باش بەت

zevmret

903يوللانما
36مەستانە

ئىمتىھاندا نۆل ئالغان ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئوچۇق خەت

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 21:45 19 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۇ بىر قورشاۋ تاملىرى يوق بولغان ئائىلە باشلىقلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى، مەخسۇس پەرزەنتلەرنىڭ ئۆگىنىشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ.

بالىڭىزغا ئىشىنىڭ، تىنچقىنە ھالدا گۈلنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتكەن كەبى.

مەلۇم مەكتەپتىكى سىنىپ مەسئۇلى بىر ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئائىلە باشلىقىغا مۇنداق قىسقا ئۇچۇر يوللىدى: «مەيلى نەتىجىسىنىڭ ياخشى ياكى ناچار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىز ئوبدانراق ئويلىنىپ بېقىڭ: ھەربىر بالا بىر ئۇرۇق، پەقەت چېچەك ئېچىش ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ، خالاس.

بەزى چېچەكلەر ئېچىلىشى بىلەنلا پورەكلەيدۇ؛ بەزى چېچەكلەرنى ئۇزۇنغىچە كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

باشقىلارنىڭ ئېچىلغىنىنى كۆرۈپلا ئۆزىڭىزنىڭ چېچىكى ئۈچۈن تىت-تىت بولماڭ، ھەممە چېچەكلەرنىڭ گۈللەيدىغان مەزگىلىنىڭ بولۇشىغا ئىشىنىڭ، ئىنچىكىلىك بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ چېچىكىنى ئاسراڭ، ئۆسۈپ يېتىلىشىگە غەمخورلۇق قىلىڭ، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ئاپتاپقا قاقلىنىڭ، يامغۇرلارغا چىلىنىڭ، مۇشۇنىڭ ئۆزىلا بىر بەخت ئەمەسمۇ.

بالىڭىزغا ئىشىنىڭ، تىنچقىنە ھالدا گۈلنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتكەن كەبى.

بەلكىم سىزنىڭ تېرىغان ئۇرۇقىڭىز مەڭگۈ چېچەك ئاچماسلىقىمۇ مۇمكىن، چۈنكى ئۇ بىر قامەتلىك دەرەخ ئىدى.»

تۆۋەندىكىسى بىر نەپەر ئالاھىدە دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىنىڭ يەكۈنلىگەن 31 تۈرلۈك تەربىيىلەش ئۈزۈندىلىرى، 3 مىنۇت ۋاقتىڭىزنى سەرپ قىلىپ كۆرۈپ بېقىڭ، ھەربىر ئاتا-ئانىنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئىنچىكىلىك بىلەن كۆرۈڭ، چوقۇم ئاز بولمىغان مەنپەئەتلەرگە ئېرىشەلەيسىز:

1. بالىنىڭ نەتىجىسىگە تەسىر قىلىدىغان ئاساسلىق ئامىل مەكتەپ ئەمەس، بەلكى ئائىلىدۇر.

2. ئەگەر ئائىلىۋى تەربىيىدە مەسىلە كۆرۈلسە، بالىنىڭ مەكتەپ ھاياتى بىر قەدەر مۈشكۈل بولىدۇ-دە، بۇ بالىنىڭ مەكتەپتىكى مەسىلە كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىغا ئايلىنىپ قېلىش خەۋپى ئىنتايىن ئېغىر.

3. نەتىجىسى ياخشى بولغان بالىنىڭ ئاپىسى كۆپىنچە ھاللاردا پىلانلىق شۇنداقلا چەبدەس ئاياللاردىندۇر. ئاتا-ئانا قانچە ئەستايىدىل، تەرتىپلىك، ئەدەبلىك بولسا، بالىسىنىڭ نەتىجىسىمۇ شۇنچە ياخشى بولىدۇ.

