باش بەت

بەشىنچى شاھزادە

220يوللانما
6مەستانە

ياپونىيە جەمئىيىتىدە توي قىلماسلىق، كېچىكىپ توي قىلىش يۈزلىنىشى ئېغىرلاپ كەتتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 17:57 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

سۈرەتتە: توكيو كوچىسى

ياپونىيە «ئاساھى خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ 12-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە تېببىي داۋالاش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەھكىمىسىگە قاراشلىق دۆلەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت، نوپۇس مەسىلىلىرى تەتقىقات ئورنى شۇ كۈنى «ياپونىيە ئائىلىرىدىكى ئادەم سانى توغرىسىدىكى كەلگۈسى مۆلچەر»نى ئېلان قىلغان. بۇ مۆلچەردە كۆرسىتىلىشىچە، 2040-يىلغا بارغاندا، ياپونىيەدىكى يالغۇز ياشايدىغانلار ئومۇمىي ئائىلىدىكى ئادەم سانى يىغىندىسىنىڭ %39.3نى ئىگىلەيدىكەن.

 

سۈرەتتە: ياپونىيەدىكى ئائىلە تىپى ئىگىلىگەن نىسبەتنىڭ ئۆزگىرىش مۆلچەرى

مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، كېچىكىپ توي قىلىدىغان ۋە توي قىلمىغانلار ئادەم سانىنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن 65 ياشتىن يۇقىرى يالغۇز ئۆتىدىغانلار %22.9نى ئىگىلەيدىكەن، يەنى ھەر 4 نەپەر چوڭ ياشتىكىلەر ئىچىدە بىرسى يالغۇز ئۆتىدىكەن.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى ھەر 5 يىلدا بىر قېتىم ھېسابلاپ چىقىدۇ، بۇ قېتىمقىسى 2015-يىلدىكى «دۆلەتلىك تەكشۈرۈش»دىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئاساس قىلىپ ھېسابلاپ چىقىلغان 2040-يىلدىكى نەتىجىدۇر.

2015-يىلى ياپونىيەدىكى يالغۇز تۇرىدىغانلارنىڭ نىسبىتى %34.5 (جەمئىي 18 مىليون 420 مىڭ ئائىلە) بولغان، 2040-يىلغا بارغاندا، %4.8 ئۆرلەپ، %39.3 (جەمئىي 19 مىليون 940 مىڭ ئائىلە)گە يېتىدىكەن.

 

سۈرەتتە : 65 ياشتىن يۇقىرى ئەر-ئاياللارنىڭ يالغۇز ئۆتۈش نىسبىتىنىڭ يۆتكىلىش مۆلچەرى

ياپونىيە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن بۇرۇن تۇغۇلغان «نوپۇسى زىچ بىر ئەۋلاد» كىشىلەر (2-دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئۇرۇشتىن كېيىن پەرزەنتلىك بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە ياپونىيەدە «نوپۇسى زىچ بىر ئەۋلاد» كىشىلەر تۇغۇلغان، 1945-يىلدىن 1972-يىلغىچە، نوپۇسنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %12.5 بولغان) 2040-يىلغا بارغاندا يېشى چوڭ بىر ئەۋلادلار قاتارىغا كىرىدۇ.

دېمەك، يالغۇز ئۆتىدىغانلار بىلەن يېشى چوڭلارنىڭ سانى بىرلا ۋاقىتتا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يىتىدۇ. يېشى چوڭلارنىڭ ئىچىدە يالغۇز ئۆتىدىغانلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىمۇ 2015-يىلدىكى %18.5 دىن %22.9 گە كۆپىيىدۇ.

سۈرەتتە: ياپونىيەدىكى يالغۇز ئۆتىدىغان غېرىب ياشانغانلار ئىجتىمائىي مەسىلە بولۇپ قالدى

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号