باش بەت

ئادىلجان

8583يوللانما
123مەستانە

روڭۋېينىڭ بېنزىن يېقىلغۇلۇق ساياھەت ئاپتوموبىلى i5نىڭ يول سىنىقى سۈرىتى ئاشكارىلاندى

مەنبە:ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 15:59 0 ئىنكاس چۈشتى

ئاپتوموبىل ئائىلىسىنىڭ 13-يانۋاردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى 2017-يىللىق گۇاڭجۇ ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە روڭۋېي Ei5 ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلغان، ئۇ بىر ساپ توكلۇق ساياھەت ئاپتوموبىلى. يېقىندا ئورگان تەرەپتىن ئىگىلىنىشچە بۇ ماشىنىنىڭ يېقىلغۇ ماي نۇسخىسى يەنى i5 نۇسخىسى يول سىنىقى قىلىنغان. بۇ ماشىنىنىڭ ساپ توكلۇق نۇسخىسى كۈچلۈك ماسلىشىشچانلىققا ئىگە بولۇپ، ساياھەت قىلىشقا بەكرەك ماس كېلىدۇ. 

بۇ سىناق ئاپتوموبىل كۈچلۈك نىقابلانغان، ئەمما يەنىلا  ئومۇمىي كۆرۈنۈشى روڭۋېي Ei5دىن پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ ئەنئەنىۋى ھەرىكەت كۈچى ئىشلىتىلگەن ماشىنا بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ماشىنىنىڭ ئالدى سالاسۇنىدىكى يېپىق شەكىللىك لايىھە ئېلىۋېتىلگەن. قۇيرۇق قىسمىدىن قارىغاندا بۇ ماشىنىنىڭ «ساياھەت تۈسى» قويۇق بولۇپ، ساپ توكلۇق نۇسخىسىدىن قارىغاندا بۇ ماشىنىنىڭ ئارقا كوزۇپ بوشلۇقىمۇ چوقۇم ئىنتايىن چوڭ.

  

 سۈرەتتىكىسى روڭۋېي Ei5


بۇ ماشىنىنىڭ ئىچكى كۆرۈنۈشىنىڭ سۈرەتلىرى ئاشكارىلانمىدى، ئەمما پەرەق قىلىدىغان بولساق، ئۇنىڭڭ ئىچكى كۆرۈنۈشى ساپ توكلۇق نۇسخىسىنىڭ لايىھە ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى، ئەمما ساپ توكلۇق تىپىدىكى بۇرىما كۇنۇبكا شەكىلدىكى خوت ئالماشتۇرۇش قۇرۇلمىسىنىڭ ئورنىغا ئەنئەنىۋى مېخانىك خوت ئالماشتۇرغۇچ ئالماشتۇرۇلۇشى مۇمكىن. 

ئورگان تەرەپ بۇ ماشىنىنىڭ باشقا ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىمىدى، بىز ئېرىشكەن يول سىنىقى سۈرىتىدىن قارىغاندا، سىناق ئاپتوموبىلغا روڭۋېي 360غا ئوخشاش 1.5Lلىك ماتور سەپلەنگەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号