باش بەت

زۆھەل

160يوللانما
15مەستانە

سونى ئامېرىكىدا يېڭى يانفونلىرىغا ئالدىن زاكاز قوبۇل قىلىشنى باشلىۋەتتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 19:14 2 ئىنكاس چۈشتى

تېخنىكا تورى 13-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

8-يانىۋار، سونى 2018-يىللىق CES كۆرگەزمىسىدە (دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ، تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك ئىستېمال تۈرىدىكى ئېلېكتىرون تېخنىكا بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى) ئۈچ خىل يېڭى يانفونىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوتتۇرا دەرىجىلىك Xperia XA2 ۋە Xperia XA2Xperia XA2 Ultra ھەم دەسلەپكى دەرىجىلىك Xperia L2 قاتارلىق يانفونلار.

ئۈچ خىل يانفوننىڭ سىرتقى لايىھەسى ئىنتايىن قويۇق سونى پۇرىقىغا ئىگە بولۇپ، يانفون گىرۋىكى ئىنتايىن تار قىلىپ لايىھەلەنگەن. بۇ ئۈچ يانفوننىڭ ھەممىسىگە ئارقا تەرەپ بارماق ئىزى تونۇش ئىقتىدارى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر ئامېرىكا بازىرىدا رەسمىي زاكاز قوبۇل قىلىشقا باشلىدى.

چەتئەل تاراتقۇسى phone Arenaنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، سونىنىڭ بۇ ئۈچ يانفونى ئاللىبۇرۇن ئامېرىكىنىڭ بەست باي Best Buy مال سېتىۋېلىش تورىدا زاكاز قوبۇل قىلىشنى باشلىغان بولۇپ، 2-ئاينىڭ 16-كۈنى رەسمىي سېتىلىشقا باشلايدىكەن.

بۇ ئۈچ خىل يانفوننىڭ ئىچىدە Xperia XA2 Ultraنىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، سېتىلىش باھاسى 450 دوللار (يەنى 2907 يۈەن) ئىكەن، كۆك، قارا، ئالتۇن رەڭ ۋە كۈمۈش رەڭلىك نۇسخىلىرى بار ئىكەن.

Xperia XA2 يانفونىنىڭ باھاسى350 دوللار (يەنى 2261 يۈەن) بولۇپ، كۆك، قارا، ھال رەڭ قاتارلىق 3 خىل نۇسخىسى بار ئىكەن.

Xperia L2 يانفونى بولسا تۆۋەن سەۋىيەدىكى يانفون بولۇپ، يۇقىرىدىكى ئىككى يانفونغا قارىغاندا باھاسى ئەرزانراق، يەنى سېتىلىش باھاسى 250 دوللار (يەنى 1615 يۈەن) ئىكەن. قارا، ئالتۇن رەڭ ۋە ھال رەڭلىك نۇسخىلىرى بار ئىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا، ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىز نۇسخىسىدىكى Xperia XA2 Ultraنىڭ باھاسىمۇ ئاشكارىلانغان بولۇپ، سېتىلىش باھاسى 2999 يۈەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا، باشقا ئىككى يانفوننىڭمۇ دۆلىتىمىز نۇسخىسىنىڭ باھاسى بىلەن ئامېرىكا نۇسخىسىنىڭ باھاسىدا چوڭ پەرق بولماسلىقى مۇمكىن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئىمپىراتور مەمەت ھوشۇق پىچاق1 ھەپتە ئىلگىرى

    مۇشۇ سەت تېلېفونغا كىمۇ زاكاس قىلا

  • ئۇستام1 ھەپتە ئىلگىرى

    بايلار ماركىسى سونىي ئاخىرى ئوتتۇرھال ئىستىمالچىلارغا يانفۇن ئىشلەپتۇدە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号