باش بەت

ئىدىقۇت887

7094يوللانما
14مەستانە

ئەنگلىيەلىك ئەر تاللا بازىرىدىن تاشقا ئوخشايدىغان غەلىتە تۇخۇم سېتىۋالدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 16:06 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«قۇياش گېزىتى»نىڭ 1-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە لىنكولىن ناھىيىسىدىكى بىر ئەر مەلۇم تاللا بازىرىدا مال سېتىۋالغاندا تاشقى پوستى پۈرلىشىپ كەتكەندەك كۆرۈنىدىغان تۇخۇمنى بايقىغان بولۇپ، ئۇ بۇ تۇخۇمنىڭ قارىماققا دىنوزاۋىر تۇخۇمىغا ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.

بۇ يىل 56 ياشقا كىرگەن ۋېس نورتون (Wes Norton) ئىسىملىك ئەر شۇ جايدىكى Asda تاللا بازىرىدىن شەكلى غەلىتە تۇخۇم سېتىۋالغان، نورتون ئىپادە بىلدۈرۈپ بۇ تۇخۇمنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا سۈپەت تەكشۈرۈش نازارەتچىلىكىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەنلىكىنىڭ ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن:«مەن تاللا بازىرىدىن ئازراق تۇخۇم سېتىۋالغان، بۇ تۇخۇملارنىڭ ئىچىدە قارىماققا تاشقا ئوخشايدىغان بىر تال تۇخۇم بار ئىدى. لېكىن ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدىغىنى شۇكى، تۇخۇمنىڭ ئۈستىدىكى قىزىل تامغا ئۇنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈش نازارەتچىلىكىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى.» تۇخۇمنىڭ تاشقى پوستىنىڭ نېپىز ھەم غەلىتە بولۇپ قېلىشىنى كالىتسىي كەملىك كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، گەرچە بۇ خىل ئەھۋال كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزمىسىمۇ، لېكىن بۇ تۇخۇمنى تۇغقان مېكياننىڭ بېسىمى ئېشىپ كەتكەنلىكى ياكى يۇقۇمچان خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى ياكى تۇخۇمى ئازىيىپ كېتىش ئۇنۋېرسال كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

شۇ جايدىكى تاللا بازىرى بۇ ئىشقا ناھايىتى سوغۇق پوزىتسىيە تۇتقان بولۇپ، نورتون بۇنىڭدىن قاتتىق ئاچچىقلىنىپ مۇنداق دېگەن:«ئەڭ مۇھىمى شۇكى، تاللا بازىرىنىڭ باشقۇرغۇچىسى نېمىشقا Asda تاللا بازىرىنىڭ بۇ ئىشنى ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈپ زادى نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىشقا  كاپالەتلىك بېرەلمەيدۇ؟» Asda تاللا بازىرىنىڭ باياناتچىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ دوستلۇق سەمىمىيىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن نورتون ئىسىملىك ئەرگە 25 فوند سىتىرلىڭلىق مۇكاپات بېلىتى بەرگەنلىكى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.  

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号