باش بەت

ئادىلجان

8627يوللانما
123مەستانە

شارپنىڭ پۈتۈن ئېكرانلىق يېڭى يانفونىنىڭ ھەقىقىي يانفون سۈرىتى ئاشكارىلاندى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 17:51 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى 13-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

پۈتۈن ئېكران ئاساسچىسى دەپ ئاتالغان شارپ ئۆزىنىڭ يېڭى يانفونىنى چىقىرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ يانفون جىمجىتلا ئاشكارىلاندى. ئامېرىكا FCCنىڭ دەلىللەش ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلگەن ئەھۋالدىن قارىغاندا، شارپ چىقىرىدىغان بۇ يېڭى يانفون Aquos S3 بولۇپ، بۇرۇنقى لايىھە ئۇسلۇبىغا ئوخشىمايدىغان يېرى بۇ يانفونمۇ iPhone Xكە ئوخشاش ماڭلاي چىقىرىپ لايىھەلەنگەن. 

ئەمما Aquos S3نىڭ ھەقىقىي يانفون سۈرىتىدىن قارىغاندا، بۇ يانفوننىڭ ئاستى قىسمىدا يەنىلا بەلگىلىك ئاستى ئېڭەك ساقلاپ قېلىنغان ھەمدە SHARP Logo قوشۇلغان. يانفوننىڭ ئېكران نىسبىتى يەنىلا يامان ئەمەس، ئەمما بۇنداق ماسلاشتۇرۇشنى قانچىلىك ئادەمنىڭ ياقتۇرىدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. 

گەرچە iPhone Xنىڭ چوڭ ماڭلىيى كۈچلۈك تالاش-تارتىش پەيدا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئالمىنىڭ كەسىپتىكى تەسىر كۈچىنى نەزەرگە ئالغاندا، بۇ لايىھە بۇ يىللىق مودا يۈزلىنىشلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا تۈرلۈك تەقلىدىي يانفونلاردىن باشقا يەنە خۇاۋېيمۇ مۇشۇ خىل لايىھەنى ئىشلىتىدىكەن. 

گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، بۇ يانفون سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى تورىغىمۇ چىقىرىلدى، بۇ يانفونغا 2160×1080 ئېنىقلىقتىكى 5.99 ديۇملۇق ئېكران، 2.2GHzلىق سەككىز يادرولۇق سناپدراگون بىر تەرەپ قىلغۇچ، 4/6GBلىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 64/128GBلىق ساقلىغۇچ، 12 مىليون+13 مىليون پىكسىللىق ئارقا قوش كامېرا، 16 مىليون پىكسىللىق ئالدى كامېرا، 3100mAhلىق باتارىيە سەپلەنگەن، ئاندرويىد 8.0 سىستېمىسى قاچىلانغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号