4. نامراتلىق بولسا ئاساسلىق مائارىپ مەنبەسىدۇر، لېكىن قانچە نامرات بولسا شۇنچە ياخشى دېگەنلىك ئەمەس. ئاتا-ئانا بولغۇچى يەنىلا بالىلىرى ئۈچۈن ئەڭ ئەقەللىي بولغان مەدەنىيەت ماتېرىياللىرىنى تەمىنلەپ بېرىشى، بالىلىرىنى «گادايدا پەزىلەت يوق» بولۇشتەك ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويماسلىق كېرەك.

5. باي-باياشاتلىق يەنە بىر يەنىمۇ ئىلغار تۇرىدىغان مائارىپ مەنبەسىدۇر، غەربلىكلەرنىڭ تەجرىبىسى مۇنداق: «بىر ئاقسۆڭەكنى تەربىيىلەش ئۈچۈن ئۈچ ئەۋلاد كىشىلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى لازىم بولىدۇ، تەبىقە دېگەنلەر ئېرسىيەت قالىدۇ.» لېكىن، يەنىمۇ ئىلغار تۇرىدىغان مائارىپ مەنبەسى ئۈچۈن يەنىمۇ ئىلغار بولغان مائارىپ ماھارىتى لازىم بولىدۇ، ئەگەر يەنىمۇ ئىلغار بولغان مائارىپ ماھارىتى بولمىسا، باي-باياشات ئائىلە بالىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە ئەكسىچە ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ.

6. بىلىملىك ئەمما مەدەنىيەتسىز ئائىلە باشلىقلىرىدىن بولماڭ. گەرچە بەزى كىشىلەرنىڭ ئوقۇش تارىخى يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن مەدەنىيەتلىك بولۇشى ناتايىن. ئەگەر ئائىلە باشلىقلىرى تۇرمۇشنى بىلمىسە، ئۆزگىگە مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈشنى بىلمىسە، ھەتتا ئۆز بالىسىغا مېھىر-شەپقەت قىلىشنى بىلمىسە، مەيلى ئۇنىڭ قانچىلىك يۇقىرى ئوقۇش تارىخى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ يەنىلا مەدەنىيەتسىز ئادەمدۇر.

7. ئاتا-ئانىلار بالىسىنى دۇنيانىڭ مەركىزى دەپ قارىسا بولىدۇ، لېكىن ئۆزلىرىنىڭمۇ مۇستەقىل تۇرمۇش قۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك. ئەگەر ئاتا-ئانىلار پۈتۈنلەي بالىسىنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ ئۆز تۇرمۇش مەناسىنى يوقىتىپ قويسا، بۇنداق ئاتا-ئانىلار دائىم دېگۈدەك مۇھەببەت دېگەندەك نامنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە دەخلى يەتكۈزۈپ قويىدۇ. بەزىدە، بالىلار ئاتا-ئانىدىن ئەمەس، ئاتا-ئانا بالىسىدىن ئايرىلسا ئۆلىدىغاندەك قىلىقلارنى قىلىدۇ.

8. ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ تەربىيىلىنىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، بىراق، بالىنىڭ تەربىيىلىنىش ئىشلىرىنى دەپلا ئۆزىنىڭ ئىستىراھىتىنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرىۋەتسىمۇ بولمايدۇ. «مەسئۇلىيەتسىزلىك ئۆزگىنى يارىلاندۇرىدۇ، زىيادە مەسئۇلىيەتچانلىق ئۆزىنى يارىلاندۇرىدۇ.»

9. ئەگەر بالا قەغىشلىق قىلسىلا ئاتا-ئانىسى يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنى قۇچاقلىۋالسا، ئۇنداقتا، بالا بولغۇچى ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇشۇ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ ئاتا-ئانىسىنى دائىم ئاۋارە قىلىدۇ، يەنىمۇ كۆپ تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇڭا، بالا قەغىشلىق قىلغاندا ھەرگىزمۇ بالىنى بەزلەشكە ئالدىرىماسلىق كېرەك، ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا باشقا بىر ئىشى بولۇشى كېرەك، بالىسىغا ئۆزىنىڭ چەبدەسلىك بىلەن شۇ ئىشىغا مەشغۇل بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويىشى كېرەك.

10. ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتى بالىنىڭ خاراكتېرىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بىر ئەر ئۆزىنىڭ ئايالىنى ھۆرمەتلىمىسە، ئۇنداقتا، ئۇنىڭ ئوغلى مەكتەپتە قىز ساۋاقداشلىرىنى ئىززەتلىمەسلىكنى ئۆگىنىدۇ. بىر ئايال ئۆزىنىڭ يولدىشىنى ھۆرمەتلىمىسە، ئۇنداقتا، ئۇنىڭ قىزى مەكتەپتە ئوغۇل ساۋاقداشلىرىنى ياراتماسلىقنى ئۆگىنىدۇ.

11. مائارىپ دېگىنىمىز ئىنسانلارنىڭ روھىي گۈزەللىكىنى يېتىلدۈرىدىغان ئىلىمدۇر. ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇرچى بولسا بالىغا ئۆزىنىڭ روھىي گۈزەللىكىگە مەسئۇل بولۇشنى بىلدۈرۈشتۇر، بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن بولغان مەينەتچىلىكنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئىنساندىكى روھىي «ئۇرۇق»نى يېتىلدۈرۈشتۇر، ئىنساننى ئېگىز چوققىلاردىكى ساپ ھاۋادىن نەپەسلەندۈرۈپ، كىشىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇشتۇر.

12. سەۋىيەلىك ئاتا-ئانىلار «ۋولتايرىزىمچىلار»دىندۇر، «مەن سىزنىڭ كۆز قارىشىڭىزغا قوشۇلمايمەن، لېكىن مەن تا ئۆلگۈچە سىزنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىڭىزنى قوغدايمەن.» ئۇلار بالىسى تۇغۇلغان شۇ كۈندىن باشلاپلا بالىسىغا قائىدە-يوسۇن سۆزلەشنى باشلىۋەتكەن بولىدۇ، سەۋرچانلىق بىلەن بالىسىدىن مەسلىھەت سورايدۇ. تىل-تاياق بىلەنلا بالىنى بويسۇنۇشقا كۆندۈرىمەن دېگۈچى بولماڭ. توخۇ يۇڭۇزلاپ مايمۇنغا كۆرسەتكەننىڭ ئاقىۋىتى پەقەت مايمۇنمۇ توخۇ يۇڭۇزلاشنى ئۆگىنىۋالىدۇ، خالاس.

13. بالىنى ھەم قايناق ھېسسىياتلىق ھەم ئاقىلانىلىك قىلىپ تەربىيەلەڭ. «قايناق ھېسسىيات بولمىسا ھەرقانداق ئۇلۇغۋار ئىشلارمۇ مۇكەممەل بولماي قالىدۇ، ئاقىلانىلىك بولمىسا ھەرقانداق ئۇلۇغ باشلىنىشمۇ خەيرلىك ئاياغلاشماي قالىدۇ.»

14. بالىڭىزنى تەربىيىلىك قىلىپ تەربىيەلەڭ، تەربىيىلىك بولۇشتىن تارتىپ ۋاقىتقا رىئايە قىلىش، ئۆچرەتتە تۇرۇش، ئاممىۋى سورۇنلاردا يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلماسلىق، ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەسلىك قاتارلىقلاردا ئۆزىڭىز ئۈلگە بولۇڭ.

15. ئادەم كەڭ قورساق بولۇش كېرەك. ئەگەر سىزنىڭ بالىڭىز بىرقەدەر كەڭ قورساق بولسا، ئۇنى ھەرگىزمۇ ئاجىزلىق دەپ مەسخىرە قىلماڭ. مەنپەئەتنىلا كۆزلەيدىغانلار ئەمەلىيەتتە دائىملا زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىدۇ، چۈنكى ئۇنداق ئادەملەردىن باشقىلار بىزار بولىدۇ. زىيان تارتىشنى خالايدىغانلار ئەكسىچە كىشىلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىدۇ.

16. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل بولىدۇ. ساغلام كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىمۇ ئىللىق بولىدۇ. تېنى ئاجىز كىشىلەر ئىش قىلغاندا ئىككىلىنىدۇ، قېچىپلا يۈرىدۇ، سۆزلىگەندە دۇدۇقلايدۇ.

17. بالىنىڭ بىر ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان ۋاقتىنى پەقەتلا بوي ئۆسۈش مەزگىلى دەپلا قارىماڭ. ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ بىر ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان ۋاقتىنى پەقەتلا بوۋا-مومىلىرىنىڭ ئالدىدا ئۆتۈشكە تاشلاپ قويسا، بۇ بالا مەكتەپكە قەدەم قويغاندا بىر بولسا زىيادە كەمسۆز بولىدۇ، ياكى ھېچكىممۇ باشقۇرالمايدىغان بۇزغۇنچى بولىدۇ.

18. دائىم بالىلىرىڭىز بىلەن تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشنى قىلىڭ: بىرىنچىسى، بالىڭىز بىلەن بىللە تاماق يەڭ، ئىككىنچىسى، بالىڭىزنى ئويۇنچۇقلارنى، ئۆي جاھازلىرىنى ياكى كىيىم-كېچەكلەرنى تۈزەشكە تەكلىپ قىلىڭ، ئارىلاپ بالىڭىزنى يەنە خىزمەتتىكى قىيىنچىلىقىڭىزنى بىرلىكتە ھەل قىلىشقا تەكلىپ قىلىڭ. ئۈچىنچىسى، بالىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىش بىلەن بىرگە يەنە ئۇنىمۇ ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىڭ.

19. ئەگەر زىيادە قىيىن مەسىلە بولمىسا، ئاتا-ئانا بولغۇچى چوقۇم ھەركۈنى ئۆيگە قايتىپ بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە تاماققا داخىل بولۇشى كېرەك. ئائىلىنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشى دەل بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ يېگەن ئاشۇ تاماقتا ھاسىل بولىدۇ.

20. بالىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىش بىلەن بىرگە يەنە ئۇنىمۇ ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ، بالىدا ھېكايە ئاڭلاش جەريانىدىلا ئاڭلاش ۋە يېزىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ، بالىغا ئىمكانقەدەر بالدۇرراق ئوقۇشنى ئۆگىتىڭ، ئىمكانقەدەر بالدۇرراق مۇستەقىل ئوقۇشنى بىلدۈرۈڭ. «ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلا بولسا ھېچقانداق ئادەم پۈتۈنلەي چۈشكۈنلىشىپ كەتمەيدۇ، پۈتۈنلەي چۈشكۈنلىشىپ كەتكىنى چوقۇملا ئوقۇۋاتقان بىراۋ ئەمەستۇر.» ئەزەلدىن بالىسىغا ھېكايە ئېيتىپ بەرمەيدىغان ئاتا-ئانا مەسئۇلىيەتسىز ئاتا-ئانىدۇر.

21. بالىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىدە ئۈچ دانە ئاچقۇچلۇق ۋاقتى بار بولغان بولىدۇ: بىرى 3 ياشنىڭ ئالدى-كەينى، ئىككىنچىسى 9 ياشنىڭ ئالدى-كەينى، ئۈچىنچىسى 13 ياشنىڭ ئالدى-كەينى. بالىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىدىكى بۇ ئۈچ مەزگىلنى كەتكۈزۈپ قويسىڭىز چوقۇملا بىر ئۆمۈر پۇشايمان قىلماي قالمايسىز.

