باش بەت

zevmret

905يوللانما
36مەستانە

خېبېيدا قارا رەڭلىك سۇيۇقلۇققا چىلانغان 3 دانە قەدىمىي جەسەت تېپىلدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 13:15 1 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

خېبېي باۋدىڭ شەھىرى نەنليۇ كەنتىدە يېقىندا مىڭ سۇلالىسىدىن قالغان قەدىمىي قەبرە تېپىلغان بولۇپ، ئارخېئولوگلار 8-يانۋار قېزىشنى باشلىدى، قەبرىدە 3 دانە تاۋۇت ۋە ئاز بىر قىسىم تەڭگە پۇللار تېپىلدى، تاۋۇت ئىچىدە يەنە كۆپلىگەن دىماغنى ئېچىشتۇرغۇدەك قارا رەڭلىك سۇيۇقلۇق بايقالدى. قەبرىنىڭ ئىگىسى ۋە 3 دانە جەسەتنىڭ مۇناسىۋىتىغا نىسبەتەن يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنماقتا.

توردا تارقالغان ۋېدىئودىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جەسەتلەر قارا رەڭلىك سۇيۇقلۇققا چىلانغان بولۇپ، ئارخېئولوگلار جەسەتلەرنى ئاۋايلىغىنىچە سۇيۇقلۇقتىن سۈزۈپ ئېلىۋاتاتتى، شۇنداقلا جەسەت ئۈستىدىكى قارا رەڭلىك سۇيۇقلۇقنى تازىلاۋاتاتتى.

ئىگەللىنىشىچە، بايقالغان ئىككى گۆرلۈكنىڭ ئارىلىقى 4 مېتىر، چوڭ-كىچىكلىكى بىردەك، شەرق-غەرب يۆنىلىشىدە كەڭلىكى 4 مېتىر، جەنۇب-شىمال يۆنىلىشىدە ئۇزۇنلۇقى 5 مېتىر ئىدى. ھازىر قېزىلىۋاتقىنى ئارىدىكى بىر قەبرە بولۇپ، قارا سۇيۇقلۇقنىڭ تەركىبى تېخى ئېنىق ئەمەس.

بۇ قەدىمىي قەبرە 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى بايقالغان بولۇپ، ئەينى چاغدا دېھقان ئىشلەمچىلەر نەنليۇ كەنتىدە تاسادىپىي ھالدا بۇ ئىككى گۆرلۈكنى بايقىغانىدى، شۇنداقلا ئىچكى ۋە تاشقى تاۋۇتتىن توختىماي ئېقىپ چىقىۋاتقان «قاندەك» سۇيۇقلۇق كۆپلىگەن كەنت ئاھالىسىنى جەلپ قىلىپ كەلگەنىدى.

كۆرۈش ئۈچۈن توپلاشقان كەنت ئاھالىسى.

نەق مەيداندىكى سۈرەت.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مېخانىك3 ئاي ئىلگىرى

    تىرىك مۇردا بولۇپ قالمىسۇن يەنە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号