باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

13345يوللانما
1333مەستانە

ھىندىستان دۆلەت گۆھىرى ئامىر خان 21-يانۋار دۆلىتىمىزگە كېلىدۇ

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 19:30 48 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

13-يانۋار، «دانگال»، «ئۈچ ئەخمەق» قاتارلىق كىنولاردىكى قالتىس ئورۇنداش ماھارىتى بىلەن كىشىلەرگە تونۇلغان ئامىر خان بىۋاستە تارقىتىش داۋامىدا 21-يانۋار ھىندىستاندىن يولغا چىقىپ، جۇڭگو شاڭخەي ۋە بېيجىڭغا كېلىپ، «سىرلىق گىگانت چولپان» ناملىق يېڭى كىنوسىنى تەشۋىق قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئامىر خان بۇ كىنودا  «دانگال»غا ئوخشاش سۈرلۈك ئوبرازنى ئەمەس بەلكى بىر قەدەر يۇمۇرلۇق، قىزىقارلىق پېرسوناژنىڭ رولىنى ئالىدىغانلىقىنى، جۇڭگولۇق تاماشىبنلارنىڭ يېڭى كىنوسىنى كۆپرەك قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلگىرى ئامىر خان «دانگال» ناملىق كىنو بىلەن دۆلىتىمىزگە كەلگەن. جۇڭگو ھەققىدە بولغان تەسىرى ھەققىدە ئۇ ئۆزىگە چوڭقۇر تەسىر قىلغىنىنىڭ يەنىلا بۇ جاينىڭ تائاملىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقاچ، جۇڭگو تائاملىرىنى ھىندىستان تائاملىرىدىن باشقا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تائاملىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئالدىنقى قېتىم چېڭدۇغا بارغاندا چېڭدۇنىڭ يەل قازان شورپىسىنىمۇ تېتىپ باققان.

بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ جۇڭگونىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ھىندسىتان بىلەن نۇرغۇن ئوخشاشلىقى بارلىقىنى، جۇڭگولۇقلارنىڭ دوستانىلىقى ۋە قىزغىنلىقىدىن شۇنچىلىك تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان جۇڭگولۇق رېژىسسور ۋە ئارتىس ھەققىدە سورالغان سوئالغا قارىتا، يۈ بەيمېي، دېڭ چاۋ، جيا جاڭكې، ۋاڭ باۋچياڭ قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىپ، ۋاڭ باۋچياڭ مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئارتىس، دېگەن. 

مۇخبىر ئۇنىڭدىن ئۆزىڭىز قاتناشقان ئەسەرلەر ئىچىدە قايسىسىنى ئەڭ ياخشى كۆرىسىز، دەپ سورىغاندا، ئۇ «دانگال»، «ئۈچ ئەخمەق»، « P.K»، «يەرشارىدىكى يۇلتۇز» ھەمدە يېڭى ئەسىرى «سىرلىق گىگانت چولپان» قاتارلىقلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان. قارىغاندا، ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەسەرلىرىمۇ دۆلىتىمىز تاماشىبىنلىرى ياقتۇرىدىغان كىنولار بىلەن تولىمۇ يېقىنلىشىدىغاندەك قىلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • بىزار بولدۇم…!2 ئاي ئىلگىرى

    ئامىر، شاھروخ، ئاجەي…ئۇ كاپۇر، بۇ كاپۇر، …جەۋھەر …دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ساختىپەز، يالغانچى -كاززاپلار…! بۇنى تالىشىپ كەتكەنلەر قىپقىزىل ساراڭلار!

  • مايىل3 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭمۇ كوگۇم، خاتىرە سۇرەتكە چۇشكۇم باتتى، ئامىرخان تاغا، شىنجاڭغىمۇ قەدىمىڭىز يىتەرمۇ، مەن سىزنىڭ مەستانىڭىز، ئۇچقۇر ئوغرى بەك ياخشى چىقىپتۇ، ئىشلىرىڭىز روناق تاپقاي، سالامەت بۇلۇڭ،

  • شاھرۇھ خاننىڭ مەستانىسى3 ئاي ئىلگىرى

    نۇر تورىنىڭ ئىزدەش رامكىسىغا : زادى كىم بوللىۋودتىكى ھەقىقى خان دەپ بېسىڭلار ! تۇترۇقسىز گەپنى جېق قىمماي تولا

  • چوغلۇق u3 ئاي ئىلگىرى

    قارشى ئالىمىز ئامىرەك

  • داۋۇت3 ئاي ئىلگىرى

    ئامىرخانغا شارۇلخاننى سېلىشتۇرۇش ئامىرخانغا قىلىنغان ھاقارەت شارولخان دىگەن ئادەتتىكى ئارتىس خالاس ئۈزىنىڭ دۆلىتىدىمۇ تايىنلىق ئامىرخان دۇنياۋى چولپان

  • ئايبانۇ3 ئاي ئىلگىرى

    ئامىرخان بىلەن خوشى يوقلار خەۋىرىنى كۆرمىسەڭلىلا بولمىدىمۇ،ئاتايىتەن خەۋىرىنى ئوقۇپ يامان گىپىنى قىلىپ ئىنكاس يىزىپ نىمىمۇ قىلارسىلە، بۇرۇن پ ك دىگەن كىنوسىنى تەشۋىق قىلغىلى كەلگەندە، داڭگال دىگەن كىنوسىدىكى سەمىرىپ كەتكەن ئوبرازى بىلەن كەپتىكەن دۆلتىمىزگە،ھازىرمۇ ھىندىستان قاراقچىلىرى دىگەن كىنودىكى ئوبرازى بىلەنكەنغۇ، بۇنى ئۇنچىۋالا زاڭلىق قىلشنىڭ ئورنى بارمۇ،ھەقىقى ئارتىسنىڭ روھى مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك

  • بەرىكەت گۈلى 3 ئاي ئىلگىرى

    بىزنىڭ ئۆي خۇتەنگە كىرىشتىكى ئۈتەڭ ئىدى، كەلگەن بولسا نىينىڭ پاقلان كاۋاپلىرى بىلەن بىر قوللۇق مىھمان قىلىۋالاتتىم ھەييي،،،،،،

  • سەھرا ئ‍وغلى قۇربانجان3 ئاي ئىلگىرى

    ئامىرخاننى شاھرۇخانغا سېلىشتۇغىلى بولمايدۇ گىگانىت چولپان دەپ شاھروخاننى دەيمىز

  • ئۈمۈت3 ئاي ئىلگىرى

    راس گەپ قىلغاندا ئامىرخاننىڭ كىنولىرى پۈتۈن خەلقارا بازاردا قۇيۇلدۇ، بۇ جەھەتتە ھوللىۋوت ئاتامانى بولغان شاھرۇخخاندىن ئۈستۇن تۇردۇ ، ئەگەر دۆلىتىمىزگە شاھرۇخ بىلەن ئامىر تەڭ كەلسە ، ئامىرنىڭ بەكراق قارشى ئېلىندىغىنى ئېنىق ،،، بۇندا دىسەم ، شاھرخ مەستانىلىرى تىللاپ كەتمەڭلار ،

  • 特别爱3 ئاي ئىلگىرى

    شىنجاڭغا كەلمەسمۇ ئامىر خان.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号