باش بەت

كىنوچى

2564يوللانما
167مەستانە

«قەھرىماننىڭ جاسارىتى 2018»نىڭ ھەرىكەتلىك مەخسۇس فىلىمى ئېلان قىلىندى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 15:58 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

دىڭ شېڭ رېژىسسورلۇق قىلغان، ۋاڭ كەي، ما تيەنيۈ، ۋاڭ دالۇ، شۈ كەيلېي، لىن شۆ، ۋۇ يۆ قاتارلىقلار باش رول ئالغان «قەھرىماننىڭ جاسارىتى 2018» (英雄本色 2018) مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنى پۈتۈن جۇڭگودا قويۇلىدۇ. بۈگۈن فىلىمنىڭ ھەرىكەتلىك مەخسۇس فىلىمى ئاشكارىلانغان بولۇپ، چېڭ جەمەتى سىنىپى ھەرىكەت يېتەكچىلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بۇ فىلىمنىڭ ھەرىكەتلىك كۆرىنىشلىرى سىزنى رازى قىلالايدۇ، رېژىسسورمۇ ئارتىسلارنىڭ ئىپادىسىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغان، قارىماققا «قەھرىماننىڭ جاسارىتى 2018» (英雄本色 2018)مۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغاندەك قىلىدۇ.

بۇ قېتىم ئاشكارىلانغان ھەرىكەتلىك مەخسۇس فىلىمنىڭ بېشىدا، ۋاڭ كەي بىلەن ۋاڭ دالۇنىڭ ياپون تىلىدىكى دىئالوگى بار بولۇپ، ئىككەيلەننىڭ بۇ يېڭى تىلنى ئۆگىنىۋاتقان كۆرۈنۈشىمۇ كىشىنى جەلب قىلىدۇ. دوست-بۇرادەرلەر ئاساسىي تېما قىلىنغان ساقچى بىلەن قاراقچى ئوتتۇرىسىدىكى ھەرىكەتلىك فىلىم بولۇش سۈپىتى بىلەن، باش رولچىلار «قەھرىماننىڭ جاسارىتى 2018»نى سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا ئاز بولمىغان مۇشەققەتلەرگە يولۇققان، مەخسۇس فىلىمدىكى ئېتىشقان كۆرۈنۈشلەرمۇ بۇ فىلىمنىڭ ئىسمى-جىسمىغا لايىق «جىگەرلىك ئەزىمەت» فىلىمى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.

فىلىمدىكى ھەرىكەتلىك كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا تىلغا ئېلىنسا، ئارتىسلارمۇ «كېلىشكەن، جانلىق، ئەركەك» دېگەندەك باھالارنى بەرگەن. پېرسوناژ بېكىتىلمىلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ۋاڭ كەي يۈگۈرۈش، ئېتىش، ئەركىن مۇشتلىشىش، سۇغا سەكرەش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەممىگە قادىر، ئۇ ئۆزىگە باھا بېرىپ مۇنداق دېگەن: «رەزىل، مۇتتەھەم، ئادىمگەرچىلىكى بار، ھەر ھالدا بولىدۇ». ساقچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ما تيەنيۈ تاپانچا ئىشلىتىشكە ئەڭ ماھىر، مەخسۇس فىلىمدا، ئۇ ئۆزىنىڭ قورال ئالغان ۋاقتىدا ئىنتايىن ھاياجانلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۇلارغا نىسبەتەن، ۋاڭ دالۇنىڭ ھەرىكەتلىك كۆرۈنۈشلىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، «ئەركىن مۇشتلىشىش چېمپىيونى»غا ئايلانغان.

بۇ قېتىملىق مەخسۇس فىلىمدا، رېژىسسور «قەھرىماننىڭ جاسارىتى 2018»دا يېقىن دوستى «چېڭ جەمەتى سىنىپى» ھەرىكەت يېتەكچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بۇ «چېڭ جەمەتى سىنىپى»نىڭ تۇنجى قېتىم دىڭ شېڭ رېژىسسور بىلەن ھەمكارلىشىشى ئەمەس، ئۇلارنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى ھەمكارلىقىمۇ ئىنتايىن ياخشى بولغان.

مەيلى ۋاڭ كەينىڭ ياكى ۋاڭ دالۇنىڭ ھەرىكەتلىك كۆرۈنۈشلىرى بولسۇن، ھەممىسىلا ئىنتايىن «گۈزەل» چىققان، «چېڭ جەمەتى سىنىپى»نىڭ لايىھەلىگەن ھەرىكەتلىرى ئىنتايىن چاققان بولۇپ، فىلىمدىكى ئارتىسلارمۇ بۇر ھەرىكەتلىك كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپلا پۇخادىن چىققان. «قەھرىماننىڭ جاسارىتى 2018» (英雄本色 2018) مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنى قويۇلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • شىياۋمى ئائىلىسى سېتىش دۇكىنى3 ئاي ئىلگىرى

    كۇرۇشكە ئەرزىيدۇ بۇرۇنقىدەك ياخشى چىقسا بولاتى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号