باش بەت

نۇسرەتگۈل

8936يوللانما
149مەستانە

تاللا بازىرى شاكىلاتلىق مۇز قايماق بۇيرۇتقاندا بىر «0» ئارتۇق بېسىلىپ كەتكەندە ...

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 18:15 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

2017-يىلى 10-ئايدا تارتىلغان بۇ سۈرەتلەر ياپونىيە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدىن ئوت چىقىرىۋەتتى. مەلۇم بىر تاللا بازىرىنىڭ سوغۇق ئىچىملىك توڭلاتقۇسىغا ئوخشاش ماركىدىكى شاكىلاتلىق چوكا مۇزلار تولۇپ كەتتى.

تاللا بازىرىدىكىلەر مال كىرگۈزگەندە بىر «0» ئارتۇق بېسىپ سالغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇنداق ئىشقا يولۇققان دۇكاندارلارنىڭ مال باھاسىنى چۈشۈرۈپ سېتىشتىن باشقا نېمە ئامالى بولسۇن؟

ياپونىيەدە مال كىرگۈزۈش خاتالىقى دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. دۇكان خىزمەتچىلىرى خاتالىق سادىر قىلغاندىن كېيىن زاۋۇتتىكىلەرمۇ كۆپ ئويلاشمايلا ياكى قەستەن بىر مۇنچە مال ئەۋەتىدۇ.

بۇنداق تىراگېدىيە نۇرغۇن قېتىم يۈز بەرگەن. بۇ تاللا بازىرىدىكىلەر ئوخشاش ماركىدىكى مەھسۇلاتتىن ئېھتىياتسىزلىقتىن كۆپ بۇيرۇتۇۋالغانلىقى سەۋەبلىك 216 يۈەننى 98 يۈەنگە تۆۋەنلىتىشكە مەجبۇر بولدى.

ھاۋا سوغۇق بولغانلىقتىن قولى توڭلاپ كەتكەن دۇكان خىزمەتچىسى بىراقلا 5000نى بېسىۋەتكەن.

بۇ ماللار دۇكان باشلىقىنىڭ يەلكىسىنى خۇددى تاغقا ئوخشاش بېسىپ تۇرماقتا.

بۇنىڭغا قاراڭلار. دۇكان غوجايىنى ئۆزىنى «ياپونىيە بويىچە مۇشۇ ماركىدىكى شاكىلاتنى ئەڭ كۆپ ساتىدىغان دۇكاندار» دەپ ئاتىۋالدى.

بۇ دۇكاندا زادى قانچلىك شاكىلاتنىڭ ماركىسى ئوخشاشتۇ؟ ئانچە كۆپ ئەمەسكەن، تەخمىنەن 40 مىڭى ئوخشاشكەن.

ئەمدى 12 مۈچەلنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن يېمەكلىك ئارقىلىق پال ئېچىشنى كۆرۈپ باقايلى.

يەنە بەزى تاللا بازارلىرىدا ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش چاپلانمىغان. بىراق، جازىغا بىرلا قارىسا ھەممىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ.

تورداشلار: غوجايىن، بۇ قىلمىشىڭىز خېرىدارلارنىڭ مال تاللاش ھوقۇقىغا دەخلى قىلغانلىق.

ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم بۇنچە كۆپ سۈرلەنگەن گۆشنى كۆرۈشۈم.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号