باش بەت

بەشىنچى شاھزادە

226يوللانما
6مەستانە

ئافرىقىلىق مۇساپىرلار ئالپىس تېغىدىن ئۆتۈپ فىرانسىيەگە قاراپ يولغا چىقتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 19:18 7 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

رەسىمدىكى بۇ كىشىلەر قېلىن قارلارنى كېچىپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە، ئۇلار قېلىنراق كېيىنىۋالمىغان. ئەمەلىيەتتە ئۇلار كەسپى تەۋەككۈلچىلەر ئەمەس، بەلكى ئافرىقىدىن كەلگەن «مۇساپىر تەۋەككۈلچىلەر»، ئۇلار فىرانسىيەگە بارماقچى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ كېسىپ ئۆتىدىغىنى پەقەتلا قارلىق تاغ يولى بولماستىن، بەلكى ئالپىس تاغ تىزمىسى.

ئالپىس تېغىغا يامىشىش ھەقىقەتەنمۇ تەس، بىراق ئۇلار ئافرىقىدىن كەلگەن، دېڭىز-ئوكياننى كېسىپ ئۆتۈپ ئىتالىيەگە كەلگەن، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلار ئالپىس تېغىنى كېسىپ ئۆتۈپ فىرانسىيەگە بارماقچى. ئىتالىيەدىن فىرانسىيەگە بارىدىغان بىر قىسىم ياخشى يوللار بار بولسىمۇ، ئەمما بۇ يوللار توسۇۋېتىلگەن. چۈنكى بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى قانۇنسىز كۆچمەنلەر.

سۈرەتتە: ئىككى ئەر بىر-بىرىنى تارتىشىپ قارلىق تاغقا ياماشماقتا

بۇ ئۇلارنىڭ نېمىشقا بۇ مېڭىش قىيىن بولغان يولنى تاللىشىنىڭ سەۋەبى. 2017-يىلى نەچچە يۈز ئادەم بۇ خەتەرلىك يول بىلەن فىرانسىيەگە بارماقچى بولغان، ئەمما ھازىر «30 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان» قېلىن قار ئۇلارنىڭ كۆچمەن بولۇش يولىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋەتتى. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ناھايىتى نېپىز كىيىملەرنى كىيىۋالغان بولۇپ، ھەتتا پۇتىغا دەل كېلىدىغان ئاياغمۇ كىيمىگەن. بەزى جايلاردا قارنىڭ قېلىنلىقى ئالتە ئىنگلىز چى، تەخمىنەن 1.8 مېتىر كېلىدۇ.

سۈرەتتە: ئۇلار قار كېچىپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە

ئىتالىيە قۇتقۇزۇش تارماقلىرى بۇنداق كېسىپ ئۆتكۈچىلەرگە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى، ئەھۋال ئاللىبۇرۇن «جىددىي سەۋىيە» گە يەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە چېگرا رايونلىرى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرىنى كۈچەيتتى.

سۈرەتتە: بىر ئەر ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىغا يېقىن بازار ۋېنتىمىلىيا (Ventimiglia) غا يېقىن جايدا مۇزدەك سوغۇق دەريا سۈيىنى ئىچمەكتە

ئالپىس تېغىنى كېسىپ ئۆتۈش غايەت زور خېيىم -خەتەردىن دېرەك بېرىدۇ. كۆرگىلى بولمايدىغان بىر قىسىم جايلاردا تاغ گۈمۈرۈلۈش خەۋپى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. رەسىمدىكى ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسىگە «ئۈستىدىكى 3.5 كىلومېتىر كېلىدىغان جاي خەتەرلىك، تاشلار گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈشى مۇمكىن» دەپ يېزىلغان.

ئىتالىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ چېگراسىغا يېقىن تاغ يولىدا تاشلىۋېتىلگەن كىيىم-كېچەكلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. كۆچمەنلەر مۇشۇ يەردىن فىرانسىيەگە كىرمەكچى بولغان، شۇڭا ئۇلار ئىشلەتمەيدىغان كىيىملىرىنى مۇشۇ يەرگە تاشلىۋەتكەن.

