باش بەت

كىنوچى

2617يوللانما
169مەستانە

ئامىر خاننىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىنىڭ سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 20:50 26 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامىر خان ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق كىنو چولپىنى، ئۇنى «|ھىندىستاندىكى تەسىر كۈچى ئەڭ چوڭ شەخس» دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ ھىندىستانغا ۋەكىللىك قىلغان، ھەمدە ھىندىستاننى ئۆزگەرتكەن، ئۇ خېلى بۇرۇنلا ھىندىستاننىڭ ئەنئەنىسىنى بۇزۇپ تاشلىغان بولۇپ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان قىز بىلەن ئېتىقاد جەھەتتە ئوخشىمىغانلىقى ئۈچۈن، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇلارنىڭ توي قىلىشىنى قوللىمىغان، لېكىن ئۇ ياخشى كۆرگەن قىز بىلەن قېچىپ كەتكەن، ھەمدە توي قىلغان.

لېكىن، بىر قىز بىر ئوغۇللۇق بولغاندىن كېيىن، ئۇلار يەنىلا ئاجرىشىپ كەتكەن، سۈرەتتىكىسى دەل ئامىر خاننىڭ چوڭ ئوغلى، قارىماققا ئۇ يەنىلا ئامىر خاندەك كېلىشكەن ئەمەس، ئامىر خاندىنمۇ ياشتەك كۆرۈنمەيدۇ، بىلىشىمىز كېرەككى، ئامىر خان 52 ياشقا كىرىپ بولدى، لېكىن ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتى يەنىلا 20 نەچچە ياشلىق ھالىتىنى ساقلاپ قالغان.

ئامىر خاننىڭ قىزىغىمۇ ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى گېنى ئېرسىيەت قالمىغان بولۇشى مۇمكىن، 2005-يىلى ئۇ يەنە بىر قېتىم توي قىلغان بولۇپ، لېكىن ۋاكالىتەن تۇغۇش ئۇسۇلى بىلەن كىچىك ئوغلىنى تۇغقان.

سۈرەتتىكىسى دەل ئامىر خاننىڭ كىچىك ئوغلى، ئۇ ئىنتايىن كېلىشكەن، ئامىر خانغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، كېيىن ھىندىستان تاماشا چەمبىرىكىگە كىرىپ، دادىسىدەك چولپان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ئامىر خان يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يىلدا بىرلا فىلىم ئىشلەپ كەلدى، ھەر بىر فىلىمىنى «ئىنتايىن نادىر فىلىم» دېيىشكە بولىدۇ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ «دانگال» فىلىمى خەلقئارادا زور تەسىر قوزغىدى، ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ يېڭى فىلىمى «سىرلىق گىگانت چولپان» نەچچە كۈندىن كېيىن قويۇلىدۇ، بۇمۇ «دانگال»غا ئوخشاش ھىندىستاندىكى مەلۇم بىر نۇقتىغا قارىتىلغان فىلىم، تەقەززا بولۇۋاتامسىز؟

باش سۈرەت تاللاش x
  • بەرىكەت گۈلى 3 ئاي ئىلگىرى

    مەن بۇ كىنولارغا بەك تەقەززا بوپ كەتتىم، ئۇلارنىڭ رول ئېلىش قابىلىيىتىگە مەن بەك ھەيران! قاچانمۇ قۇياركىن ھەي؟ !،،،

  • Riyla3 ئاي ئىلگىرى

    ھېچقىسى يوق …………………………………

  • لاسۋېگاس3 ئاي ئىلگىرى

    رىيلا كەچۈرۈڭ مەن ،تېخى سىزنى ،ئۇنىڭ دوستى ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن...چۈنكى ئۇ ماڭا ..مىنىڭ بۇ ئىسمىدا ئىنكاس يازىدىغانلىقىمنى دوسلۇرۇم بىلىدۇ دىگەنتى .كەچۈرۈڭ ھە ئاۋارە قىلدىم

  • Riyla3 ئاي ئىلگىرى

    لاسۋىگاس مەن بۇ ئىنكاسچىلانىڭ ھېچقايسىسىنى تۇنۇمايمەن. ئۇ گەپنى مەن مۇنداقلا دەپ قويغان

  • لاسۋېگاس3 ئاي ئىلگىرى

    رىيلا ..ئىنكاس قايتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت سىز .بىرقانچە ئاي بۇرۇن ماڭا ،بىر دوستۇمنى ئىزدەيمەن دىسەم ئۇنى نىمىگە ئىزدەيدىغانلىقىڭىزنى دىسىڭىز مەن ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ قۇيىمەن دىگەن ئىدىڭىز.سىز راسلا ئۇنى تۇنۇمسىز ياكى چاخچاق قىلىپ شۇنداق دىگەنمۇ.ياردەم قىلىپ جاۋاپ بىرىڭ؟؟تەشنا .مەن بار ئەمما بەزى ئىشلار بلەن ئۇ سەھىپىگە ئىنكاس يازمىدىم

  • لاسۋېگاس3 ئاي ئىلگىرى

    رىيلا ئۇچۇر قايتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت بۇندىن تۆت ئاي ئىلگىرى.مەن بۇ ئىنكاس رايۇنىدا بىر دوستمنى ئىزدەۋاتسام .سىز ماڭا نىمە ئۈچۈن ئۇنى ئىزدەيدىغانلىقىڭىزنى دىسىڭىز مەن ئۇنى تېپىپ بىرىمەن دىگەن ئىدىڭىز بۇ ئىسىڭىزدە بارمۇ يوق؟؟؟ئەگەر ئىسىڭىزدە بولسا .سىز راسلا ئۇنى تۇنۇمسىز؟؟ياكى ماڭا چاخچاق قىلىپ شۇنداق دەپ قويغانمۇ.جاۋاپ بەرسىڭىز.

  • 特别爱3 ئاي ئىلگىرى

    ئامىرخاننىڭ كىنولىرى يىلدىن يىلغابېلەت كىرىمى يۇقىرى چىقىۋاتىدىغۇ؟

  • گۈزەلئاي7773 ئاي ئىلگىرى

    بارسىلونا جەۋلان دىگىنىڭلارنىڭمۇ ئاساسى بار تورداش راس مەن تىخى تۇرمۇشلۇق بوپ باقمىدىم ئەمما ئەتراپىمدا شۇنداقراق ئىشلار كۆپ يۈز بىرىپ كەتكەچكە شۇڭا شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق ئويلايمەن ئەڭ گۇناھسىز بالىلارنى يىتىم قىلىپ مىنىڭچە ئەر ئايال ئاجىرشىپ كەتسە بالىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك تەغدىرىگە تەسىر يىتىدۇ دەپ ئويلايمەن

  • تەشنا3 ئاي ئىلگىرى

    لاسۋىگاس باكەنسىز ھە.ئەتراپىمىزدا سەھىپىسىگە پىكىر قاتناشتۇرماس بولۇپ قالدىڭىزغۇ؟

  • تەشنا3 ئاي ئىلگىرى

    مەن ئامىرخاننىڭ كىنولىرىغا بەك ئامراق.مەزمۇنى بەك ياخشى.
    كىچىك ئوغلى ھەقىقەتەن بەك ئوماقكەن .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号