باش بەت

نۇسرەتگۈل

10619يوللانما
190مەستانە

كورېيەدە بويتاقلار ئۈچۈن «يالغۇز كىشىلىك كاۋاپخانا» بارلىققا كەلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 17:19 3 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«eating alone»نى بىۋاستە تەرجىمە قىلسا «يالغۇز تاماق يېيىش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بىراق، بۇ خىل «يالغۇز تاماق يېيىش» كورېيە بىر خىل مەدەنىيەتكە ئايلىنىپ بولدى. مەسىلەن، يالغۇز تاماق يېيىش، يالغۇز ھاراق ئىچىش، يالغۇز ساياھەت قىلىش دېگەندەك «يالغۇزلۇق مەدەنىيىتى» بارغانسېرى كەڭ تۈردە قوبۇل قىلىنىشقا باشلىدى.

«يالغۇزلۇق مەدەنىيىتى»نى كورېيەدىكى بارغانسېرى ئېشىۋاتقان بويتاقلار سانى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

كورېيە سىتاستىكا نازارىتىنىڭ ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلى كورېيەدىكى «بويتاق ئائىلىلەر» نىسبىتى %25.5كە يەتكەن. بۇ كورېيەدىكى ھەر تۆت ئائىلىدىن بىرى بويتاق ئائىلىسى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ ئەھۋالنى تېخىمۇ ئىنچىكە تەھلىل قىلغاندا بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان تۇرمۇش بېسىمى ۋە ئالدىراش خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىكلىكىنى بايقىغىلى بولىدۇ.

مۇشۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ سېئولدا دەرسخانىغا ئوخشايدىغان «يالغۇز كىشىلىك كاۋاپخانىلار» بارلىققا كەلدى. بۇ كاۋاپخانىلاردىكى ئۈستەللەرنىڭ قۇرۇلمىسى بىردەك بولۇپ، ھەر بىر ئۈستەلنىڭ ئالدىغا بىر تېلېۋىزور ئېسىلغان، خېرىدارلار نېمە يېيىش، قانچىلىك يېيىش، قانچىلىك ۋاقىت يېيىشتە ھېچقانداق دەخلىگە ئۇچرىمايدۇ. ئەلۋەتتە، بەزى ئالاھىدە «يالغۇز ئاشخانىلار»دا يەنە ئاشىق-مەشۇقلار ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە ئۈستەل تەسىس قىلىنغان.

ئاشخانا غوجايىنىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ ئورۇن ئېچىلغاندىن باشلاپلا تىجارىتى ياخشى بولۇۋېتىپتۇ، خېرىدارلىرى ئارىسىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن 70-60 ياشلىق بوۋاي-مومايلارغىچە ھەرخىل ئادەملەر بار ئىكەن. بۇ ئاشخانىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى جىمجىتلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئاشخانىلارنىڭ غوجايىنلىرىمۇ ناھايىتى ئىنچىكە بولۇپ، ھەر بىر ئۈستەلگە بىردىن ئېلېكتىرونلۇق سائەت ئېسىپ كاۋاپ پىشۇرۇش ۋاقتىنى كۆرسىتىشكە ئىشلەتكەن، ياندىكى قەغەزگە ھەر بىر خىل گۆشنىڭ مۇۋاپىق پىشۇرۇش ۋاقتىنى كۆرسىتىپ قويغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • K@TA KETA3 ئاي ئىلگىرى

    مەن ئويلىغان مۇشۇنداق قىلىشنى باشقىلا ئىتتىك چىكىتىپتۇدە مەندىن

  • چالىقۇشى3 ئاي ئىلگىرى

    ئۈرۈمچىدىمۇ ئېچىلسا بولاتتى

  • ئارسېنال3 ئاي ئىلگىرى

    ماڭا تازا ماس كەلگىدەك

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号