باش بەت

بەشىنچى شاھزادە

226يوللانما
6مەستانە

170 مىليون ئامېرىكىلىق ئىچىدىغان ئىچىملىك سۇ تەركىبىدە راك پەيدا قىلىدىغان ماددىلار ۋە رادىيوئاكتىپ ئېلېمېنتلار بايقالدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 17:16 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

مۇشۇ ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى، پايدا ئالمايدىغان مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتى بولغان «مۇھىت خىزمىتى گۇرۇپپىسى» (Environmental Working Group) تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلغان، دوكلاتتا يېرىمدىن كۆپرەك ئامېرىكىلىق ئىچىدىغان ئىچىملىك سۇ تەركىبىدە رادىيوئاكتىپ ئېلېمېنتلارنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ دوكلاتتا ئالتە خىل رادىيوئاكتىپلىق بۇلغىما كۆرسىتىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە رادىي، رادون ۋە ئۇرانمۇ بار. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئېلېمېنت رادىي بولۇپ، بۇ بىر خىل تەبىئىي مەۋجۇت بولىدىغان ئېلېمېنت، شۇنداقلا بىر خىل راك پەيدا قىلغۇچى ماددا ھېسابلىنىدۇ.

كالىفورنىيە ۋە تېكساس ئىشتاتىنىڭ ئەھۋالى ئەڭ ناچار بولۇپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا %64 ۋە %80 ئاھالىنىڭ ئىچىملىك سۈيى تەركىبىدە رادىي ئېلېمېنتى بار ئىكەن.

بۇ دوكلاتتا 50 مىڭغا يېقىن ئاممىۋى سۇ بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسى سانلىق مەلۇماتلىرى توپلانغان. بۇ سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلدىن 2015-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، پۈتۈن ئامېرىكىنىڭ 50 ئىشتاتىدىكى 22 مىڭدىن كۆرەك ئاممىۋى سۇ بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىدا بىر تەرەپ قىلىنغان سۇنىڭ تەركىبىدە رادىي ئېلېمېنتى بايقالغان، جەمئىي 173 مىليون ئادەمنى قاپلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئاز بىر قىسىم ئامېرىكىلىقلار دۇچ كەلگەن رادىي بۇلغىنىشى مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كەتكەن.

لېكىن بۇ تەشكىلات يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، بۇ قوشما ئىشتات ئۆلچىمى 1976-يىلى تۈزۈلگەن. تەخمىنەن %38 ئامېرىكىلىق دۇچ كەلگەن رادىي بۇلغىنىش قويۇقلۇقى يەنە بىر ئۆلچەمدىن، يەنى كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى ئالىملار تۈزۈپ چىققان 2006-يىلدىكى ئاممىۋى سەھىيە نىشانىدىن ئېشىپ كەتكەن، ئۇ قوشما ئىشتات ئۆلچىمىدىن خېلىلا قاتتىق تۈزۈلگەن.

بۇ تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى سىكوت فېبېر (Scott Faber) بۇ ئىككى ئۆلچەم توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «بىخەتەر بولۇش بىلەن قانۇنلۇق بولۇشنىڭ پەرقى بار، بۇ ئىنتايىن مۇھىم پەرق». ئۇنىڭ دېمەكچى بولغىنى، گەرچە قوشما ئىشتاتلار ئۆلچىمىگە يىتىش قانۇنلۇق بولسىمۇ، ئەمما بىخەتەر بولۇشى ناتايىن.

بالىلار مۇھىت ساغلاملىقى ئالىي پەنلەر مەسلىھەتچىسى ئولگا نايدېنكو (Olga Naidenko) مۇنداق دېدى: «تۇرۇبا سۈيى تەركىبىدىكى كۆپلىگەن رادىيوئاكتىپ ئېلېمېنتلارنىڭ كېلىش مەنبەسى تەبىئىي بولۇپ، ئەمما بۇ بىزنىڭ تېخىمۇ قاتتىق ئۆلچەم قوللانمايدىغانلىقىمىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، بىز چوقۇم سۇنى تېخىمۇ ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، كۆپچىلىكنى قوغدايمىز.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号