باش بەت

خەندان

781يوللانما
80مەستانە

سانجاي دۇتنىڭ يېڭى فىلىمى «Torbaaz» قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەكتە سۈرەتكە ئېلىندى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 16:42 2 ئىنكاس چۈشتى

20180113152829153.jpg

بوللىۋود خەۋەرلىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«بومباي ئەينەك گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا نەرگىس فەكرى(Nargis Fakhri) ئامېرىكا لوس ئانجېلېستىكى ئۆيىدىن قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەككە بارغان. ئۇ يەردە ئۆزىنىڭ بوللىۋود يېڭى فىلىمى «Torbaaz» نى سۈرەتكە ئېلىشنى باشلىغان. بۇ فىلىمدىكى ئەر باش رولچى سانجاي دۇت(Sanjay Dutt) بولغان، نەرگىسنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى فىلىمى بولسا رىتېش دېشمۇك بىلەن ھەمكارلاشقان «Banjo» فىلىمى 2016-يىلى قويۇلغان.

«Torbaaz» فىلىمىدە ۋەقەلىك ئافغانىستاندىكى بالىلارنىڭ ئادەم بومبا بولۇش ۋەقەسىنى چۆرىدەپ قانات يايىدۇ، فىلىمدە سانجاي دەم ئېلىشقا چىققان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ئوفېتسىرى رولىنى ئالىدۇ. نەرگىس ئۇنىڭ دوستىنىڭ ئايالى بولۇپ چىقىدۇ. نەرگىس سانجايغا ياردەملىشىپ بىر مەخپىي ۋەزىپىنى ئورۇندايدۇ، فىلىمدە نەرگىس دۇنيا قارىشىنى ئۆزگەرتىپ ئاخىرىدا ئافغانىستانغا قايتىپ كېلىپ، ئۇرۇش ۋەيران قىلىۋەتكىلى ئۇزۇن بولغان يۇرتىنى قايتا قۇرۇشقا ياردەم قىلىدۇ.

بۇ فىلىمنىڭ بىرلەشمە نازارەتچىسى راھۇل مىترانىڭ ئاشكارىلىشىچە، نەرگىس رولىنى ئالىدىغان ئايال باش رولنىڭ فىلىمدىكى ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇ لوس ئانجېلېستا پۇشتو تىلى، دارى تىلى(ئافغان پارس تىلى بولۇپ ئاساسلىقى تاجىكلار كۆپرەك ئىشلىتىدۇ) نىڭ تەربىيلەش دەرسلىكىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ فىلىمدە يۇقاردىكى ئىككى تىلنى كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىدۇ.

نۆۋەتتە، «Torbaaz» فىلىم گۇرۇپپىسى بېشكەكتە بۇ فىلىمنىڭ بىرىنچى بۆلىكىنى سۈرەتكە ئېلىۋاتىدۇ، بۇ فىلىمگە گىرىش مالىك(Girish Malik) رېژىسسورلۇق قىلىدۇ، بۇ فىلىم 2018-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا كىنوخانىلاردا قويۇلىدۇ.

ئۇندىن باشقا، نۇرغۇن خەۋەرلەردىن بېشارەت بولدىكى، سانجاي دۇت كېيىنكى يېڭى فىلىمى بىلەن توختام ئىمزالىغان، ئۇ فىلىمگە ئاشۇتوش(Ashutosh Gowariker) رېژىسسورلۇق قىلىدىكەن، ئۇ ئارجۇن كاپۇرمۇ قاتنىشىدىغان تارىخىي خاراكتېرلىك ۋەقەلىك فىلىمكەن. سانجاي دۇت ئالدىنقى فىلىمىدا ئادىتى راۋ ھەيدەرى بىلەن ھەمكارلاشقان بولۇپ، فىلىم نامى«Bhoomi»(سۈكۈتنىڭ بۇزۇلۇشى). ئەپسۇس بۇ فىلىمنىڭ بېلەت كىرىمى ئادەتتىكىچە بولغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئەلىشىر1131 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ ئاداشنىڭ داغ دىگەن كىنوسىنى نەدىن تاپقىلى بولار؟

  • لاسۋېگاس1 ھەپتە ئىلگىرى

    سانجاينىڭ كىنولىرىنى بەكلا ياقتۇرىمەن بۇ كىنوسىنىڭمۇ تىزراق قۇيلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号