باش بەت

zevmret

894يوللانما
36مەستانە

بىر يىل ئاۋۋال ئۇرۇشۇشقا ۋەدىلەشكەن ئىككى ئەر مۇشتلىشىپ، يەڭگۈچى 520 مىڭغا ئېرىشتى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 13:52 29 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«جاھان تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى» ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 9-يانۋار خەۋىرى، يېقىندا ئەنگلىيە ھېرتفورد ۋىلايىتى ھېمېل ھېمپستېد شەھىرىنىڭ بىر تاشلاندۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا بىر مەيدان ئىشتىن سىرتقى بوكس مۇسابىقىسى بولدى، نەق مەيدان قارىغۇسىز دەرىجىدە ۋەھشىي. بۇ مۇسابىقە ۋىدېئو قىلىپ سۈرەتكە تارتىلىپ، توردا تارقىتىۋېتىلدى.

مۇسابىقىگە چۈشكەن ئىككى تەرەپ جوي جويسې بىلەن پاترىك نېۋىن ئىدى. ۋېدىئودا جويسې كۆك رەڭلىك كالتە ئىشتان كىيگەن، نېۋىن سېرىق سىزىقلىق قارا رەڭلىك كالتە ئىشتان كىيگەن. جويسې كۆپ قېتىم بېشىنى چاڭگاللاپ نېيۋېننىڭ يۈزىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ ئاغزى-بۇرنىنى ئوقتەك قانىتىۋەتتى، ھەرگىز رەھىم قىلمىدى. مۇسابىقىدە رېپىر كۆپ قېتىم مۇسابىقىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى. 40 مىنۇتقا يېقىن ئېلىشىش جەريانىدىن كېيىن، جويسې كەسپىي بىر مۇشت بىلەن نېۋېننى يەرگە يىقىتىپ، غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى ۋە 60 مىڭ فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 527 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى)غا ئېرىشتى.

بۇ مەيدان ئېلىشىش بىر يىل ئاۋۋال ئىككى تەرەپ قاۋاقخانىدا ئۇرۇشۇپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان ئىدى. ئەينى چاغدا نېۋىن ھەر ئىككىسىنىڭ قايتىپ 12 ئاي مەشق قىلغاندىن كېيىن كېلىپ كۈچ سىنىشىپ بېقىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، جويسې بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلغانىدى. ئىككەيلەن ئاخىرى مۇسابىقىدىن كېيىن قول ئېلىشىپ يارىشىپ قېلىشتى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • شىرازى3 ئاي ئىلگىرى

    ئەنجىلىنا ، ئاغىزىمغا بىر گەپ كەلگەنتى دىمەي جۇما

  • شىرازى3 ئاي ئىلگىرى

    ھەقىقى ئەركەك دىگەن مانا مۇشۇنداق بولىدۇ ... خوتۇن كىشىدەك تېللىشپ تۈكۈرشىدىغان ئىشلارنى قىمماپتۇ مانا ، ئۇرۇشۇپ بوپ يارىشىپ قالغىنىمۇ بەك ياخشى بوپتۇ

  • 迪爷3 ئاي ئىلگىرى

    مەيدانلاردىكى مۇشتلىششىلار قىزىيدۇ دە پەچەت ھىسيات ئۇ

  • شاھىنشاھ3 ئاي ئىلگىرى

    ھاھاھا بۇيۇڭ ئىگىز بولسا تازا تۇيۇپ يىگۈدەكسە ئۈكە مۇشتنى مۇشلاشتا بوي ئەزقاتمايدۇ لىكىن جۈرئىتڭگە ئاپىرىن مىنى سورساڭ بويۇم بىردە سەكسەن ئىككى ئىغىرلىقىم سەكسەن ئالتە ۋاسكتبول بىلەن بوكىستا ئالاھىدە تالانتىم با ھەر ئىككىلى تۈرنىڭ چېمپيۇنلۇق مىدالى ئىشكابىمدا تۇرغىلى ئون ئىككى يىل بوپتۇ مۇشتلاشمغىلى ئون ئىككى يىل بولدى دېمەكچدە قېنى سىناپ باقاي يۈزمىڭدىن كىلمىز بوكىس قاھىدسى بويچە چۈشمىز ئاۋۇدارازا بىلەن ئاۋۇ شاشانا قايىسىڭ چىقسە مۇسابىقە بىرتەرەپ قۇپالماي مەن نىم بولدۇم دېگۈچە داۋام قىلسۇن ژۈرەك باما

  • azap173 ئاي ئىلگىرى

    مەنچە ئۇرۇشۇپ قىلىپ ئەپلەشكىنى بولماپتۇ،ئەركەكلەر شۇنداق ئىش قىلىشى كىرەككى ئاشۇ رەقىبىنى تاكى ئۆزى ئۇرالىغۇدەك بولغۇچە چىنىقىشى ۋە ئاشۇ نۇمۇسنى چوقۇم ئاقلىشى كىرەك.بولاپمۇ ئەركەك بىر ئۇرۇشۇپ زىيان تارتسا مەڭگۈ رەقىبى ئالدىدا تىلى قىسقا بولىدۇ.

  • شۇ شۇ3 ئاي ئىلگىرى

    مانا ئېسىل...............................

  • ئۆزىل پاس شاھى3 ئاي ئىلگىرى

    شاھىنشاھ ئىكىمىز چۈشلى مەشىقنى باشلاھە

  • ئالوڭ3 ئاي ئىلگىرى

    شاھىنشاھ ئىككىمىز چۇشىلى بۇيۇم 1.94 ئىغىرلىغىم 104كىلۇ ماس كىلەمدىكەن

  • مادرىد قەھرىمانى رونالدو3 ئاي ئىلگىرى

    مانا مانا شاھىنشاھ رەقىپ چىقتى

  • ئەنجىلنا جۇلى3 ئاي ئىلگىرى

    ماڭا ھازىرغچە ھېچكىم چىقىپ باقمدى جۈرئىتى بار ئەركەكلەر بارمۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号