باش بەت

جۇشقۇنجان

3607يوللانما
8مەستانە

ئالما CES يەرمەنكىسىدە كۈچەيتىلگەن رېئاللىق كۆزەينىكى شىركىتى بىلەن ئۇچراشتى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 17:57 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ھەپتىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خەلقئارا ئىستېمال ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىدە ئالما شىركىتىنىڭ ۋەكىلى AR كۆزەينىكى زاپچاسلىرى تەمىنلەش شىركىتى بىلەن ئۇچراشقان. بۇ شىركەت ئاساسلىقى AR كۈچەيتىلگەن رېئاللىق كۆزەينىكى زاپچاسلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئالما شىركىتىدىن باشقا يەنە گۇگول، سىناپ ۋە شياۋمى قاتارلىق تېخنىكا شىركەتلىرىمۇ بۇ شىركەت بىلەن كۆرۈشكەن. بۇلاردىن باشقا سامسۇڭ بىلەن LG ئاز مىقداردا زاپچاس زاكاز قىلغان.

   

ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشى ھازىرچە ئالما شىركىتى كۆرۈشكەن شىركەتنىڭ قايسى شىركەت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىمىدى. ئادەتتە ئالما شىركىتى ھەمكارلاشقۇچى شېرىكلىرىنىڭ تېخى ئېلان قىلىنمىغان مەھسۇلاتنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاشكارىلىشىنى چەكلەيدۇ.

خەۋەر قىلىنىشچە، ئالما شىركىتى نۆۋەتتە AR دۇبۇلغىسىنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ، ئۇنىڭ ئىچكى ۋاكالەت نومۇرى T288 بولۇپ، بەلكىم 2020-يىللىرى ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن. ئالمىنىڭ بۇ كۈچەيتىلگەن رېئاللىق دۇبۇلغىسى مۇستەقىل مەشغۇلات قىلالايدىغان بولۇپ، iPhoneغا ئۇلىمىسىمۇ بولىدۇ. ئالما بۇ ئىقتىدارنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن AR ئۈسكۈنىسىگە ئۆزىنىڭ ئېكرانى ۋە بىر تەرەپ قىلغۇچىنى سەپلىگەندىن باشقا، يەنە مەخسۇس rOS يۇمشاق دېتال سۇپىسىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئالما نۆۋەتتە باش ھەرىكىتى، Siri ئاۋازلىق بۇيرۇقى ۋە سىزىمچان تاختىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشنى سىناق قىلىۋاتىدۇ.

ئالما شىركىتى AR ساھەسىگە بەكلا قىزىقىدىغانلىقىنى ئاشكارە بىلدۈرگەن، ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇك كۆپ قېتىم AR كۈچەيتىلگەن رېئاللىق تېخنىكىسىنىڭ تېخنىكا ئىشلىتىش ئۇسۇلىمىزنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئالما شىركىتى iOS 11 مەشغۇلات سىستېمىسىغا ARKit ئىقتىدارىنى قوشقان، ARKit ئىقتىدارى AR ئەپلىرىنىڭ ئېچىلىشىنى ئاددىيلاشتۇرالايدۇ.    

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号