باش بەت

بەشىنچى شاھزادە

510يوللانما
14مەستانە

ئامېرىكا مۈشۈكياپىلاقلارنى قىرغىن قىلدى، سوت مەھكىمىسى بىر مەزگىلدىن كېيىن بىر نەرسە دەيدىغان بولدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 17:49 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 11-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى 9-نارازىلىق ئەرزى سەييارە سوت مەھكىمىسى كېسىم چىقىرىپ ئامېرىكىدىكى بېلىق تۈرى ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ شىمالدا ياشايدىغان چىپار مۈشۈكياپىلاقنى ئۆلتۈرۈشىگە قوشۇلغان.

شىمالدا ياشايدىغان چىپار مۈشۈكياپىلاق غەربتىكى ئورمانلىقتا ياشايدىغان ھوقۇشنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇلار شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ غەربى قىسمىغا جايلاشقان، بۇ مۈشۈكياپىلاقنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوتتۇرھال بولۇپ، تەخمىنەن 40-48 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 1 كىلوگىرام ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ باش قىسمى، بوينى ۋە دۈمبە قىسمى قېنىق قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، ئازراق ئاق داغلار بولىدۇ. بەدىنىنىڭ ئاستىنقى قىسمى ئاق رەڭدە بولۇپ، قوڭۇر داغلار بولىدۇ. ئۇچقاندا قېنىق قوڭۇر رەڭدە كۆرۈنىدۇ، سۇس قوڭۇر رەڭلىك ياكى ئاق رەڭلىك داغلىرى بولىدۇ.

شىمالدىكى چىپار مۈشۈكياپىلاقنىڭ زېمىنىغا خوجا بولۇش ئېڭى ئىنتايىن كۈچلۈك، ھەربىر جۈپ مۈشۈكياپىلاق زور زېمىننى ئىگىلەپ ئۇۋا ياساپ ئوۋ ئوۋلايدۇ. پەسىل خاراكتېرلىك تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولمىسىلا، ئۆزىنىڭ زېمىنىدىن ناھايىتى ئاز ئايرىلىدۇ. شىمالدىكى چىپار مۈشۈكياپىلاق ئاساسلىقى قەدىمكى ئىپتىدائىي ئورمانلار ۋە يېڭى بەرپا قىلىنغان ئورمانلار ئارىلاش شەكىللەنگەن رايونلاردا ياشايدۇ، ئۇلار تىنچ ئوكيان دېڭىز قىرغىقىغا تارقالغان، ئەنگلىيەگە قاراشلىق كولۇمبىيەنىڭ جەنۇبىدىن كالىفورنىيە ئىشتاتىدىن مالىن ناھىيەسىگە بولغان جايلارغا تارالغان.

چىپار مۈشۈكياپىلاق كۆچمەن قۇشلارنى تۇتۇپ ئوزۇق قىلىدىغان بولغاچقا، ئامېرىكا بېلىق تۈرلىرى ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى شىمالدىكى چىپار مۈشۈكياپىلاقلىرىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى شىمالدىكى چىپار مۈشۈكياپىلاق نەسلى قۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋانلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بىرى ئامېرىكا بېلىق تۈرلىرى ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۇلارنىڭ نەسلى قۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالمىغانلىقىنى، ئەكسىچە سانىنىڭ ناھايىتى تىز ئاشقانلىقىنى، قىش پەسلىدە كۆچمەن قۇشلارغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بايقىغان.

ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى 9-نارازىلىق ئەرزى سەييارە سوت مەھكىمىسى كېسىمدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا بېلىق تۈرلىرى ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ شىمالدىكى چىپار مۈشۈكياپىلاقلارنى ئۆلتۈرۈشى ھەرگىزمۇ ئامېرىكا ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنىغا خىلاپ ئەمەس، ئۆلتۈرۈش ياكى ئۆلتۈرمەسلىككە ئىلمىي سانلىق مەلۇماتلار ئاساس بولۇشى كېرەك، شۇڭا بىر مەزگىل ئۆلتۈرۈشكە يول قويۇپ، نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىش كېرەك، سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشكەندىن كېيىن ئاندىن دەلىللەش كېرەك.

بۇ دەۋانىڭ كېلىپ چىقىشىغا «ئامېرىكا ھايۋانلار ۋە ئوۋچىلاردىن مۇداپىئەلىنىش دوستى تەشكىلاتى» سەۋەبچى بولغان، ئۇلار ھەر قانداق ياۋايى ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈشكە قارشى تۇرىدۇ، شۇڭا دائىم ئۆلتۈرۈش ھەرىكەتلىرى ئۈستىدە دەۋا قىلىدۇ.

نۆۋەتتە، «ئامېرىكا ھايۋانلار ۋە ئوۋچىلاردىن مۇداپىئەلىنىش دوستى تەشكىلاتى» بۇ كېسىمنىڭ نەتىجىسىگە قارىتا ھېچقانداق پىكىر بايان قىلمىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号