باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

13292يوللانما
1328مەستانە

2017-يىلدىكى خەۋەر باش بېتىگە چىققان مۈشۈكئېيىقلار

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 19:47 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سىچۇەن تىلغا ئېلىنسا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تۇنجى بولۇپ، دۈپدۈگىلەك، ئوماق مۈشۈكئېيىقنى ئەسكە ئېلىشىدۇ. دۆلەت گۆھىرى ۋە «تىرىك تاش قاتما» بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەسلىدىنلا پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىگە ئېرىشىپ كېلىۋاتقان بۇ جانىۋارغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر ھەر يىلى دېگۈدەك ئاخبارات باش بېتىنىڭ مۇھىم ئورنىنى ئىگەللەپ كەلدى. قېنى بىز بىرلىكتە ئۆتكەن بىر يىلدا ئاخبارات باش بېتىگە چىققان مۈشۈكئېيىقلار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەيلى:

سۈرەتتە، 2017-يىل فېۋرال، سىچۇەن ئۆلكىسى يۆشەن شەھىرى چېگرىسىدىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئىككى ياۋايى مۈشۈكئېيىق بايقالدى. ھەريىلى سىچۇەندە دېگۈدەك ياۋايى مۈشۈكئېيىقلار بايقىلىدىغان بولۇ، بىراق ئالدىنقىلارغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، بۇنىڭ ئارىسىدىكى بىرى كەنتتىكىلەرنىڭ ئۆچكىسىنى يەۋېلىپ، كۆپلىگەن تورداشلارنىڭ مۈشۈكئېيىق بامبۇك يەيدۇ، دېگەن ئەنئەنىۋى قارىشىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى.

ئورۇقلاپ سۆڭەكتەك بولۇپ قالغان مۈشۈكئېيىق «شۇ لەن».

2017-يىل مارت ئېيىدا لەنجۇ شەھەرلىك ھايۋاناتلار باغچىسىدا بېقىلغان مۈشۈكئېيىق «شۇلەن»نىڭ ئارقا دۈمبىسى ئېغىر يارىلىنىپ، ئاغزىدىن كۆپۈك قايناپ، ئورۇقلاپ سۆڭەكتەك بولۇپ قالغان سۈرىتى بەس-مۇنازىرىنى قوزغىغان. ئارقىدىنلا، جۇڭگو مۈشۈكئېيىقنى قوغداش تەتقىقات مەركىزى 7-مارتتىن 9-مارتقىچە ئۈچ نەپەر كەسپىي مۇتەخەسسىسنى لەنجۇ شەھەرلىك ھايۋاناتلار باغچىسىغا ئەۋەتىپ، «شۇ لەن»نىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە بېقىش تۈزۈلمىسى قاتارلىقلارنى ئۇنىۋېرسال باھالاتقۇزغان. ئەڭ ئاخىرىدا شۇ جايدىكى باقمىچىلىق شارائىتىنىڭ مۈشۈكئېيىقنى بېقىش بەلگىلىمىسىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغانلىقىنى دەلىللەپ ئارقىدىنلا مۇناسىۋەتلىك تەرتىپ بىلەن مۈشۈكئېيىق «شۇ لەن»نى جۇڭگو مۈشۈكئېيىقنى قوغداش تەتقىقات مەركىزى سىچۇەن دۇجياڭ بازىسىغا يۆتكەپ، ئومۇميۈزلۈك تەن سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

2017-يىل تۇنجى قوشكېزەك مۈشۈكئېيىق تۇغۇلدى. 

27-ئىيۇن چېڭدۇ مۈشۈكئېيىق كۆپىيىش تەتقىقات بازىسىدىكى مۈشۈكئېيىق «چېڭدا» يېرىم كېچىدە بىر جۈپ مۈشۈكئېيىقنى تۇغدى. بۇنىڭ ئارىسىدىكى چوڭىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 12.8 گىرام كېلىدىغان بولۇپ، چىشىدۇر، كىچىكىنىڭ ئېغىرلىقى 160.2 گىرام كېلىدىغان بولۇپ، ئەركەكتۇر. ئانا-بالىلارنىڭ تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئۆلچىمى نورمال. بۇ بىر جۈپ يېڭىدىن تۇغۇلغان مۈشۈكئېيىق چېڭدۇدىكى تۇنجى بىر جۈپ قوشكېزەك مۈشۈكئېيىقلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۈشۈكئېيىق كۆپىيىش بازىسىدىكى جەريانى تولىمۇ كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ.

بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قۇت بۇيۇمى ئەسلى شەكىللىك مۈشۈكئېيىق «جىڭجىڭ» ئىككىنچى بالىسىنى تۇغدى.

10-ئىيۇل سائەت 12:33 مىنۇت ئۆتكەندە، «جىڭجىڭ» ئەركەك ساغلام بوۋاقنى تۇغدى. بەدەن ئېغىرلىقى 189 گىرام كېلىدىغان بۇ «بالا» ئۇنىڭ ئىككىنچى بالىسى ھېسابلىنىدۇ. مۈشۈكئېيىق «جىڭجىڭ»نىڭ نومۇرى 598 بولۇپ، 2008-يىل 30-ئاۋغۇست تۇغۇلغان. «جىڭجىڭ» تۇغۇلغاندىن كېيىن، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت كومىتېتى قۇت بۇيۇمىنىڭ ئىسىمىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، مۈشۈكئېيىق لايىھەسىنى كۆزدە تۇتۇلغان بۇ قۇت بۇيۇمىنى «جىڭجىڭ» دېگەن.

مۈشۈكئېيىقلار ئىچىدىكى يېشى ئەڭ چوڭ «ھامىلدار ئانا» ئوڭۇشلۇق ھالدا قوشكېزەك تۇغدى، ئۇنىڭ يېشىنى ئىنسانلار يېشىغا سۇندۇرغاندا 80 ياشقا باراۋەر.

2017-يىل 30-ئىيۇل سەھەردە، 23 ياشلىق مۈشۈكئېيىق «خەيزى» سىچۇەن ۋولۇڭ شۇپىڭ بازىسىدا ئوڭۇشلۇق ھالدا بىر جۈپ قوشكېزەك مۈشۈكئېيىقنى تۇغۇپ، تارىختىكى ئەڭ چوڭ رېكورتنى ياراتتى. مۈشۈكئېيىقلارنىڭ بىر يېشى ئادەتتە ئىنسانلارنىڭ 3-4 يېشىغا باراۋەر بولۇپ، 23 ياشلىق «خەيزى» ئىنسانلارنىڭ 80 يېشىغا باراۋەر بولۇپلا قالماستىن يەنە تېخى مۈشۈكئېيىقلار دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭ ھامىلدار «ئايالدۇر». ياز پەسلى مۈشۈكئېيىقلار كۆپىيىشىنىڭ ئالتۇن مەزگىلىدۇر.

مۈشۈكئېيىق ياز كۈنى ماروژنى تورتنى يەپ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزدى.

14-ئاۋغۇست، جۇڭگو مۈشۈكئېيىقنى قوغداش تەتقىقات مەركىزىدىكى چەتئەلدە تۇرۇپ كەلگەن مۈشۈكئېيىق «فۇباۋ» چېڭدۇدا تۆت ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتىۋالدى. شۇ كۈنى چېڭدۇنىڭ يۇقىرى تېمپىراتۇراسىغا چىدىغىلى بولمايدىغان بولۇپ، باقمىچىلار «ماروژنى تورت»نى ياساپ ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى. «فۇباۋ» 2013-يىلى 14-ئاۋغۇست ئاۋسترالىيە ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى «لوڭۋېي» بىلەن «ياڭياڭ»نىڭ ئۈچىنچى بالىسى، 2015-يىل نويابىردا ئاۋسترالىيەدىن دۆلىتىمىزگە قايتىپ كەلگەن.

2017-يىلىدا تۇغۇلغان 36 مۈشۈكئېيىق كوللىكتىپ نامايەن بولدى، بۇ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت ھېسابلىنىدۇ. 

13-ئۆكتەبىر، جۇڭگو مۈشۈكئېيىقنى قوغداش تەتقىقات مەركىزى 2017-يىلدا يېڭى تۇغۇلغان 36 مۈشۈكئېيىقنى ئايرىم-ئايرىم يائەن بىفېڭ جىلغىسى، ۋولوڭ شېنشۇ تۈزلەڭلىكى قاتارلىق ئىككى بازىسىدا نامايەن قىلدى. كوللىكتىپ نامايەن بولۇنغان مەيداندا، مۈشۈكئېيىقلارنىڭ بالىلىرىنىڭ بەزىلىرى خورەك تارتىپ ئۇخلاۋاتقان ياكى بەزىلىرى مېڭىۋاتقان بولۇپ، يەنە بەزىلىرى چاقچاق قىلىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرگەن. بۇ بازىنىڭ ئىستاستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، تاكى شۇ ئايغا كەلگەندە، 2017-يىلى جۇڭگو مۈشۈكئېيىقنى قوغداش، يېتىشتۈرۈش مەركىزىدە جەمئىي 30 ھامىلە يېتىشتۈرۈلگەن بولۇپ، 42سى ئەي بولغان.