ئۇلار پۇتىغا ماس كەلمەيدىغان ئاياغنى كىيىپ مېڭىش تەس بولغان تاغ يولىدا ماڭغاچقا، پۇتى توڭلاپ ئۈششۈپ كەتكەن. ئايىغىمۇ ھۆل بولۇپ كەتكەن، بەزىلىرىنىڭ پۇتى ئىششىپ كەتكەن.

ئۇلار ئارام ئالىدىغان جايغا يېتىپ كەلگەندە ھارغىنىدىن يەرگە تاشلانغىنىچە مىدىر-سىدىر قىلماي ياتىدۇ.

سۈرەتتە: بىر ئەر قاتتىق ھېرىپ كېتىپ يەرگە تاشلىنىپ ياتماقتا، بىر قولى بىلەن يۈزىنى تۇتۇۋالغان، خۇددى ئۆيىدىكى كارىۋاتتا ياتقاندەك.

بەزىدە ئۇلار دەرەخنىڭ ئاستىدىلا ئارام ئالىدۇ. تۆت ئەتراپى قار بىلەن تولغان، ئەتراپتا دالدىلىنىدىغان جايمۇ يوق، سوغۇق شامال كىيىمدىن ئۆتۈپ بەدەنگە ئۇرۇلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇلار توڭلىغىنىدىن جالاقلاپ تىترەپ كېتىدۇ .

ئەگەر ئۇلار شامالدىن دالدىلىنىدىغان جاي تاپسا گۈلخان يېقىپ ئوت سۇنۇشىدۇ، بۇ ۋاقىتتا چىرايىدا بىردىنلا خۇشاللىق جىۋە قىلىدۇ.

كەچ كىرگەندە ئۇلار يەرنى سىلىنجا قىلىپلا ئۇخلايدۇ. گۈلخان يېقىپ قويسا ياۋايى ھايۋانلار ئۇلارغا يېقىن يولىيالمايدۇ. ئافرىقىلىق كۆچمەنلەرنىڭ يىراق تاغ-داۋان ئېشىپ فىرانسىيەگە بېرىشىغا قانداق قارايسىز؟

باش سۈرەت تاللاش x
  • ياۋايى1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن ئۇلۇغ جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەمدىن،ئۇلۇغ ۋەتىنىم جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرۇيىتدىن پەخىرلىنىمەن.

  • ئاردىن كىلاسىن1 ھەپتە ئىلگىرى

    فوتوگرافلىقنى مۇشۇلار ئۆزى قىلغانمىدۇ ياكى ئىختىيار ى مۇخبىر بىللە ماڭغانمىدۇ قىززىق ھە ئانداق ماڭدى دەپتۇ توسماپتۇ يا خاتالىق بارمۇ

  • خۇرسىنىش1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن ئىككى كوزۇم بىلەن مەيۇسلىنىپ تارام تارام ياشلار ئاققۇزۇپ ئىچ ئاغرىتىپ قاراپباقتىم شۇ .

  • ئ****ش1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن بۇلاغا يىراقتىن بوينۇمنى سوزوپ قارايمە

  • 荒漠儿子1 ھەپتە ئىلگىرى

    مۇساپىرلىقنىڭ تەمى باشقىچە، ئەمما ھېچكىمگە نىسىپ قىلمىسۇن،،،

  • 133******001 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ئېلىپ كەلگەن ئاقىۋەت. بىزمۇ بۈگۈنكى گۈزەل خاتىرجەم تۇرمۇشنى قەدىرلەيلى.

  • لىيۋنىڭ كوماندىسى مەستانىسى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىچىى ئاغرىيدىكەن ! نىمە دىگەن قوقۇنۇشلۇق ! يۈركۈم ئاغرىپ كەتتى ! مەن جۇڭگو پۇقراسى بولغىنىمدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن !

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号