باش بەت

ئامىنە2018

2يوللانما
0مەستانە

ساغلام ياشاشنىڭ ئۆزى مۇۋەپپەققىيەت دېمەكتۇر

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 21:46 1 ئىنكاس چۈشتى


شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوغۇللار ساغلاملىقى مۇلازىمەت گۇرۇپپىسى سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئادەمگە ئەمەلىيەتتە ئۇنچە كۆپ نەرسە لازىم ئەمەس، پەقەت ساغلام بولسىلا، ساداقەت بىلەن ياخشى كۆرسە بايلىققا ئىگە دېيىشكە بولىدۇ.

ھازىر كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بەخت توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتىدۇ.

بەخت دېگەن نېمە؟ مېنىڭچە ساغلاملىقنىڭ ئۆزى بەختتۇر.

ساغلام بولۇش دېگەنلىك ھەممىگە ئىگە بولۇش دېگەنلىك ئەمەس، ساغلاملىق بولمىسا بارلىق نەرسە بولمايدۇ. ساغلاملىق خۇددىي ئىچى كاۋاك ئەينەك توپقا ئوخشايدۇ، چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن چېقىلىپ كېتىدۇ. ئەمما بىزنىڭ خىزمىتىمىز رېزىنگە توپقا ئوخشايدۇ، چۈشۈپ كەتسە قاڭقىيدۇ. ساغلاملىق بولسا بىر تاق لىنىيەلىك يولغا ئوخشايدۇ، ھەممە ئادەم ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.

ئۆزىنى ئاسراش 30 ياش ئەتراپىدا باشلىنىدۇ. ساغلاملىقتا بىرىنچى بولۇش ئۈچۈن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش، ئىككىنچىدىن ياخشى ياشاش كېرەك. ئۇزۇن ياشاش-ياشىماسلىق، تۇرمۇش سۈپتىنىڭ يۇقىرى ياكى ئەمەسلىگى سىزنىڭ ساغلاملىققا بولغان ئىپادىڭىزنى ھەمدە تۇرمۇشقا بولغان پوزىتىسيەرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.

ھازىرقى كىشلەر ياشىنىپ قالغاندا ئاندىن ئۆزنى ئاسراشقا دىققەت ئېتىبارى بىلەن قارايدۇ، ئەمما كېچىككەن بولىدۇ! ئۆزىنى ئاسراش 30 ياش ئەتراپىدا باشلىنىدۇ. نۇرغۇنلىغان تۇرمۇش ئادەتلىرى ياش ۋاقىتلاردىن باشلاپ يېتىلدۈرۈلىدۇ، مەسلەن: تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش دېگەندەك. شۇڭا ياخشى ئادەتنى ياشىنىپ قالغاندا ئەمەس بەلكى ياش ۋاقتىدىن باشلاپ يېتىلدۈرۈش لازىم.

بىرىنچى، ساغلاملىق مەسلىسىدە سىز ئۆزىڭىز ھەممىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىسىز

ئەتىگەندە قۇۋۋەتلىك، چۈشتە قورساق تويغۇچە، كەچتە ئاز غىزالىنىش لازىم. ئەمما ھازىر كىشىلەر ئەكسچە، ئەتىگەندە ئاندا-مۇندا، چۈشتە ئازراق، كەچتە چوڭ يەپ-چوڭ ئىچىدىغان بولۇۋالدى، مانا بۇ نۇرغۇن كېسەللىكنىڭ يىلتىزى. ئەتىگەنلىك ناشتا قۇۋۋەت تولۇقلىغانغا باراۋەر، ئەڭ مۇھىم بولغان ئەتىگەنلىك ناشىتىنى چوقۇم قۇۋۋەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاساسلىق تاماققا چوقۇم مېۋە-چىۋە، سەي-كۆكتات قوشۇش كېرەك، ئەتىگەنلىك ناشتا ياخشى بولمىسا، چۈشلۈك ياكى كەچلىك تاماق بىلەن تولۇقلىغىلى بولمايدۇ.

 

ئىككىنچى، پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ياخشى بولمىغان ئادەت–تاماكا چېكىش

تاماكا چەككەن كىشىلەر كاناي ياللۇغى، ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسلى بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولىدۇ، مانا بۇ ئۆلۈمگە باشلاشتىكى ئۈچ باسقۇچ.

 

ئۈچىنچى، ئىچىملىك ۋە كافىي قاتارلىقلار سۇنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ

ھەركۈنى چوقۇم سەككىز ئىستاكان سۇ ئىچىش لازىم، چۈنكى سۇ ئادەمنىڭ ھاياتى. ھازىر نۇرغۇن كىشلەر سۇ ئىچىشنى بىلمەيدۇ، پەقەت ئۇسسىغاندا ئاندىن ئىچىدۇ. بۇ خاتا قاراش. ئۇسسىغاندا ئەمەس چوقۇم ۋاقىت بولسىلا ئىچىش كېرەك.

سەككىز ئىستاكان چاي ئىچسە بولامدۇ ؟ بولمايدۇ، ئىچىملىك ۋە كافىي قاتارلىقلار سۇنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. ئىچىش توغرا كەلسە سۇس دەملەنگەن چاي ئىچسە بولىدۇ، قېنىق دەملەنگەن چاي ئىچىشكە بولمايدۇ.

قەتئىي ئېسڭىزدە بولسۇنكى سۇ–ھاياتلىق دېمەكتۇر.


