باش بەت

ئۈمىدجان

338يوللانما
2مەستانە

مىتسۇبىشىنىڭ ئۈچ خىل SUV ئاپتوموبىلىنىڭ سپورت نۇسخىسى رەسىمىي نامايان بولدى

مەنبە:ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 17:02 0 ئىنكاس چۈشتى

ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

2018-يىللىق توكيو ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان ئاپتوموبىللار كۆرگەزمىسىدە مىتسۇبىشى ئاپتوموبىلچىلىقى ئۈچ خىل ئورگان ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرغان ئۇقۇم ئاپتوموبىل تىپىنى ئېلان قىلدى، ئىككى خىل Eclipse Cross ھەمدە ئوتلەندېر PHEV ئاپتوموبىل تىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈچ خىل ئاپتوموبىل تىپى ئادەتتىكى نۇسخىدىكى ئاپتوموبىل تىپى ئاساسىدا سپورت يۈرۈشلۈك زاپچىسىنى كۆپەيتكەن.

Eclipse Cross Premium Sports ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش لىنىيەسى بولسا ھەشەمەت تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بولۇپ، Eclipse Cross ئادەتتىكى نۇسخىدىكى تىپى ئاساسىدا ئاپتوموبىل گەۋدىسى بىلەن ئوخشاش رەڭدىكى كىچىك ئورالما قوللىنىلغان، بىرلا ۋاقىتتا ئالدى سالاسۇنمۇ خىروم يالىتىلغان بېزەكتىن قارا رەڭلىك سىرغا ئۆزگەرتىلگەن. چاق قىسىمىدا يېڭى ئاپتوموبىلغا Rays چىقارغان 20 دىيۇملۇق Stratagia Avventura بازغانلاپ ياسالغان چاق گەردىشى سەپلەنگەن، بىرلا ۋاقىتتا ئۆلچىمى 245/40 R20لىق يوكوخاما ADVAN Sport V105 چاقى سەپلەنگەن، كۆرۈش ئۈنۈمى تېخىمۇ سۈپەت تۇيغۇسىغا ئىگە. 

يۇقىرىدىكى Eclipse Cross Premium Sports ئاپتوموبىل تىپى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، قارا-ئالتۇن قوش رەڭلىك ماسلاشتۇرۇلغان Eclipse Cross Field Athlete ئۇقۇم ئاپتوموبىلى دالا ئارامبەخىش سپورت لىنىيەسىدە ماڭغان. Rays چىقارغان 18 دىيۇملۇق FDX-F7 بازغانلاپ ياسالغان چاق گەردىشى سەپلەنگەن، 225/55 R18 ئۆلچىمىدىكى يوكوخاما Geolander A/T تولۇق يەر شەكلى چاقى ماسلاشتۇرۇلۇپ، ھەرخىل يول يۈزى مۇھىتىدىكى يەر قاماللاش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلغان. بۇنىڭدىن سىرت، يېڭى ئاپتوموبىلدا يەنە موتور قاپقىقى ئالدى گىرۋىكىدە «ماسكا» دەپ ئاتىلىدىغان قارا رەڭلىك قوغداش تاختىسى ھەمدە مېتال ماتېرىياللىق ئالدى ئاستى قوغداش تاختىسى كۆپەيتىلگەن.

بۇ ئوتلەندېر PHEV ئۇقۇم ئاپتوموبىلى Eclipse Cross ئۇقۇم ئاپتوموبىلى بىلەن ئوخشاش ئىسىمغا ئىگە، يەنى «Premium Sports Concept». يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى يۈزى قىسىمىغا قارا سىر قوللىنىلغان، پەقەت Dynamic Shield سالاسۇنىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى خىروم يالىتىلغان تاياقچىلار ساقلاپ قېلىنغان، بىرلا ۋاقىتتا مىتسۇبىشى LOGOىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە «لەند روۋېر ئۇسلۇبى»غا ئىگە Outlander ئېنگلىزچە خەت بەلگىسى كۆپەيتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ ئوتلەندېر PHEV ئۇقۇم ئاپتوموبىلىدا يەنە پۈتۈن ئاپتوموبىل گەۋدىسى كىچىك ئورالمىسى كۆپەيتىلگەن ھەمدە ئوخشاشلا Rays چىقارغان 20 دىيۇملۇق Versus Stratagia Vouge بازغانلاپ ياسالغان چاق گەردىشى سەپلەنگەن، رازمېرى 245/40 R20 ئۆلچەمدىكى يوكوخاما Advan Sport V105 بالونى ماسلاشتۇرۇلغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号