باش بەت

كىنوچى

458يوللانما
103مەستانە

سىتايلون «جىنسىي سەتچىلىك» جەھەتتىكى ئەيىبلەشكە يۈز تۇرانە جاۋاب قايتۇردى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 17:30 4 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىنقى ئىككى ئايدا، ھوللىۋودنى «جىنسىي سەتچىلىكنى ئاشكارىلاش» دولقۇنى قاپلىدى، نۇرغۇن فىلىم ئىشلىگۈچى، رېژىسسورلارنىڭ «جىنسىي سەتچىلىكى» ئاشكارلىنىپ ئەيىبلەندى. داڭلىق ھەرىكەتلىك ئارتىسى سىتايلوننىڭمۇ تاراتقۇلار تەرىپىدىن ئىككى قېتىم جىنسىي سەتچىلىكى ئاشكارىلانغان. بىرىنچى قېتىملىقى 80-يىللاردا، ئىككىنچى قېتىملىقى 90-يىللاردا يۈز بەرگەن.

ئالدىنقى مەزگىلدە سانت مونىكا ساقچىلىرىنىڭ جەزىملەشتۈرىشىچە، بىر ئايال ساقچىغا تېلېفون قىلىپ ئۆزىنىڭ 1990-يىلى سىتايلوننىڭ باسقۇنچىلىق قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان، ئۇنىڭ دېيىشىچە، باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئورۇن دەل سىتايلوننىڭ ئىشخانىسى ئىكەن. گەرچە بۇ دېلو كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ «جىنايەت سۈرۈشتە قىلىش مۇددىتى»دىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن سانت مونىكا ساقچىلىرى ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، سىتايلونغا بولغان تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرمىدى.

بەلكىم بۇ سەتچىلىكنى 2018-يىلىغا ئېلىپ كىرگۈسى يوق سىتايلون شۇ يەر ۋاقتى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى جىنسىي تاجاۋۇزلۇق جەھەتتىكى ئەيىبلەشكە يۈز تۇرانە جاۋاب قايتۇرغان. سىتايلون ئامېرىكا تاماشا تور بېكىتى Radarغا بۇ ئىشلارنىڭ ھەرگىزمۇ راست ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. «بۇ ئىش مېنىلا ئەمەس يەنە بەزى بىر گۇناھسىز كىشىلەرگىمۇ ئازار بەردى، بۇ ئىش بىلەن زىيانغا ئۇچرىغان ئادەمنىڭ نامى تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن». سىتايلون دەۋاتقان بۇ «گۇناھسىز كىشىلەر» دەل ئۇنىڭ ئايالى جەننىفۇر فۇرايۋېن ۋە ئۇنىڭ ئۈچ قىزى.

«ئۆزىگە باسقۇنچىلىق قىلدى» دەپ ئەيىبلىگەن ئايالغا قارىتا سىتايلون ئۇنى تونۇيدىغانلىقىنى ۋە 1987-يىلى ئىسرائىلىيەدە ئۈچ كۈننى بىللە ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېيتقان. گەرچە سىتايلون بۇ ئايالغا باسقۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىككىسىنىڭ كونكرېت مۇناسىۋىتىنى ئاشكارلىمىغان.   

باش سۈرەت تاللاش x
  • 特别爱6 كۈن ئىلگىرى

    گۇناھ چۇقۇم مۇشۇ قېرىدا بولۇشى مۇمكىن ،

  • Co ol1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەممىسى پۇل ئۈندۈرۈش ئۈچۈنما ئەمدى توۋا 30 نەچچە يىللىق ئىشنى ئەمدى سۆرەپ

  • 133******991 ھەپتە ئىلگىرى

    6نى ئىشلىسە بۇتتى ئەمدى

  • ئامىدىيۇ1 ھەپتە ئىلگىرى

    80-90يىللاردا بولغان ئىشنى ئەمدى سۆرەپ چىقىننى،،،، بولدىلا ئاخىرىنى دېمەي،،،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号