تۆتىنچى،ئادەم قېرىلىقتىن ياكى كېسەلدىن ئۆلمەيدۇ بەلكى ئاچچىقلنىشتىن ئۆلىدۇ

«پادىشاھ خۇاڭدى ئىچكى تىبابەت دەستۇرى»دا:«زىيادە ئاچچىقلىنىش جىگەرنى، زىيادە ھاياجانلىنىش يۈرەكنى، ئازاپلىنىش تالنى، قورقۇپ چۆچۈش بۆرەكنى زەخمىلەندۈرىدۇ» دەپ ئېنىق يېزىلغان. نۇرغۇن كېسەللىكنىڭ مەنبەسى ئاچچىقىلىنىشتىن كېلىدۇ دەپ ناھايىتى كەسكىن ئېيتىلغان. ئادەم كەيپىياتىغا قۇل بولماي خوجايىن بولۇش كېرەك. كەيپىياتىڭىزنى تىزگىنلەڭ، كەيپىياتىڭىز سىزنى تىزگىنلىۋالمىسۇن.

ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، كەيپىيات-ئادەم ئاچچىقلانغان چاغدىكى ئىنتايىن مۇھىم قوماندانلىق تايىقى. 

بەشىنچى، پىيادە يول يۈرۈش–ئەڭ ياخشى چېنىقىش ئۇسۇلى

ھەممە نەرسىنىڭ چېكى بولىدۇ، ئۇخلاش، تاماق يېيىش، چېنىقىشنىڭمۇ ئوخشاشلا چېكى بار.

چېنىقمىسا بولمايدۇ، ئەمما ھەددىدىن زىيادە چېنىققاندا ئىمۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەركۈنى يېرىم سائەتتىن بىرسائەتكىچە بولسا، ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل بويىچە چېنىقسا بولىدۇ.

ھەركۈنى پەقەت يېرىم سائەت مېڭىپ بەرسىلا بولىدۇ. بۇ شۇنچىلىك ئاددي، ئەڭ تېجەشلىك، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.

ئەمما مېڭىشتىمۇ قائىدە بار. ياشلار ئىتتىك ماڭىدۇ، قەدەم ئېلىشى تېز بولىدۇ. تېز بولغاندا قايسى دەرىجىگىچە بولسا بولىدۇ؟ بىر مىنۇتتا 130 قەدەم بويىچە ماڭسا بولىدۇ. يۈرەك سوقۇش بىر مىنۇتتا 120 قېتىم بولسا بولىدۇ، مۇشۇنداق بولغاندىلا يۈرەكنى چېنىقتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. مىنۇتىغا 130 قەدەم، 120 قېتىم يۈرەك سوقۇش، ئەلۋەتتە بۇ نىشانغا بىردىنلا يەتكىلى بولمايدۇ، ئاستا-ئاستا ماسلىششقا جەريان كېرەك.

ئادەم ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا بەدەن ئېغىرلىقىنى كونتىرول قىلىشى لازىم، بىردىنلا سەمرىپ كەتسە ئۇنى قانداق قىلىپ چۈشۈرۈش دېمەككە ئاسان ئەمما ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئاسان ئەمەس. ئۇنىڭ ئاچقۇچى ئېغىزنى كونتىرول قىلىپ، كۆپرەك مېڭىشتا.

 

ئالتىنچى، ھاراقنى بىر قېتىم ئىچسە، بىر قېتىم جىددىي خارەكتېرلىك جىگەر ياللۇغى بولغانغا باراۋار

ئەڭ ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئۇسۇلى: بىرىنچى، تاماكا چېكىش، ئىككىنچىسى، ھاراقنى كۆپ ئىچىش.

 يەتتىنچى، ئائىلە ئىناق بولمىسا ئادەم كېسەل بولىدۇ

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، %70كېسەللىك، %50 راك كېسەللىكلىرى ئائىلىدىن كېلىپ چىقىدىكەن. گەپ قىلمىسا، يېرىم ئايغىچىمۇ گەپ قىلماي تۇرۋالسا، ئىچى سىقىلىپ كېسەل چىرمىۋالىدۇ.

يالغۇزلۇق نامراتلىقتىنمۇ قورقۇنۇچلۇق، ئەر-ئاياللار مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن ئۆتسە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، تەنھا تۇرغانلاردىن ئاسانلا مەسلە چىقىدۇ، بۇ ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال.


سەككىزىنچى، ھەركۈنى ساغلام تۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى يەتتە ئىشنى قىلىش لازىم

1. ئۈچ ۋاق تاماقتا چوقۇم ياخشى غىزالىنىش

2. چوقۇم ھەركۈنى سەككىز سائەت ئۇخلاش.

3. ھەركۈنى يېرىم سائەت چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇش .

4. ھەركۈنى كۈلۈمسرەش، روھي ساغلاملىققا ئەھمىيەت بېرىش.

5. ھەركۈنى چوڭ تەرەت قىلىش.

6. ئائىلىدە چوقۇم ئىناق ئۆتۈش.

7. تاماكا چەكمەسلىك، ھاراقنى كۆپ ئىچمەسلىك، ھەركۈنى چېنىقىپ بېرىش.

ساغلاملىق ھەركۈندىن باشلىنىدۇ، ھەركۈنى ساغلام بولسىڭىز، بىر ئۆمۈر ساغلام بولسىز.

باش سۈرەت تاللاش x
  • رۇخسارە1 ھەپتە ئىلگىرى

    بەك ياخشى مەزمونكەن، رەھمەت سىلەرگە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号