باش بەت

خەندان

781يوللانما
80مەستانە

تايگىر شروف بىلەن دىشا پاتانى ھەمكارلاشقان يېڭى فىلىم «Baaghi 2» قويۇلۇش ۋاقتىنى ئېلان قىلدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 16:06 9 ئىنكاس چۈشتى

20180113135356536.jpg

بوللىۋود خەۋەرلىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق تايگىر شروفنىڭ كېيىنكى يېڭى فىلىمى ساجىد نادىياۋالا ئىشلىگەن «ئاسىيلىق 2» (Baaghi 2) بولۇپ، بۇ فىلىم ھەرىكەتلىك فىلىم بولۇش سۈپىتى بىلەن خەۋىرى چىققاندىن بۇيان كۆرۈش تەقەززالىقى قوزغىغان فىلىملەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. يېقىندا فىلىم ئىشلىگۈچى تەرەپ بۇ فىلىمنىڭ 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ فىلىم 2016-يىلى قويۇلغان «ئاسىيلىق 1» (Baaghi 1)نىڭ داۋامى بولۇپ، بۇ فىلىمگە ئەھمەد خان رېژىسسورلۇق قىلغان. تايگىر شروف بىلەن دىشا پاتانى ئەر-ئايال باش رولنى ئالغان. يەنە بىر تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان مەسىلە شۇكى بۇ فىلىمنىڭ ئەر-ئايال باش رولچىلىرى ئاشكارىلانغاندا، تورداشلارنىڭ ھەممىسى ھەيران قالغان. چۈنكى «ئاسىيلىق» فىلىمىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىدىكى ئەر-ئايال باش رولچى تايگىر شروف بىلەن شرادا كاپۇر ئىدى. فىلىم ئىشلىگۈچى تەرەپ باشتا بۇ فىلىمنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى بۆلۈملىرىگە دىشا پاتانىنى ئويلاشقان بىراق ئۇنىڭ نامى تېخى بوللىۋودتا تازا چىقمىغان بولغاچقا، نامى بارراق ئارتىس شرادا كاپۇرنى تاللىغان. شرادا كاپۇرنىڭ «ئاسىيلىق 2» فىلىمىدىمۇ رول ئالغۇسى بار بىراق «ئارمانغا چۈشلۇق دەرمان يوق» دېگەندەك ئىش بولغان. فىلىم ئىشلىگۈچى تەرەپ تايگىر شروف بىلەن دىشا پاتانىنىڭ مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ پۇل تېپىشنى ئويلاپ، بۇ فىلىمنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىگە دىشا پاتانىنى تاللىغان. ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ بۇنى «تەقدىر» دەپ چۈشەندۈردى، دىشا پاتانى ئەسلىدە «ئاسىيلىق 1» گە تاللانغان، بىراق شرادا كاپۇر ئۇنىڭ ئورنىنى ئالغانىدى، مانا ئەمدى فىلىم ئىشلىگۈچى ساجىد نادىياۋالا «ئاسىيلىق 2» فىلىمىدىكى ئايال باش رولغا دىشا پاتانىنى تاللىدى. مانا بۇ تەقدىر، ئۇنىڭ پېشانىسىگە «ئاسىيلىق 2» گۇرۇپپىسى بىلەن بىرگە ئىشلەش پۈتۈلگەنىكەن.

فىلىم سۈرەتلىرىدىن:

 «فىلىم مۇقاۋىسى»

 

باش سۈرەت تاللاش x
  • alone1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇنىڭ بىرىنچى قىسمىنى نەدىن كۆرگىلى بولىدۇ ياردەم قىلىڭلار نۇرداشلار

  • ساتىراچ1 ھەپتە ئىلگىرى

    بىرىنچى بولۈمى بەك پەيزى ئىدى بۈ كىنونىڭ بۈ بولۈمىمۈ پەيزى چىققان چىراي تۈرىدا

  • تەسنىم1 ھەپتە ئىلگىرى

    شىرىدھانىڭ چىرايىنىڭ تاينى يوق بۇرۇنقى ئارتىسلادەك گۈزەل بوممىسىمۇ داڭقى خىلى چىقتى دىسە

  • injinir1 ھەپتە ئىلگىرى

    دوسلار بىزنىڭ مۇشۇ ئۈرۈمچىدە قويۇلىدىغان ھىندىستان فىلىملىرى بامىدۇ كىنوخانىدا ئەگەر بولسا ۋاقتىنى دەپ بېرىڭلا

  • شاھرۇھ خاننىڭ مەستانىسى1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن مۇستەقىل ھالدا بىر كىنونى كومپيۇتېردا تورغا چىقىپ كۆرۈپ باقمىغان ھازىرغىچە ، بىلىدىغانلار قايسى توربەت يامان قايسى كىنو شاش . ماڭا بىر تەۋسىيە قىلىڭلار . ياردىمىڭلارنى ئايىماي ئەمىسە ئىنكاسنى 100 قۇر يېزىۋېتىڭلار ھە . كىنو ھىندىستاننىڭ بولىشى شەرىت خەتلىك تەرجىمە بۇلامدۇ ئاۋازلىق تەرجىمە بۇلامدۇ ئىشقىلىپ بولىۋېرىدۇ .

  • شاھرۇھ خاننىڭ مەستانىسى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەي دوسلار بىر ئىشقا ياردەم قىلىڭلار . مەن ئاق بۈركۈت تورىغا چىقىپ بىر پاتمان ھىندىستان كىنولىرىنى (يېڭى چىققان خەتلىك كىنو) كۆرەي دىگەن . مۇشۇ كىنونىڭ بىرىنچى بۆلىمىنىمۇ كۆرەي تازا ، رەئىس نىمۇ كۆرەي ياردەم قىلىڭلار . نىمە دەپ يازىمەن نەدىن تاپىمەن قايسى كىنونىڭ ئىسمى قايسى … بىر ياردەم قىلىڭلار . تۈنجى قېتىم كىنونى كومپيۇتېردا كۆرۈشنى ئويلاۋاتقانتىم مەن ھې ھې ھې

  • شاھرۇھ خاننىڭ مەستانىسى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋاۋ ۋاھ ھە بوللىۋود ئوت چىقىرۋېتىشىمىز ئۈچۈن ھە چاۋاك

  • salman1 ھەپتە ئىلگىرى

    بوللىۋوتىن يەنە بىر ئىسىل فىلىم بىرىنجى بۆلىمىمۇ بەك ياخشى چىققان ئىككىنجى بۆلىمىنى ساقلايمەن
    تايگىر ياش تۇرۇپلا ئىككى بۆلۈم كىنو ئىشلىۋەتتى دېسە ساڭا ئامەت تىلەيمەن بايقۇش
    بىرىنجى بۆلۈمدە شىردھا بىلەن بەكلا ماسلاشقانتى

  • لاسۋېگاس1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇرۇنقى چاچ پاسونىغا قارىغاندا بۇ خىل چاچ پاسونى بەكرەك يارشىدىكەن تايگىرغا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号