باش بەت

ئىدىقۇت887

7403يوللانما
16مەستانە

يېڭى تۇغۇلغان بوۋىقىنى خالتىغا سېلىپ يول بويىغا تاشلىۋەتكەن ئانىغا قاماق جازاسى بېرىلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 19:18 6 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

1990-يىلى تۇغۇلغان شىياۋ گو دالىيەن شاخېكوۋ رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق بولۇپ، 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىياۋ گو شاخېكوۋ رايونى شىشەن 7-كوچىسىدىكى مەلۇم كىچىك مېھمانخانىدا بىر ئوغۇل بوۋاق تۇغقان. شىياۋ گو ئوغۇل بوۋاق تۇغقاندىن كېيىن باغرى تاشلىق بىلەن بوۋىقىنى خالتىغا سېلىپ مېھمانخانا ئەتراپىدىكى مەلۇم ئولتۇراق رايون بىناسى پەلەمپىىينىڭ قايرىلىدىغان يېرىگە تاشلاپ قويغان. بۇ بوۋاق كىشىلەر تەرىپىدىن بايقالغاندا ئاللىقاچان جان ئۈزگەنىدى. يېقىندا سوت مەھكىمىسى تەرەپ شىياۋ گونىڭ بوۋاقنى تاشلىۋىتىش جىنايىتى ئۈچۈن بىر يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، بىر يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ھۆكۈمى ئېلان قىلغان.

دالىيەن شەھىرى شاخېكوۋ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جاۋابكار شىياۋ گونىڭ 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى شاخېكوۋ رايونى شىشەن 7-كوچىسىدىكى مەلۇم كىچىك مېھمانخانىدا بىر ئوغۇل بوۋاق تۇغقاندىن كېيىن بوۋاقنى مېھمانخانىنىڭ ھاجەتخانىسىغا تاشلاپ قويۇپ ھالىدىن خەۋەر ئالمايلا كېتىپ قالغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

شىياۋ گو ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن مېھمانخانىغا قايتىپ كېلىپ ئوغۇل بوۋاقنى خالتىغا سالغاندىن كېىين مېھمانخانا ئەتراپىدىكى شىشەن 5-كوچىسى 7-نومۇرلۇق ئولتۇراق بىنانىڭ 1-قەۋىتى بىلەن 2-قەۋىتى ئارلىقىدىكى پەلەمپەينىڭ قايرىلىدىغان يېرىگە تاشلاپ قويۇپ كېتىپ قالغان. بۇ ئوغۇل بوۋاق باشقىلار تەرىپىدىن بايقالغاندا ئاللىقاچان جان ئۈزگەنىدى.

سوت مەھكىمىسى جاۋابكار شىياۋ گو  ئەسلىدە پەرزەنتلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار تۇرۇقلۇق، ئوغۇل بوۋىقىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماي تاشلىۋىتىپ بوۋاقنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئۇنىڭ بۇ خىل  قەبىھ قىلمىشى بوۋاقلارنى تاشلىۋىتىش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن دەپ قاراپ جاۋابكار شىياۋ گوغا بىر يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، بىر يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ھۆكۈم قىلغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • پاك تۇر1 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ئىپلاس خۇتۇنغا ئاران بىر يىللىق قاماق جازاسى بىرىپتۇ
    يۇز يىللىق بەرسىچۇ ئۇ قاماقتىن چىقىپ يەنە تۇغۇپ يەنە تاشلايدۇ،،،،،،

  • سۈبھى11 ئاي ئىلگىرى

    نۇمۇسسىز ئىشەك، ھەي ئىسىت ئەجەپ يۈرۈگۈم ئاغرىدى

  • ئابلەت 882 ئاي ئىلگىرى

    تاشلايدىغان ئادەم قۇڭىنى قىسا بۇلىدۇ

  • زەھرا3 ئاي ئىلگىرى

    تاشلىۋەتكىچە بىرەرسىگە بىرىۋەتسىچۈ،قاراپ تۇرۇپ بىر جانغا زامىن بوپتۇ

  • دىھقان3 ئاي ئىلگىرى

    مەزكۇر نۇرداش قايسى دۇختۇرخانغاباردىڭىز مەنمۇئايالىمنى ئاپارغان ئۇنىمى بۇلدى

  • مەزكۇر3 ئاي ئىلگىرى

    ھەي مۇشۇ بەزەنلەر ئىنتىزاربولسا بىزار مەنمۇ مۇشۇ پەرزەنتلىك بولمەن دەپ ئايالىمنى ئىلىپ ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ داۋالىتىپ كىلىپ كىتىپ قىلۋاتىمەن ھەي ………

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号