باش بەت

نۇسرەتگۈل

10589يوللانما
188مەستانە

ھىندىستانلىق مەھبۇسلار كونا پۇللارنى قايتا پىششىقلاپ ئىشلەپ كۈنىگە 20 يۈەن تاپىدۇ

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 15:15 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ 8-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستاننىڭ چېننەي شەھىرىگە جايلاشقان مەركىزىي تۈرمىسىگە مۇددەتسىز قامالغان مەھبۇسلار كونا پۇللارنى يىغىۋېلىپ قايتا ئىشلىتىش خىزمىتىگە سېلىنىدىكەن. سۈرەتتە، بىر مەھبۇس ئۇششاقلىنىپ كەتكەن پۇللارنى تۇتۇپ تۇرماقتا.

خەۋەر قىلىنىشىچە، پارچىلىۋېتىلگەن بۇ پۇللارنى ھىندىستان زاپاس بانكىسى پوزارد مەركىزىي تۈرمىسىگە ئېلىپ بارىدىكەن. ئارقىدىن، تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ نازارەتچىلىكىدە بىر توپ مەھبۇس قايتا ئىشلىتىشكە تەييارلايدىكەن.

مەھبۇسلار ئاۋۋال ئۇششاق بولۇپ كەتكەن پۇللارنى قەغەز بوتقىسىغا ئايلاندۇرىدۇ، ئارقىدىن قېلىپقا قۇيىدۇ. بۇ جايدا ھەر كۈنى 30-25 مەھبۇس ئىشلەيدۇ، بىر مەھبۇس ئايدا 25 كۈن، كۈنىگە سەككىز سائەت ئىشلىسە 200-160 رۇپىيە (خەق پۇلىدا تەخمىنەن 20.5-16.4 يۈەن) تاپالايدۇ.

سۈرەتتە، بىر مەھبۇس قەغەز بوتقىسىنى قېلىپقا تۆكۈپ قاتۇرۇۋاتىدۇ. ھىندىستان زاپاس بانكىسى بۇ جايغا ھەر كۈنى ئۇششاقلىنىپ كەتكەن پۇلدىن 70 توننا ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنىڭ تەخمىنەن 1.5 توننىسى قايتىدىن بېسىلىدۇ، قالغانلىرى باشقا نەرسىلەرنى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ.

پوزارد مەركىزي تۈرمىسىدە بۇ ئىشنى قىلىدىغان مەھبۇستىن تەخمىنەن 1000ى بار.

پۇللار بوتقىغا ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىن كېسىلىدۇ، ئارقىدىن رەڭلىك قەغەز چاپلىنىدۇ. قەغەز بوتقىسىدىن يەنە ھۆججەت قىسقۇچ قاتارلىق ئىشخانا بۇيۇملىرىمۇ ياسىلىدۇ. 

پوزارد مەركىزىي تۈرمىسىدىن باشقا، يەنە تامىل نادۇ ئىشتاتىدىكى 16 تۈرمىدىمۇ مۇشۇنداق ئىش قىلىنىدۇ. بۇ ئىشنى نېمە ئۈچۈن مەھبۇسلار قىلىدۇ؟ ئېھتىمال مۇشۇنداق قىلغاندا باشقۇرۇش ۋە مەخپىيەتلىكنى ساقلاشقا ئاسان بولۇشى مۇمكىن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • تىل چايان3 ئاي ئىلگىرى

    ئەمما ما گۇيلارنى قويۇپ بەرسە ساختا پۇل ياساشتىن يانمايدۇ جۇمۇ نەچچىسى.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号