22. بالا 30 ياشتا ئەمەس، بەلكى 3 يېشىدىلا مۇستەقىل بولغان بولىدۇ. بالا 3 ياشنىڭ ئالدى-كەينىدە چوقۇملا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ مۇستەقىل ئىش قىلىشنى بىلىدىغان جاسارەت ۋە ئادەتنى يېتىلدۈرىشى كېرەك. ئۆزى قىلالايدىغان ھەرقانداق ئىشنى چوقۇم ئۆز كۈچىگە تايىنىپ مۇستەقىل پۈتتۈرىشى كېرەك. ئۆزى مۇستەقىل قىلىشقا تېگىشلىك ھەرقانداق ئىشنى چوقۇم پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ پۈتتۈرىشى كېرەك.

23. ئەگەر سىزنىڭ بالىڭىز 13 يېشىدا فروستنىڭ شېئىرلىرىنى ياقتۇرىدىغان بولسا: «ئورمانلىقتا ئىككىگە بۆلۈنگەن چىغىر يولدىن مەن ئادەملەر ئاز بولغان شۇ يولدا مېڭىشنى تاللىدىم.» بۇ ئىنتايىن نورمال، ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇمۇ كەلگۈسىدە ئادەملەر ئاز بولغان شۇ يولدا مېڭىشنى تاللىشى مۇمكىن.

24. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا قائىدە-يوسۇن سۆزلىشى زۆرۈر بولغان ئىشتۇر، لېكىن 13 ياشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى بالىغا قائىدە-يوسۇن سۆزلىگەندە ئۆزىڭىزنىڭ سۆزلەۋاتقاندىكى قىياپىتىڭىزگە دىققەت قىلىڭ، بۇ چاغدا قىياپەت قائىدە-يوسۇندىنمۇ مۇھىم بولغان بولىدۇ. بولمايدىكەن، بالىنى بىزار قىلىسىز، سىزگە قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. بالىڭىز ھەتتا مۇنداق دېيىشى مۇمكىن: «دېگەنلىرىڭىز توغرا بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئاشۇ تۇرقىڭىز كىشىنى ئىنتايىن سەسكەندۈرىدۇ.»

25. قەلب سىرى كىشىلەرنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى ۋە پىشقانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر. ئەگەر بالىڭىزنىڭ كۆڭۈل ئىشى بولۇپ، سىزگە ئېيتىشنى خالىمىسا، ئۇنداقتا، ئۇنى سۆزلەشكە مەجبۇرلىماڭ.

26. بالا 3 ياشنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۇنىڭ يېنىدا ئەڭ ياخشىسى ھەممىگە يول قويۇۋېتەلەيدىغان بىر جۈپ ئاتا-ئانىنىڭ بولغىنى ئەۋزەل. 9 ياشنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۇنىڭ يېنىدا ئەڭ ياخشىسى ئاكتىپ ھوقۇقلۇق ئاتا-ئانىنىڭ بولغىنى ئەۋزەل. 13 ياشنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۇنىڭ يېنىدا ئەڭ ياخشىسى دېموكراتىك ئاتا-ئانىنىڭ بولغىنى ئەۋزەل. ئۈنۈملۈك بولغان تەربىيىلەش ئۇسۇلى ئاۋۋال زالىم كېيىن ئەركىن بولغان بولىدۇ، ئۈنۈمسىز بولغان تەربىيىلەش ئۇسۇلى ئاۋۋال ئەركىن كېيىن زالىم بولغان بولىدۇ.

27. بالىڭىزنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگە چوقۇم ئەھمىيەت بېرىڭ، لېكىن مۇشۇ نۇقتىغىلا ئېسىلىۋېلىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق. ئەكسىچە ھېلىقىدەك دائىملا بىرىنچى بولىدىغان بالىلاردىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك. بەزى بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى، خاراكتېرىمۇ ياخشى، يەنە بەزى بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى بولغان بىلەن ئۆزى ناھايىتى شەخسىيەتچى بولغان بولىدۇ، ھېسداشلىق قىلىشنى بىلمەيدۇ، تۇرمۇشقا نىسبەتەن ھېچقانداق زوقى بولمىغان بولىدۇ.

