى بولمايدۇ. بىراق ئالما شىركىتى iPhone Xنىڭ ئەرزان باھالىق نۇسخىسىنى بازارغا سالسا بەلكىم سېتىلىش قىزغىنلىقى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى مۇمكىن. ئەرزان باھالىق iPhone X يانفونىغا iPhone Xنىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكلىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، پەقەت ئېكرانىلا LCD ئېكرانغا ئالمىشىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ☜چىن ئاشىق☞1 ئاي ئىلگىرى

    10چىقماي تۇرۇپ 11گە ئاتلاپ

  • سامسۇڭ ھەۋاسكارى3 ئاي ئىلگىرى

    5000 يۇئەنگە سامسۇڭ س7يانفۇندىن ئىككىسى كىلىدۇ ئاخسا ئەگمە ئىكىران سۇ ئۆتمەس ئىقتندار با كۈچلۈك قۇياش نۇرىدىمۇ كۆتگىلى بولىدۇ ئالما ئىشلەتكەنلىنىڭ ئالدىغا كىلىپ پوچى سۇغا سىلىپ مۇسابىقىلەشتۈرۈپ تازا

  • مېخانىك3 ئاي ئىلگىرى

    ئالما xئالغانلار مۇڭگۇزدىن قانچىسى چىقتى دەپ بېرىڭلار

  • كەتسە كېتەر3 ئاي ئىلگىرى

    سېتۋېلىشقا ئەرزىيدۇ

  • hej RaN3 ئاي ئىلگىرى

    قايداسەن نۇرداش توغرائېيتىدۇ دەلشۇنداق

  • ساقلاپ3 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭچە پۇل بۇزمىغان ياخشى

  • قايدا سەن3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ تىلفۇننىڭ باھاسىنى دىسەم قارىغىممۇ كەممەيدۇ،،، 5000يۈەنگە بىرتال ئالما تىلفۇن ئالغۇچە 5000يۈەنگە دۆلىتىمىزنىڭ نورمال باھالىق يانفونلىرىدىن ئۈچ تۆتنى ئېلىپ ئائىلە ئەزالىرىڭىزغا تارقىتىپ بەرسىڭىز سىزدىن چۇقۇم مىننەتدار بولىدۇ،،ئۇ ئالما تىلفۇنىدا بەرىبىر كىنو ئىشلەپ بېلەت كىرىمى ياراتقىلى بولمايدۇ،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号