باش بەت

بەشىنچى شاھزادە

510يوللانما
14مەستانە

13 ياشلىق بالا چېنىقىۋاتقاندا ئېڭىكى كىيمىنىڭ بەلبېغىغا يۆگىشىپ قېلىپ قازا قىلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 17:28 3 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

«ئەينەك گېزىتى» نىڭ 12-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، 13 ياشلىق ئەنگلىيەلىك بىر ئوغۇل بالا ياتاق ئۆيىدىكى تورنىكقا ئېسىلىپ بەدەن چېنىقتۇرىۋاتقاندا، ئويلىمىغان يەردىن ئۇخلاش كىيىمىنىڭ بەلبېغىغا يۆگىشىپ قىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن. يېقىندا جەسەت تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بۇ ئوغۇل بالىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالمىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆيدىكىلىرى بۇ نەتىجىنى ئاڭلاپ كۆڭلىنىڭ ئازراق تەسەللى تاپقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەنگلىيەنىڭ ئېستبۇرنلۇق 13 ياشلىق ھاررىي روك (Harry Rock) ياتاق ئۆيىنىڭ ئىشىك كېشىكىگە ئورنىتىلغان بەدەن چېنىقتۇرىدىغان تورنىكتا بەدەن چېنىقتۇرۇۋاتقاندا، ئېڭىكى ئۇخلاش كىيىمىنىڭ بەلبېغىغا چىرمىشىپ قىلىپ، تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كەتكەن. جەسەت تەكشۈرگۈچى جامېس ھېلىي پرات (James Healy-Pratt) بۇنى كۈتۈلمىگەن ھادىسىگە تەۋە دەپ كېسىم چىقارغان، ئۇنىڭ دېيىشىچە بۇ ئوغۇل بالا بىپەرۋالىق قىلىپ «بەختكە قارشى يۈز بەرگەن تىراگېدىيەلىك تەجرىبە» سەۋەبىدىن قازا قىلغان. ئۇنىڭ ئۆيدىكىلىرى بۇ كېسىمگە قوشۇلغان، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ بالىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ئېھتىماللىقىنى يوققا چىقارغان.

2017-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ھاررىينى ئانىسى ئاماندا روك (Amanda Rock) بايقىغاندا، ئۇنىڭ بوينى بەلباغقا پۈتۈنلەي چىرمىشىپ قالمىغان ئىكەن. ئاماندا مۇنداق دېدى: «مەن ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم، ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىغا ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات يوق. ئۇ نورمال، خۇشال-خۇرام ياشاۋاتقان بالا، مەن ئوغلۇمنى تاكى مەن ئۆلۈپ كەتكۈچە قوغدايمەن.»

خېلگا ئېدۋاردس (Helga Edwards) بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ دوستى، ئۇ سوتتا: «مەن بۇنىڭ پۈتۈنلەي كېلىشمەسلىك ئىكەنلىكىگە مۇتلەق ئىشىنىمەن، ئۇنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان دەپ قارىغان ھەر قانداق قاراش ئىنتايىن رەھىمسىزلەرچە چىقىرىلغان خاتا ھۆكۈم.» دېگەن.

بۇ بالا ئۆيدە تەربىيە ئالغان، ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەن كۈنى ئەتىگەندە دىنىي تەتقىقات توغرىسىدا دەرس ئاڭلىغان. ئاماندا ئوغلىنىڭ جەسىتىنىڭ ئىشىك ئالدىغا ئىسسىقلىق تۇرغانلىقىنى بايقىغاندا، ناھايىتى ئازابلانغان. ئۇ سوتتا: «دەسلىپىدە مەن بۇنى چاقچاق ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن، چۈنكى ئۇنىڭ چىرايى كۈلۈمسىرىگەندەك كۆرۈنگەن، ئەمما كېيىن مەن ئۇنىڭ ساڭگىلاپ قالغان تىلىنى بايقىدىم.» دېگەن.

ئۇنى پول ئۈستىگە قويغاندا، ئۇنىڭ نەپىسى بار ئىكەن، شۇڭا ئۇ ئوغلىنىڭ يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. ئەمما تېببىي خادىملار نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنى ئېستبۇرن دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بارغان، دوختۇرخانىدا ھاررىينىڭ قازا قىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان. ئاماندا: «ئۇنىڭ بىلەن 13 يىل بىللە ياشىيالىدىم، ھازىر ئۇ ‹ئۆيى›گە قايتتى.» دېدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 133******453 ئاي ئىلگىرى

    ئىڭىكى بەلباغقا يۆگۈلۈپ قەپتۇ ؟

  • رىزۋانگۈل3 ئاي ئىلگىرى

    ئادەمنىڭ ئىچى سېرلدىكەن كىممۇ ئويلغان دەيسز بۇندا بولشنى

  • ئامىدىيۇ3 ئاي ئىلگىرى

    ھەجەپ ئوماق بالىكەنتۇق

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号