28. بالىڭىزغا چوقۇم باشقىلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈشنى شۇنداقلا خوشاللىق بىلەن دوستلىشىشنى ئۆگىتىڭ. «ئەگەر ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆزلىرىنىڭ قوشنىسىدىن نارازى بولسا، ئۆزىنىڭ بالىلىرىنىڭ دوستلىرىدىنمۇ قۇسۇر ئىزدەيدىغان بولىدۇ، ياكى ئۆزىنىڭ بالىسىنى باشقا بالىلار بىلەن دوستلىشىشقا يول قويغان تەقدىردىمۇ، قانداقتۇ بالىسىنى باشقا بالىلاردىن پەرقلىق كۆرسەتسە، ئۇنداقتا، بۇنداق بالىلار كەلگۈسىدە ھېچقانداق ئادەم بىلەن تەبىئىي چىقىشىپ ئۆتەلمەيدۇ.

29. بالىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش مەزگىلىدە چوقۇم بىر ھەمراھقا موھتاج بولىدۇ، بالىنىڭ ئۆز ئالدىغا دوستى بولسۇن لېكىن بەك قالايمىقان بولۇپ كەتمىسۇن، بالىدا پىشقان ئىدراك ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى شەكىللىنىشتىن ئىلگىرى، بالىڭىزنىڭ ھەمراھلىرىدىن يامان ئادەت يۇقتۇرىۋېلىشىدىن ھەزەر ئەيلەڭ.

30. بالىڭىزدا ئىمكانقەدەر ساغلام بولغان گۈزەللىك قارىشى يېتىلدۈرۈڭ. دىتى بار ئوغۇل بالا چوقۇم ساغلام بولغان قىزلارنى ياقتۇرىدۇ. بالىڭىزنىڭ گۈزەللىك قارىشىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ياكى كېسەللىك ھالىتىدە بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىڭ. كىچىك بولغىنى ئۈچۈنلا ساغلام بولمىسىمۇ ياخشى دەپ قارىماڭ. كۈچلۈك بولغانلىرىنىڭ ھەممىسىنىمۇ ناچار دەپ قارىماڭ. كىچىك قۇشقاچ، كىچىك قوي، كىچىك ئىت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى پەقەت ئوماق دەپلا قارىماڭ، يەنە شىر، يولۋاس، بۆرە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىلا يامان دەپ قارىماڭ. چىل بۆرە بولسىلا ئادەم يەيدۇ دەپ قاراشمۇ خاتا، يىرتقۇچمۇ ئۆزدىن ئاجىز بولغانلىرىنىلا يېيەلەيدۇ.

31.«ئېكىنزارلىقتىكى قاراۋۇل» دۇنياغا بىر سۆزنى تۆھپە قىلغانىدى: «قاراۋۇللۇق. مائارىپ دېمەك باشقۇرۇش ئەمەس، باشقۇرماسلىقمۇ ئەمەس. باشقۇرۇش ۋە باشقۇرماسلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قاراۋۇللۇقتۇر.»

كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ.

PS:

يېقىندا دوستلار چەمبىرىكىدە چاچلىرىنى قىراۋ باسقان بىر كىچىك ئوغۇل بالىنىڭ سۈرىتى تارقىلىپ يۈردى.

سۈرەتتە، ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى كۈلۈپ قېتىپ قالغانىدى، مەن بولسام كۆرۈپ يىغلاپ كەتتىم.

ئىگەللىنىشىچە، سۈرەتتىكى بالا لۇديەن ناھىيىسى يېڭى ئالاھىدە بازارلىق جۇەنسەنباۋ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ بالىنىڭ ئۆيى مەكتەپتىن  تۆت يېرىم كىلومېتىر يىراقلىقتا ئىدى، ئادەتتە بىر سائەتتىن ئارتۇق پىيادە يۈرگەندىلا ئاندىن مەكتەپكە يېتىپ كەلگىلى بولاتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۇنىڭ قوللىرى ئۈششۈك تېگىپ يارىلانغانىدى، لېكىن ئۇنىڭ نەتىجىسى ھەممىمىزنىڭ كۆزىنى ئېچىپ قويدى: 99 نومۇر!

