باش بەت

ئىدىقۇت887

7094يوللانما
14مەستانە

ئايالى گۆش يېگۈزمىگەن ھىندىستانلىق دوختۇر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 16:20 11 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

1-ئاينىڭ 10-كۈنى، ھىندىستان شىمالىي ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى لۇكنوۋ (Lucknow)دا پاجىئەلىك ۋەقە يۈز بەرگەن، ئۇمما شانكار گۇپتا ئىسىملىك تېرە كېسەللىكلىرى دوختۇرى ئىزچىل ھالدا گۆش يېمەكچى بولغاندا گىراخامىست (گۆش يېمەسلىكنى تەرغىب قىلىش ئېقىمى تەرەپدارىنى كۆرسىتىدۇ) ئايالىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچراپ كەلگەنلىكتىن ئايالى بىلەن تەگىشىپ ئۇرۇشقاندىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

ئۇمما شانكار گۇپتا بىلەن ئايالى دىپېي ئاگارۋال شۇنداقلا ئالتە ياشلىق قىزى ھىندىستان شىمالىي ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى لۇكنوۋ شەھىرىدە تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇمما شانكار گۇپتا كىرىمى ناھايىتى يۇقىرى دوختۇر، لېكىن ئۇنىڭ ئايالى دىپېي ئاگارۋال بولسا ئۇچىغا چىققان گىراخامىست بولۇپ، ئۇ ئۆيىدە ھەر قانداق گۆشنىڭ پەيدا بولۇشىغا قەتئىي رۇخسەت قىلمايتتى.

ئىزچىل ئايالىنىڭ «بوزەك قىلىشى»غا ئۇچراپ كەلگەن ئۇمما شانكار گۇپتا 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتىپ كېتىۋاتقاچ ئۆزى ۋە قىزىغا ئاتاپ بازاردىن بىر كىشىلىك گۆشلۈك تاماق سېتىۋالغان، ئۇمما شانكار گۇپتانىڭ ئويلىغىنىدەك، ئايالى بۇ گۆشلۈك تاماقنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق تەگىشىپ سوقۇشۇپ كەتكەن.

دىپېي ئاگارۋال ساقچىلارغا مۇنۇلارنى ئېيتىپ بەرگەن:«ئۇمما قىزىمىزغا گۆشلۈك تاماق يېگۈزگەندىن كېيىن ئىككىمىز قاتتىق تەگىشىپ قالدۇق، ئۇمما تەگىشىشتىن كېيىن ئۆيگە بېكىنىۋىلىپ چىقماي تۇرۇۋالدى. مەن يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىمنى ھېس قىلىپ يولدىشىمدىن ئەپۇ سورىماقچى بولدۇم، لېكىن ئىشىكنى شۇنچە چەكسەممۇ ئازراقمۇ سادا چىقمىدى، يولدىشىمغا تېلىفون قىلغان بولساممۇ ئېلىنمىدى.»

كەينىدىن دىپېي ئاگارۋال قۇلۇم-قوشنىلىرى ۋە يولدىشىنىڭ خىزمەتداشلىرىنى چاقىرىپ كەلگەن، ئۇلار ئۆي ئىشىكىنى مەجبۇرىي تېپىپ ئېچىپ كىرگەندە، ئۇمما شانكار گۇپتا ئاللىقاچان ئۆي تورۇسىغا ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغانىدى.

ئىگەللىنىلىشىچە، ئۇمما شانكار گۇپتا ئۆلۈۋېلىشتىن ئاۋۋال ھېچقانداق ۋەسىيەتنامە قالدۇرمىغانىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • لاۋزا2 كۈن ئىلگىرى

    گۆش يېمەي بېشىنى يەپتۇ.

  • خۇرسىنىش1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىخ گوشكە ئامراق بىچارە دوختۇر ،گوشنى ئالغان يىرىڭزدە يەپ كەلسىڭىز بولماسمىدى ، مەن مۇشۇ ئەرلىرى ئاياللرىنى قىز مىلى بەرمىدى دەپ خارلاپ يۇرگەن يەنە بەزى ئاياللىرى ئەرلىرىنى مەن گوش يىمىگەندىكىن سەنمۇ يىمەيسەن دەپ بوزەك قىپ يۇرگەن كۇلكىلىك ھىندىستان كىشلىرىگە چوڭقۇر ھىسداشلىق قىلمەن .

  • غېرىپ دىل1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن يېڭى كىرگەن ،دوستلارنىڭ قوللىغىنىغارەھمەت

  • رەسسام1 ھەپتە ئىلگىرى

    غېرىپ دىل دېگەن نۇرداش، ئەجەپ كەلتۈرۈپسىزغۇ ؟ قەلىمىڭىزگە دەرت كەلمىسۇن !

  • ئەسكى -Y1 ھەپتە ئىلگىرى

    غېرىپ دىل، شېئىرنى ياخشى يېزىپسىز،،

  • غېرىپ دىل1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھۆرمەتلىك نۇرداشلار،ئنكاسىمدىكى2-كوپلىت3-مىسرانى
    باشقا يەردە يەپ سامساق_دەپ تۈزىتىپ ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن

  • غېرىپ دىل1 ھەپتە ئىلگىرى

    گۆش يېمەيسەن دىگەنگە،
    ئۆلىۋېلىپ باتنامدۇ؟
    ئۆيگە ئەكەپ يېمىسە،
    بازاردا گۆش ساتمامدۇ.

    مەنمۇ سامساق يېمەيمەن ،
    تاماققىمۇ سالمايدۇ.
    باشقا يەپ سامساق ،
    ئېرىم ئۆلۈپ ئالمايدۇ

  • ئادېل1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئاجان ئاجان ، ماۋۇ خەۋەرگە كۈلەيمۇ يىغلايمۇ؟

  • ئامىدىيۇ1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھىندىستاندا خوتۇندىن قورقىدىغان ئەرلەرمۇ بامۇ ؟ ھەيران قالدىم

  • كەنجى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ساراڭ دوختۇر ئۇلىۋىلىپ، نىمىش قىلاتى ئاجىرشىپ كەتسە بولمىدىمۇ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号