مالايسىيادا تۇغۇلغان مۈشۈكئېيىق «نۇەن نۇەن» تۇنجى قېىتم دۆلىتىمىزگە قايتىپ كېلىپ، تۇغقان يوقلىدى. 

14-نويابىر كەچ سائەت 9:55 مىنۇت ئۆتكەندە، مالايسىيادا تۇغۇلغان مۈشۈكئېيىق «نۇەن نۇەن» ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ چېڭدۇ شۇاڭليۇ خەلقئارالىق ئايرودرومىغا قوندى. بۇ ئۇنىڭ تۇغۇلغاندىن كېيىن تۇنجى قېىتم دۆلىتىمىزگە قايتىپ كېلىپ تۇغقان يوقلىشى ھېسابلىنىدۇ. «نۇەن نۇەن» مالايسىيا دۆلەتلىك باغچىسىغا بېرىپ، پەن-تەتقىقات ھەمكارىلىقىغا ئىشلەتكەن مۈشۈكئېيىقى «فېڭ يى» بولۇپ، 2015-يىل 18-ئاۋغۇست چىشى مۈشۈكئېيىقنى تۇغقان. جۇڭگو ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش جەمئىيىتى بىلەن مالايسىيا تەبئىي بايلىق ۋە مۇھىت ياۋايى ھايۋانلار ۋە دۆلەتلىك باغچىسى «مۈشۈكئېيىقنى قوغداش توغرىسىدىكى ھەمكارىلىشى تەتقىق قىلىش كېلىشمنامىسى»نى ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارىلىشىپ يېتىشتۈرگەن مۈشۈكئېيىقنى قايتۇرۇپ بەرگەن.

دۇنيادا ئىككىنچى قېتىم ئىككى مۈشۈكئېيىق ئوخشاش ۋاقىتتا دالىغا قويۇپ بېرىلدى.

23-يانۋار، مۈشۈكئېيىق «ياڭشۆ» بىلەن «باشى» رەسمىي ھالدا سىچۇەن يائەن لىزى تۈزلەڭلىكى دۆلەت تەبئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونغا قويۇپ بېرىلىپ، دۇنيادىكى ئوخشاش ۋاقىتتا قويۇپ بېرىلگەن مۈشۈكئېيىققا ئايلاندى. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:10 مىنۇت ئۆتكەندە، قەپەس ئىشىكىنىڭ ئېچىلىشى بىلەنلا تەڭ «ياڭشۆ» بىلەن «باشى» داۋاملىق تاغ ئورمانلىقىغا قاراپ يۈگۈردى. ئىككى مۈشۈكئېيىق تەبئىەتكە قويۇلۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، تەتقىقاتچىلاردىن تەشكىل تاپقان تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى دەرھال ئۇلارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاپ، دالا سىرتى تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ قانداق قىلىپ تەدىرىجىي ھالدا دالا مۇھىتىغا ماسلىشىپ، ياۋايى مۈشۈكئېيىق توپىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ.

مۈشۈكئېيىق «ماۋ دوۋ» دۇنيادىكى ئەڭ «مەرد» بوكس شاھى مايۋەزېرنىڭ «بالىسى»غا ئايلاندى. بوكس ساھەسىدە «پۇل بېسىش ماشىنىسى» دەپ تەرىپلىنىدىغان مايۋەزېر جۇڭگو چېڭدۇ ساياھىتىنى باشلىغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى چېڭدۇ مۈشۈكئېيىق كۆپىيىش تەتقىقات بازىسىغا كېلىپ، بۇ يەردىكى مۈشۈكئېيىق بالىلىرى بىلەن قىزغىن «كۆرۈشتى» ھەمدە بىر مۈشۈكئېيىقنى بېقىۋالدى. بۇ مۈشۈكئېيىق ئارانلا بىر ياش بولۇپ، ئەسلى ئىسمى ماۋ دوۋ، بىراق مايۋەزېرنىڭ «بالىسى»غا ئايلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ يېپيېڭى ئىسمى TMT فېس لىلويد مايۋەزېر بولدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号