ھەقىقىي ۋە جانلىق بولغان ئوقۇتۇش ماتېرىيالى دېگەن شۇدە!

شاكىچىكنىڭ ئېگىلمەس-سۇنماس روھى چوڭ-كىچىك ھەممەيلەننىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مېھمان1 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭ ئۇكامدىمۇ پەققەت دەرىسكە قىزىقىشى يوق ئۆگەنگىلى ئونمايدۇ قانداق قىلسام بولا

  • ماڭا ئىسىم قالماپتۇ3 ئاي ئىلگىرى

    تەڭشەلمىگەن دۇنيا،بالىڭىزنىڭ ئوقۇشقا قىزىقماسلىقىدا سىلەر ئۆزۈڭلاردىن مەسلە ئىزدىشىڭلار كېرەك...
    ئادەتە ياش ئاتا ئانىلار بالا كىچىك ۋاقتىدا كىچىكقۇ تېخى دەپ بالىنىڭ ئۆگىنىشكە قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈشكە سەل قارايدۇ،مەكتەپكە كىرگەندە بالىلار بىراقلا بېسىم ھېس قىلىپ ئوقۇشتىن زېرىكىدۇ،قىزىقمايدۇ…

  • باغۋەن09983 ئاي ئىلگىرى

    دىلرابا، ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ سىناپ بېقىڭ

  • SAMAN YULI3 ئاي ئىلگىرى

    رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم مۇمكىن بولسا مۇشۇنداق ياخشى مەزمۇنلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇرغان بولسىڭىز

  • ئابلەت3 ئاي ئىلگىرى

    بەك ياخشى كۆرسەتمە بوپتۇ

  • رەسسام3 ئاي ئىلگىرى

    نۇر تورىدىكى مۇھەررىر ئىنى ، سېڭىللار رەھمەت سىلەرگە ! جاپا چەكتىڭلار !!! پالانى چولپان مۇندا رەڭلىك چاپانغا ئاندا رەڭلىك ئىشتاننى ماسلاشتۇردى دېگەن «دۇنياۋىي» خەۋەرلەرنى ئازراق بىرىپ مۇشۇنداق مەزمۇنلارنى كۆپرەك يوللىساڭلار سىلەردىن تېخىمۇ مىننەتدار بولاتتۇق ... ❤❤❤

  • 爱的见证3 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭ قىزىممۇ ئەمدى يەسلىدىكە بىر مەۋسۈملۈك ئوقۇشىنى تۈگەتتى ئوقۇتقۇچىسى ياخشى باھا بېرىپ ئىلغار ئوقۇغۇچى دەپ مۇكاپاتلىدى ئەمما ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرالماي قالدى، مەنغۇ بەك خوشال بولدۇم، بىراق ئاتىسى پەقەت خوشال بولاممىدى بىرىنچى بولامماپتۇ دەپ قىزىمغا بەك يۇقىرى تەلەپ قويىدۇ چوقۇم ئەڭ ياخشىسى بولىشى كىرەك دەپ، قانداق قىلامەن بەكمۇ بېسىم بولدى ماڭىمۇ، بالىنى ئۆگىنىشكەبەك زۇرلىساقمۇبولمىسايە، كىچىك بالام ئەمدى ئالتە ئايلىق بولدى قانداق قىلسام بولا 。

  • پۇتپۇل مەستانىسى3 ئاي ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن ياخشى مەزمۇنكەن، ئاتا ئانا بۇلغۇچىلارغا ھەقىقەتەنمۇ پايدىسى كۇپ سۇزلەركەن، رەخمەت،سىلەرگە،

  • ئابدورېھىم3 ئاي ئىلگىرى

    مەن بەك ياقتۇردۇم ،سىلەگە ئاپتورغا رەخمەت.

  • دىلنۇر3 ئاي ئىلگىرى

    بەك ياخشىكەن رەھمەت سىلەرگە بەك ياقتۇردۇم

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号