باش بەت

ئادىلجان

7768يوللانما
96مەستانە

كانون پاتېنت جەھەتتە ئۇدا 32 يىل ئامېرىكا بويىچە ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىگە كىردى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 19:30 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورىنىڭ 13-يانۋاردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا سودا پاتېنت سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، كانون (Canon) شىركىتى 2017-يىلى 3285 تۈرلۈك پاتېنت ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، سان جەھەتتە پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان، ئەمەلىيەتتە كانون بۇ تىزىملىكتىكى ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىدىكى ئورنىنى 32 يىلدىن بېرى ساقلاپ كەلدى. كانون شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاتېنت سانى شىركەتنىڭ يېڭى مەھسۇلات ئېچىشقا زور كۈچ سەرپ قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدىكەن (كانون فوتو ئاپپاراتتىن باشقا يەنە پىرىنتىر، سودا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنىمۇ ئىشلەپچىقىرىدۇ).

كانوننىڭ ئامېرىكىدىكى ئىجرائىيە مۇئاۋىن باش لىدېرى قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سېيمور لىبمان (Seymour Liebman) مۇنداق دېدى:«ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئۇزۇن ۋاقىت ئىستىراتېگىيەلىك تەتقىقات ۋە ئېچىشقا كۈچ چىقىرىشنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. كانون شىركىتى 2017-يىلى 3285 پاتېنتقا ئىگە بولدى، پەن-تېخنىكا كارخانىلىرى ئىچىدىكى كۈچلۈك ئورنىمىزدىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىمىز، چۈنكى بىز  2018-يىلى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى پۈتۈن دۇنيادىكى تەسۋىر ھاسىل قىلىش ئۇسۇلى جەھەتتىكى رەھبەرلىك ئورنىمىزنى داۋاملىق تۈردە مۇستەھكەملەيمىز.»

گەرچە يوللانغان پاتېنت ئەمەلىي مەھسۇلات بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ رەقەم كانون تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە ئوخشىمىغان قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، مەسىلەن: بۇ شىركەت ئاپتوماتىك فوكۇس توغرىلاشنى يەنىمۇ تېزلىتىش ئۈچۈن يېڭىدىن قاتلىنىدىغان سېنزور، بىر كۈچەيتىلگەن رېئاللىق ئالگورىزمى ۋە ئۇدۇل يانتۇ بولىدىغان كامېرا لىنزىسى قاتارلىق پاتېنتلارنى ئىلتىماس قىلدى.

ئاخىرىدا بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغىنى يېقىنقى يىللاردا ئىستېمال ئېلېكترون كۆرگەزمىسىدە ئۆزىنى ئانچە كۆرسەتمىگەن IBM، تۆتىنچى ئورۇندىن سەككىزىنچى ئورۇنغىچە تىزىلغانلىرى ئايرىم-ئايرىم ئىنتېل، كۋالكوم، گۇگول، مىكروسوفت قاتارلىقلار؛ ئالما شىركىتى 11-ئورۇنغا تىزىلدى، ئالدىنقى 50نىڭ ئىچىگە تىزىلغانلىرىدىن يەنە 12-ئورۇنغا تىزىلغان سونىي، 23-ئورۇنغا تىزىلغان پاناسونىك، 28-ئورۇنغا تىزىلغان RICOH شىركىتى، 47-ئورۇنغا تىزىلغان Fuji قاتارلىقلار بار. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号