باش بەت

ئادىلجان

8583يوللانما
123مەستانە

خۇاۋېينىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائەت پاتېنتى ئاشكارىلاندى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 23:36 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورىنىڭ 13-يانۋاردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

GSMArenaنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى (WIPO) يېقىندا خۇاۋېينىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائەت چەكمە ئىندۇكسىيەلىك رامكىسىغا ئالاقىدار پاتېنتىنى تەستىقلىغان. تەستىق ھۆججىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، قول سائەتنىڭ گىرۋىكىدە سەككىز چەكمە كونترول رايونى بار بولۇپ، تۈرلۈك بىرىكمە چەكمە مەشغۇلاتلارنى قىلغان ۋاقىتتا تۈرلۈك بۇيرۇقلارنى چىقىرالايدىكەن، بۇنىڭ بىلەن سائەتكە قوشۇمچە كونترول ئىقتىدارلىرىنى قوشقىلى بولۇش بىلەن بىرگە تېخىمۇ كۆپ رېئال كۇنۇبكىلارنى قىسقارتقىلى بولىدۇ. 

رەسىمدىن قارىغاندا، سائەت تاختىسىدا سەككىز دانە سىممېتىرىك رايون بار بولۇپ، ئاستى-ئۈستىدىكى ئىككى فىزىكىلىق كۇنۇبكا ۋە يۇمىلاق ئېكرانغا ماسلىشىدۇ. 

رامكا يەنە بېسىم ئىندۇكسىيەسىنى قوللايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايلاندۇرۇپ بېسىش ئارقىلىق مەزمۇننى چوڭايتقىلى ياكى كىچىكلەتكىلى بولىدۇ. 

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، خۇاۋېينىڭ بۇ خىل تېخنىكىسى ماتېرىيال چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان بولۇپ،  بۇ ئىقتىدارنى ھەرقانداق ماتېرىيالغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، سائەت تاختىسىغا داتلاشماس پولات، فار-فور، سۇلياۋ، ئاليۇمېن قاتارلىق ماتېرىياللارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ، كەڭ تۈردە قوللىنىش ئىستىقبالىغا ئىگە. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号