باش بەت

ئۈمىدجان

338يوللانما
2مەستانە

2018-يىللىق نۇسخىدىكى كىيا Soul توكلۇق نۇسخىدىكى ئاپتوموبىلى ئېلان قىلىندى

مەنبە:ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 17:59 0 ئىنكاس چۈشتى

ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى 13-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2018-يىللىق نۇسخىدىكى كىيا Soul ساپ توكلۇق نۇسخىسى ھەرىكەت كۈچى باتارېيەسىنىڭ ئېلېكتىر سىغىمىنى، 27kWhتىن 30kWhكە كۆتۈرگەن. گەرچە ئېلېكتىر سىغىمى 3kWh يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەرىكەت كۈچى باتارېيەسىنىڭ رازمېرىدا ئۆزگىرىش يۈز بەرمىگەن بولۇشى مۇمكىن، پەقەت باتارېيەنىڭ ئېنېرگىيە زىچلىقى ئاشۇرۇلغان.

يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ تاشقى قىياپىتى، ئىچكى بېزىكى 2017-يىللىق نۇسخىسىنىڭ لايىھەسىنى ئاساسىي جەھەتتىن داۋاملاشتۇرغان، ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش بولسا ئۇدا مېڭىش مۇساپىسى ھەرىكەت كۈچى باتارېيەسىنىڭ ئېلېكتىر سىغىمىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ ئۇزارغان. ئامېرىكا مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئۇدا مېڭىش ئىقتىدارى 2017-يىللىق نۇسخىسىنىڭ 93 مىل (تەخمىنەن 149 كىلومېتىر)دىن 111 مىل (تەخمىنەن 178 كىلومېتىر)غا كۆتۈرۈلگەن. ئېلېكتىرون كونترول سىستېمىسىمۇ سەل تەڭشەلگەن، ئېنېرگىيە سەرپىياتى سەۋىيەسىنى كونترول قىلىشى تېخىمۇ تۆۋەن، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ھەر 160 كىلومېتىردىكى توك سەرپىياتى 31kWh، لېكىن 2017-يىللىق Soul ساپ توكلۇق نۇسخىسىنىڭ ھەر 160 كىلومېتىردىكى توك سەرپىياتى 32kWh ئىدى.

ئىگىلىنىشچە، 2018-يىللىق نۇسخىدىكى Soul ساپ توكلۇق نۇسخىسى ئاساسىي نۇسخىسى ۋە يۇقىرى سەپلىمىلىك نۇسخىسىدىكى ئاپتوموبىل تىپىنى ئىستېمالچىلارنىڭ تاللىشىغا تەمىنلەپ بېرىدىكەن، باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 33 مىڭ 950 ئامېرىكا دوللىرى ۋە 35 مىڭ 950 ئامېرىكا دوللىرى، نۆۋەتتە بۇ ئاپتوموبىل چەتئەل بازىرىدا سېتىلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号