باش بەت

ئىدىقۇت887

7109يوللانما
14مەستانە

ئاچلىقتا ئېچىرقاپ كەتكەن ۋېنېسۇئېلالىقلار تاياق-توقماق ۋە تاش-كېسەك كۆتۈرۈپ كالا ئوۋلىدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 18:26 2 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ  1-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئادەمنى چۆچىتىدىغان بىر بۆلەك سىن كۆرۈنۈشى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا كەڭ تارقالغان بولۇپ، سىن كۆرۈنۈشىدە بىر توپ ئېچىرقاپ كەتكەن ۋېنېسۇئېلالىقنىڭ قوللىرىدا تاش-كېسەك ۋە تاياق-توقماق كۆتۈرگەن ھالدا بىر سۈت كالىسىنى قورشاپ ئۇرۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن، ئۇلار يۇقىرى ئاۋازدا:«قورسىقىمىز ئېچىپ كەتتى»، «كىشىلەر جاپادا قالدى» دەپ ۋارقىرىشىپ سۈت كالىسىنى تاياق-توقماق بىلەن كالتەكلەپ ئۆلتۈرگەن ھەم نۇرغۇن كىشى توپلىشىپ بۇ كالىنىڭ گۆشلىرىنى پارچىلاپ بۆلۈشكەن.

بۇ ئىش ۋېنېسۇئېلانىڭ مېرىدا شەھىرى پالمارىتودىكى بېلىقچىلىق كەنتىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، شۇ كۈنى بۇ دۆلەتتە ناھايىتى ئېغىر ئىچكى قالايمىقانچىلىق ۋە بۇلاڭچىلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەنىدى. يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ كۈنى كىشىلەر ئوخشىمىغان باقمىچىلىق فېرمىلىرىغا بېسىپ كىرىپ نەچچە ئون تۇياق كالىنى ئۆلتۈرگەنىكەن.

سىن كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە ئالغۇچىمۇ سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا:«كىشىلەر ئوۋ ئوۋلىماقتا، ئۇلارنىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتكەنىدى» دېگەنىدى.

پارلامېنت ئەزاسى نىكولاس مادۇرو (Nicolas Maduro) ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا بۇ ۋەقەگە قارىتا ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن:«كىشىلەر بۇنداق قىلسا بولمايدۇ، بۇنداق كېتىۋەرسە دۆلىتىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا تېخىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىپ تېخىمۇ ئېغىر بولغان ئاچارچىلىق ۋە يېمەكلىك قىس بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.» ئىگەللىنىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان، مەزكۇر رايوندا تەخمىنەن 300 تۇياققا يېقىن جانلىق ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.

            

باش سۈرەت تاللاش x
  • haman olopkitimiz1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىختىساتنىڭ ھەممىسىنى ھەربى ھازىرلىق ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكنىڭ نەتىجىسىغۇشۇ

  • بۇيرۇق1 ھەپتە ئىلگىرى

    بارغانسىرى ئپتىدائى جەمىيەتكە قايتىۋاتامدۇ ماۋۇ خەق بۇنداق قالايمىقان ئۆلتۈرۈپ ئالدىغا كەلگەننى يەپ تۈگەتكۈچە كاللىنى ئازراق ئشلىتىپ شۇ ھايۋانلارنى بىقىپ كۆپەيتىپ ئاندىن ئھتىياجىغا قاراپ سويۇپ يىسە بولىدىغۇ بىرنى يە بىرنىڭ ئورنىنى قىل دەيدىغان گەپنى ئۇلار ئۇقمامدىغاندۇ ۋاي ئانداق تەرەققىيات ۋاي مانداق تەرەققىيات دەيدۇ قوساقنىڭ ئالدىدا ئۇنداق تەرەققىيات بىر پۇچۇق نانچىلىك پايدا كۆرسەتمىسە باكا مىنىڭچە ھەرقايسى دۆلەتلەر مەبلەغنى ئاساسى يىزا ئگىلىكىگە سالغىنى ياخشى ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号