باش بەت

نۇسرەتگۈل

10538يوللانما
188مەستانە

مۈڭگۈزىنىڭ بىر كىلوگرامى 200 مىڭ يۈەنلىك كەركىدانلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 21:35 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگىلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ 8-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە بىر كىلوگرام كەركىدان مۈڭگۈزىنىڭ بازار باھاسى 30 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 200 مىڭ يۈەن) بولۇپ، بىر كىلوگرام ئالتۇندىنمۇ قىممەت ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن ئوغرىلىقچە ئوۋلىنىدىغان كەركىدانلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيگەن، ئۆتكەن 10 يىلدا 7000دىن كۆپرەك كەركىدان قانۇنسىز ئۆلتۈرۈلگەن.

يېقىندا، جەنۇبىي ئافرىقىدا DNA ئىسپاتى تۇنجى قېتىم ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلىغانلارنى ئەيىبلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بىر قانۇنسىز ئوۋ ئوۋلاش ۋەقەسىدە كەركىداننىڭ بەدىنى ۋە مۈڭگۈزىدىن ئېلىنغان DNA ئارقىلىق بىر ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلىغۇچى 29 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

يېقىندا، مۇتەخەسسىسلەر «Rhino DNA Index System (RhODIS)» ناملىق سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇردى. ھازىرغا قەدەر توققۇز ئادەم DNA ئىسپاتى ئارقىلىق ئەيىبلەندى، جىنايىتى بېكىتىلدى، جازاغا ھۆكۈم قىلىندى. پىرېتورىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسوروى خارپېر (Harper): «بۇ سىستېمىدىكى سانلار سوت مەھكىمىسىنىڭ بىۋاستە ئىسپاتى قىلىندى» دېدى.

خەلقئارالىق تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقىنىڭ ماتېىريالىدا كۆرسىتىلىشىچە، قارا كەركىدانلار نەسلى قۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قاپتۇ، ئاق كەركىدانلارنىڭ ھاياتىمۇ ئېغىر تەھدىتكە ئۇچراۋېتىپتۇ. جەنۇبىي ئافرىقىدا ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلاش ۋەقەلىرى 2007-يىلىدىكى 13تىن 2014-يىلىدىكى 1151گە كۆپەيدى، بىر قىسىم دۆلەتلەردە كەركىدان مۈڭگۈزىدىن دورا ئورنىدا پايدىلىنىلغاندىن باشقا، يەنە بايلىق ۋە مەرتىۋىنىڭ سىموۋولى قىلىندى.

نۆۋەتتە، ئالىملار بۇ سىستېمىغا 3085 ئاق كەركىدان بىلەن 883 قارا كەركىداننى كىرگۈزدى. گەرچە ئىككى خىل كەركىداننىڭ ئاتىلىشى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما ھەر ئىككىلىسىنىڭ رەڭگى توق كۈلرەڭ قوڭۇر، ھەر ئىككىلىسى گۆش يېمەيدۇ. دۇنيا تەبىئەت فوندىدىكىلەر بۇ ئىككى تۈر دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ تەھدىتنىڭ ئوغرىلىقچە ئوۋلىنىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号