باش بەت

نۇسرەتگۈل

8936يوللانما
149مەستانە

جۇڭگو ھاجەتخانىلىرى ئامېرىكىلىقلارغا «قوش بايلىق» ئاتا قىلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 17:43 3 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 11-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 10-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ يۇتا ئىشتاتىدا تۇرىدىغان ئېدۋارد ئەر-ئايال يىلبويى قەۋزىيەتنىڭ ئازابىنى تارتقانلىقى ئۈچۈن زوڭزىيىپ ئولتۇرىدىغان تەرەتدان ئىجاد قىلغان ھەم شۇ سەۋەبتىن مىلياردېرغا ئايلىنىشقا باشلىغان. بىراق، بۇ خىل تەرەتدان ياساش ئىلھامىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئادەتتىكى ھاجەتخانىلىرىدىن كەلگەنلىكىنى بىلەمسىز؟

يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ جۇدىي ئېدۋاردنىڭ قەۋزىيىتى بارغانسېرى ئېغىرلاپ كەتتى. بىر نەچچە يىل ئىلگىرى بىر مېدىتسىنا مۇتەخەسسىسى ئۇنىڭغا ھاجەتخانىغا كىرگەندە پۇتىغا پاكار ئورۇندۇق قويۇۋېلىش ئارقىلىق تىزىنى ئېگىزرەك قىلىپ سىناپ بېقىش تەكلىپى بەردى. دەسلەپتە جۇدىي بۇنى بەكلا بىمەنىلىك دەپ قارىدى. بىراق، سىناپ باققاندىن كېيىن قەۋزىيىتىدە ئازراق ياخشىلىنىش بولدى.

ئېدۋارد ئەر-ئايال بۇنىڭدىن سودا پۇرسىتى بايقاپ كىچىك ياغاچ ئورۇندۇقتىن بىرنى ياسىدى ھەم ئۇنىڭغا «زوڭزىيىپ ئولتۇرىدىغان تەرەتدان» دەپ ئىسىم قويدى. جۇدىي بۇ لاھىيەدىكى ئىلھامىنىڭ جۇڭگونىڭ زوڭزىيىپ ئولتۇرىدىغان ھاجەتخانىلىرىدىن كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

جۇدىنىڭ يولدىشى بوبىي زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ تەرەت قىلىشنىڭ ئەڭ توغرا ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ: «بىزنىڭ بوغماق ئۈچيىمىزدە بىر تۈگۈنچەك بار. ئۇ بىزنىڭ ئىشتىنىمىزنى بۇلغاپ قويۇشىمىزنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ناۋادا ئۇ بولمىسا ئىنسانلار خالىغان يەردە، خالىغان ۋاقىتتا ئىشتىنىغا تەرەت قىلىپ قويۇشى مۇمكىن» دېدى. تەرەتداندا ئولتۇرۇش ئادەمنى راھەتلەندۈرگەندەك قىلسىمۇ، ئەمما زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش ئاجرالمىلارنىڭ تولۇق چىقىپ كېتىشىگە پايدىلىق.

بۇ ئائىلىدىكىلەر دەسلەپتە ياسىغان ئورۇندۇقلىرىنى دوستلىرىغا سوۋغا قىلدى، ئۇلارمۇ بۇنى بىمەنە چاقچاق دەپ ئويلىدى. بىراق، ئىشلىتىپ باققاندىن كېيىن ھەقىقەتەن ياخشىلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بوبىي بۇ سودىنىڭ قاملىشىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە 35 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ بىر تور بېكەت قۇرۇپ سودىسىنى رەسمىي باشلىدى، شۇنداقلا ئورۇندۇقنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن ماتېرىيالىنى سۇلياۋغا ئالماشتۇردى.

دەسلەپتە بوبىي ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك ژۇرنال، قاناللارغا زوڭزىيىپ ئولتۇرىدىغان تەرەتدان سوۋغا قىلىپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقچى بولدى ھەم ئۇلارغا تېلېفون ئارقىلىق خەۋەر قىلغاندا رىياسەتچى بۇنى كىچىك بالىلارنىڭ چاقچىقى دەپ قارىدى.

بىراق، مەھسۇلات بازارغا سېلىنىپ 24 سائەت ئىچىدە سېتىلىش مىقدارى ھەممىنى ھەيران قالدۇردى، ئېدۋارد ئەر-ئايال لورى گىرېينېرنىڭ (Lori Greiner) (داڭلىق ماركا) 350 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلىغىنى تاپشۇرۇۋالدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ خىل تەرەتداننىڭ نامى تېخىمۇ چىقتى.

بۇ تەرەتداننىڭ 2011-يىلىدىكى سېتىلىش سوممىسى 17 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى، 2015-يىلىدىكى سېتىلىش سوممىسى 19 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە 33 مىليون يۈەنگە يېقىنلاشتى. جۇدىي: «كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدىن كېيىن سېتىش سوممىمىز 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىشى مۇمكىن» دېدى.

ئۆتكەن بىر يىل جەريانىدا بۇ شىركەت يەنە يېڭى مەھسۇلات، تەرەتدان توسقۇچ ۋە ھاجەتخانىدىكى سېسىق پۇراقنى يوقىتىش پۈركۈمىسى ئىجاد قىلدى. ھازىر ئۇلارنىڭ سودىسى كېڭىيىپ كانادادا بىر يېڭى زاۋۇت قۇردى، خەلقئارالىق سودىغا قەدەم قويدى.

بوبىي: «نۇرغۇن ئادەم بۇ نەرسە توغرىسىدا ئېغىز ئېچىش قىيىن دەپ قارىغانىدى. بىراق، بىز سودا پۇرسىتىنى بايقىغاندىن كېيىن خېلى كۆپ ئادەم نېمىشقا بالدۇرراق بايقىمىغانلىقىدىن ئاغرىندى. بۇ نېمىدېگەن غەلىتىلىك.» ئۇنداقتا، سىزمۇ بۇ توغرىسىدا ئېغىز ئېچىشتىن خىجىل بولامسىز؟

باش سۈرەت تاللاش x
  • 卡尔万1151 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەسلى قەۋزىيەتمۇ راھەت كىسىلى ئىكەندە.

  • 黑色玫瑰1 ھەپتە ئىلگىرى

    تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ يوقىرى كۆتۈرلىشىگە ئەگىشىپ، بەزى بىر ئىلمى بولمىغان ئادەتلەر تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرمەكتە. ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولىشى ئەمەلىيەتتە ئادەتنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان.

  • boran09981 ھەپتە ئىلگىرى

    دېمەك: بىزدىكى زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ تەرەت قىلىشنىڭ ئىلمىي ئاساسى بار ئىكەن-دە!؟

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号