باش بەت

بەشىنچى شاھزادە

510يوللانما
14مەستانە

شۋېتسىيەدىكى ھايۋاناتلار باغچىسى شىرلارنى باقالماي ئالتە يىلدا توققۇز شىر بالىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 18:13 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

شىۋېتسىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدا بروس دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىچىك شەھەر بار، بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى تولىمۇ گۈزەل ھەم يېقىشلىق بولۇپ، 17-ئەسىردە سېلىنغان چېركاۋلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، نەپس ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمە قىلىنىدىغان مۇزېيمۇ بار، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نامى ئىزچىل ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كەلگەن دالا ھايۋاناتلار باغچىسى ـــ «دىجۇرپارك» (Djurpark) مۇ بار.

ئەمما بۇ ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بو كىجېلسون (Bo Kjellson) نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھايۋاناتلار باغچىسى ئۆتكەن ئالتە يىلدا توققۇز ساغلام شىر بالىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن، چۈنكى بۇ شىر بالىلىرى باغچە ئۈچۈن «ئارتۇقچە تۇغۇلۇپ قالغان».

«دىجۇرپارك» ھايۋاناتلار باغچىسى 1962-يىلى قۇرۇلغان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 100 ئىنگلىز مو (تەخمىنەن 607 مو) كېلىدۇ، جەمئىي 80 نەچچە خىل 500 دىن كۆپرەك ھايۋانلار كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بو كىجېلسون (Bo Kjellson) مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«ھايۋاناتلار باغچىسى 2012-يىلىدىن باشلاپ شىر بالىسىنى ئۆلتۈرۈشكە باشلىغان. بىز دەسلىپىدە ئۇلارنى سېتىۋېتىش ياكى باشقا ھايۋاناتلار باغچىسىغا ھەدىيە قىلىشنى ئويلىغان، ئەمما ھېچقايسى ھايۋاناتلار باغچىسى ئۇلارنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىدى. ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ بوشلۇقى چەكلىك بولغاچقا، بىر قىسىم ھايۋانلارنى چىقىرىۋېتىشكە توغرا كەلدى. ئەمما شىر بالىسى چوڭ بولغاندا ھۇجۇم قىلىش خاراكتېردىكى ھايۋانغا ئايلىنىدۇ، بىزنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئېلىشقا قۇربىمىز يەتمەيدۇ، شۇڭا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى قارار قىلدۇق.».

ئىگىلىنىشىچە، ئۆلتۈرۈلگەن شىرلار بىردەك 2012-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تۇغۇلغان ئىكەن. بو كىجېلسون (Bo Kjellson) «بۇ تەبىئىي يول» دېدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«بۇ ھېچقانداق مەخپىيەتلىك ئەمەس، بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ خىزمەت ئۇسۇلىنى يوشۇرۇشنى خالىمايمىز.»

بو كىجېلسون ھايۋاناتلار باغچىسىدا يېڭى تۇغۇلغان باشقا ھايۋانلارنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«ئۇلار ھازىر ئىنتايىن ياخشى تۇرۇۋاتىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزىلىرى ئارتۇقچە تۇغۇلۇپ قالغان ھايۋانلار قاتارىغا قوشۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن. بىز ئامال قىلىپ ئۇلارنى باشقا جايغا يۆتكەيمىز، ئەگەر ئۇنداق قىلغىلى بولمىسا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىمىز.»

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئەكرەم تۇرغۇن1 ئاي ئىلگىرى

    تەبىئەتكە قويىۋەتسە بومامدو؟

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号